ئەركىن تۇنىياز ئىلى ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى
ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تاماملاش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، قورغاس، 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ قورغاس شەھىرى، قورغاس ناھىيەسىگە كېلىپ، نۇقتىلىق تۈر، سانائەت ئىقتىسادى، سىرتقا ئېچىۋېتىش، كەسىپ تەرەققىياتى قاتارلىقلارنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ئىشلەۋاتقان خىزمەتچى - خادىملارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، باتۇرلۇق بىلەن ئالدىنقى قاتاردا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەم - كوتسىز ھالدا نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ياخشى تۇتۇپ، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تاماملاش كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى تۈگۈنى يىغىش - تارقىتىش - توشۇشنى تۇتاشتۇرۇش لىنىيەسى قۇرۇلۇش تۈرى نەق مەيدانىغا كېلىپ، قۇرۇلۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ، سۈپەت بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، قۇرۇلۇش مۇددىتىنى تەتۈر ساناق بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇپ، سۈرئەتنى تېزلىتىپ، تۈرلەرنى بالدۇر پۈتتۈرۈش، ئۇنىڭدا بالدۇر ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، بالدۇر مەنپەئەتلىنىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ ئاقىل پورت قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ ماللارنى جەلپ قىلىپ يىغىپ - توشۇپ، ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنىنىڭ ئىقتىدارىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. S28 لىنىيەسى غۇلجا يېڭى ئايرودۇرۇمى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: قۇرۇلۇش قىلىش ئالتۇن مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، يىللىق مەبلەغ سېلىش ۋەزىپىسىنى چىڭ كۆزلەپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، چىڭ تۇتۇپ تېز ئىشلەپ، بىخەتەرلىك، سۈپەت، سۈرئەتنى ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
دۆلەت دورىگەرلىكى تيەنمۇخۇ بىيو پەن - تېخنىكا (شىنجاڭ) چەكلىك شىركىتىدە، ئەركىن تۇنىياز كارخانىنى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى قوللىنىش، ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىشقا ئىلھاملاندۇردى. قورغاس سانائەت باغچە رايونىنىڭ ئۆلچەملەشكەن زاۋۇت ئۆيلىرىنى ئۆزگەرتىپ پايدىلىنىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: كەسىپلەرنى مۇۋاپىق ئالدىن پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، يول ئىقتىسادىنىڭ كەسىپ ئىقتىسادىغا ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش كېرەك.
جۇڭگو - قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە يېتىشتۈرۈش مەركىزىدە ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى، تور تىجارەت - سودىسى، ئامباردا ساقلاش - ئەشيا ئوبوروتى، سېتىشتىن كېيىنكى رېمونت قىلىش - ئاسراش قاتارلىق كەسىپ ھالەتلىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاپتوموبىل ئېكسپورتىدىكى تېخىمۇ كۆپ ئەندىزىدە يېڭىلىق يارىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى پورتلار بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەنگەن چېگرا ھالقىغان ئاپتوموبىل كەسپى ئېگىزلىكى بەرپا قىلىش كېرەك.
جېجياڭ - شىنجاڭ كەسىپلەر ھەمكارلىق باغچىسىدا، ئەركىن تۇنىياز باغچە رايونىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، كارخانىلارنىڭ ماكانلىشىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باغچە رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، جېجياڭ ئۆلكىسى ھەم تەرەققىي تاپقان رايونلارنىڭ تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار، مەبلەغ ئەۋزەللىكىنى بۇ جاينىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى، رايون ئورنى قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ھېسابلاش كۈچى، ئىلغار جابدۇق ياسىمىچىلىقى، بىيو تېببىي دورا قاتارلىق كەسىپلەرنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ، باغچە رايونىنى شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىمنىڭ كەسىپ ھەمكارلىقىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش ئۆرنىكىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: ئىلى ئوبلاستى مۇقىملىقنى قوغداشنى باشتىن - ئاخىر باش ئورۇنغا قويۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، پورت دۆلەت دەرۋازىسىنى ياخشى ساقلاپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئادەتتىن تاشقىرى ئىرادە ۋە تەدبىر ئارقىلىق، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، سانائەت ئىقتىسادىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت - ساياھەت ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ماھىيەتلىك بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. مەركەز كۆزىتىش، ئىقتىسادىي تەپتىش، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش نازارەتچىلىكى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باھالاش - تەكشۈرۈش بويىچە قايتما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىي نەتىجە يارىتىش ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.