خۇاڭ چياڭ، چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز پائالىيەتكە قاتناشتى

8 - ئاينىڭ 31 - كۈنىدىن 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنىگىچە، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋە ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈردى، ئۇدۇللاشتۇردى. 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، جىلىن ئۆلكىسى . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنىدىن 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنىگىچە، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋە ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈردى، ئۇدۇللاشتۇردى. ئىككى تەرەپ خىزمەت سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي لىنىيەسىنى چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جىلىن - شىنجاڭ ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. جىلىن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ چياڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، جىلىن ئۆلكىسى . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن جىلىن ئۆلكىسىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىشىدە، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى. جىلىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ھەر تەرەپلىمە قوللاپ، ئىللىق، چوڭقۇر، كۈچلۈك بولغان شىنجاڭغا ياردەم بېرىش جاۋاب قەغىزىنى پۈتتى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بۇنى قەلبىدە چىڭ ساقلايدۇ. ئىككى ئۆلكە - ئاپتونوم رايوننىڭ 10 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسىپ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىشىغا كۈچ قوشۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى؛ قار - مۇز ئىقتىسادىنى ئورتاق گۈللەندۈرۈپ، قار - مۇز كەسپىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، «مۇزنى قاشتېشىغا، قارنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرۇش»تىن ئىبارەت بۇ ئىشنى ئورتاق ياخشى ئىشلىشىنى؛ ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىش سۇپىسىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، خەلقئارا بازارنى ئورتاق ئېچىپ، قول تۇتۇشۇپ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشقا مۇلازىمەت قىلىشى ۋە سىڭىشىشىنى؛ ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشى ۋە مەدەنىيەت - ساياھەت ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشىنى؛ شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى كېڭەيتىپ، ئىختىساسلىقلارنى تاللاپ ئەۋەتىش ۋە يېتىشتۈرۈش ھەمكارلىق مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
خۇاڭ چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى كەم - كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى. شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى ماختاشقا ئەرزىيدۇ، كىشىنى قايىل قىلىدۇ، بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ دانا، توغرا ئىكەنلىكىنى كۈچلۈك ئىسپاتلىدى. بىز شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئېغىر ۋەزىپىنى باتۇرلۇق بىلەن ئۈستىگە ئېلىشتەك بۇرچ - مەسئۇلىيەتچانلىقىنى، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش، دادىل بۆسۈش ھاسىل قىلىپ ماھىرلىق بىلەن ئىشلەشتەك ئالغا ئىنتىلىش ئېڭىنى، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەشتەك تۆھپە قوشۇش روھىنى ئۆگىنىپ، جىلىننىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولىمىز. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جىلىنغا تاپشۇرغان مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش دەل پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلغانلىقتۇر. بىز دىققەتنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، كەسىپ يېتىلدۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇش، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، نىشانلىق ياردەم بېرىشكە دائىر تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ جايىدا، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولىمىز. جىلىن - شىنجاڭ ھەمكارلىقىنىڭ تارىخى ئۇزاق، ئاساسى پۇختا، ئىستىقبالى پارلاق. جىلىن شىنجاڭ بىلەن كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشتە ماس قەدەمدە ھەمتۈرتكە بولۇپ، قار - مۇز ئىقتىسادىدا ئۆزئارا تۈرتكە بولۇپ ئورتاق گۈللىنىپ، قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشنى خالايدۇ.
سۆھبەت يىغىنىدا، ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە جىلىن بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق ئەھۋالى، جىلىننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئىككى تەرەپ ھەدىيە قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە ئالتاي ۋىلايىتىگە بېرىپ، ئېچىۋېتىش تۈگۈنى، كەسىپلەر باغچە رايونى، مەكتەپ، دوختۇرخانا، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - مۇزېي مەيدان - سارايلىرى قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، نۇقتىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى ئالغا سىلجىتىش ۋە ئىككى ئۆلكە - ئاپتونوم رايوننىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق ئەھۋالىنى تەكشۈردى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى ھەم سۆھبەت يىغىنى ئاچتى.
جىلىن ئۆلكىسى رەھبەرلىرىدىن سەي دۇڭ، ۋاڭ زىليەن، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن جاڭ يىڭچۇن، قادېن كەبىن ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.