− يولداش چېن شياۋجياڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك كومىتېتىغا ۋاكالىتەن قۇرۇلتايغا بەرگەن دوكلاتىدىن ئۈزۈندە
يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئۆتكەن بەش يىلدا شىنجاڭ خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشتۇق
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيە جەھەتتىن كۆزىتىش ۋە پىلانلاشتا چىڭ تۇردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىككى قېتىم مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، تۆت قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ، خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانى ۋە خىزمەت ئاساسىي لىنىيەسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى، شىنجاڭغا دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى بەلگىلەپ بەردى، بۇ ئارقىلىق شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىپ، ئۇنى تۈپ قوللانمىغا ئىگە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلدى، شىنجاڭ ئەڭ ياخشى تەرەققىي قىلغان، ئەڭ زور ئۆزگىرىش بولغان، ھەر مىللەت ئاممىسى ئەڭ كۆپ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشكەن تارىخىي مەزگىلگە كىردى.
ئۆتكەن بەش يىل شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش مۇساپىسىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يەڭگەن، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلىرى، ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش ئويلىشىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ۋە ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك ئىشلارنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى.
− ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇشقا كەڭ دائىرىدە قۇدرەتلىك كۈچ توپلىدۇق. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، مۇھىم سۆز قىلدى، مۇھىم يوليورۇق بەردى، مۇھىم بېغىشلىما يېزىپ بەردى، بۇ، پارتىيە ۋە دۆلەت تارىخىدا تۇنجى قېتىم بولغان، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە مۇھىم ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىش.
پۈتۈن شىنجاڭدا يۇقىرىدىن - تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن تىرىشىپ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە غەمخورلۇقىنى، تەبرىكلەش پائالىيىتىدە ئۇرغۇپ چىققان پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيۈش قىزغىنلىقىنى شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشتىكى مۇستەھكەم ئىشەنچكە ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا تىنچ، ئاسايىشلىق، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان يېڭى كەيپىياتنى بارلىققا كەلتۈردۇق.
− تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىنى ساقلىدۇق. جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى 1 - ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تىنچ شىنجاڭ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشتۇق، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى جەھەتتىكى رازىمەنلىك دەرىجىسى %99تىن يۇقىرى بولدى. ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى قەتئىي ئېغىشماي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئىقتىدارىمىزنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردۇق. زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئاشۇردۇق.
− جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتۇق. شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئارقىلىق قەلبنى ئوزۇقلاندۇردۇق، مىللەتلەر ئىشلىرى، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردۇق، مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشى سىجىل چوڭقۇرلاشتى. 360 مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت ياش ئۆسمۈر «ۋەتەن مۇھەببىتى · جۇڭخۇا سەپىرى» تېمىسىدىكى مۇھاكىمىلىق ئۆگىنىش پائالىيىتىگە قاتناشتى، بىر تۈركۈم نادىر ئەسەرلەر قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى قەشقەر شۆبە مەيدانى پۈتۈن مەملىكەتنى ھەيران قالدۇردى، «كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» «شىنجاڭ دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول مۇسابىقىسى» قەلبنى ئىللىتتى، كۈچنى مۇجەسسەملىدى.
− زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا پۇختا قەدەم تاشلىدۇق. «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %5.9 ئېشىپ، 2025 - يىلى 2 تىرىليون 150 مىليارد يۈەنگە يەتتى، ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمى 189 مىليون كىلوۋاتقا يەتتى، شىنجاڭدىن سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى 600 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئاشتى، بۇنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى يېشىل توك. ئاشلىق ھوسۇلى 16 مىليارد 980 مىليون جىڭ ئېشىپ، ئېشىش مىقدارى مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى، پاختا مەھسۇلاتى ئۇدا تۆت يىل پۈتۈن مەملىكەتنىڭ توققۇز ئۈلۈشىدىن كۆپرەكنى ئىگىلىدى، تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتى، ئۈرۈمچى - لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى قاتارلىق زور بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ ئۇل ئەسلىھەلەرنى پۈتتۈرۈپ ئىشقا كىرىشتۈردۇق.
− خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ياخشى قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈردۇق. ھەر يىلى %70تىن ئارتۇق مالىيە چىقىمىنى خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىشتە چىڭ تۇردۇق، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىدۇق، كېڭەيتتۇق، شەھەر - بازارلاردا 2 مىليون 392 مىڭ كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 20 مىڭ يۈەنلىك ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتتى، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق ئىجتىمائىي ئىشلارنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇردۇق، تەكلىماكان قۇملۇقىنى چۆرىدىگەن 3046 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئېكولوگىيە توسۇقىنى تۇتاشتۇردۇق، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى باياشاتلاشتى.
− جەنۇبىي شىنجاڭدا تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئومۇمىي قىياپىتىدە خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردۇق. «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %6.2 ئېشىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولدى. باغۋەنچىلىك، نېفىت -گاز، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، يېشىل كانچىلىق، مەدەنىيەت - ساياھەت قاتارلىق ئۆزگىچە، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتتۇق، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ۋىلايەت، ئوبلاستلارنى تولۇق كۇرس ئالىي مەكتەپلىرى بىلەن تولۇق قاپلاشنى تارىخىي خاراكتېرلىك ئىشقا ئاشۇردۇق، زامانىۋى مەدەنىيلىك يېتىلدۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتتۇق، ئىناق گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇق، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى بازىسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدۇق، يېڭىدىن چېگرا ناھىيە تەسىس قىلىش قۇرۇلۇشىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتتۇق.
− بىڭتۇەننىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئالاھىدە رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇردۇق. «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، بىڭتۇەننىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %6.1 ئاشتى، ئاشلىقنىڭ بىرلىك ھوسۇلى ئۇدا 13 يىل مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك يىرىك پىلاننى بىر گەۋدە قىلىپ تۈزۈش، شى بىلەن شەھەردە بىر شەھەرنى ئورتاق قۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى، يۇغۇرما تەرەققىيات تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلگە كىردى، بىڭتۇەننىڭ «مۇقىملاشتۇرغۇچ، چوڭ پېچ، ئۈلگە رايونى» بولۇش رولى تېخىمۇ نامايان بولۇپ، چېگرا رايوننى مۇستەھكەملەش، قەلبنى مۇجەسسەملەش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا مۇھىم تۆھپە قوشتى.
− پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدۇق. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى بىر قاتار مەركەزلىك تەربىيەنى ئەستايىدىل قانات يايدۇردۇق، پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتۇق، مەركەزنىڭ كۆزىتىش قايتما ئىنكاس پىكرى بويىچە تۈزىتىشتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتۇق. سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتۇق. ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقى مۇستەھكەملەندى ۋە راۋاجلاندى، پارتىيەنىڭ بايرىقى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا جەۋلان قىلدى.
ئۆتكەن بەش يىلدا شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشى تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن بولدى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى، بۇنىڭغا مەركىزىي كومىتېت ئورگىنى ۋە دۆلەت ئورگىنىدىكى تارماقلارنىڭ، قېرىنداش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەرنىڭ، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ شەخسىيەتسىز تۆھپىسى مۇجەسسەملەنگەن، بۇ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلىرى، ئاممىسىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشقانلىقى، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.
يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، شۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇقكى، «ئىككىنى تىكلەش» بىزنىڭ بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەرنى يېڭىشىمىز، بارلىق ئېنىقسىزلىققا تاقابىل تۇرۇشىمىزدىكى ئەڭ زور ئېنىقلىق، ئەڭ زور كاپالەت. شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، يۆنىلىشكە، تۈپ ئاساسقا، ئومۇملۇققا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىشلار، مۇھىم ئىشلارنى تۇتۇپ، سىجىل كۈچەش، تۇتقىنى تۇتۇش ئارقىلىق ھەممە ئىشلارنى يۈرۈشتۈرۈش شەرت. ئەڭ مۇھىمى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈش، سادىقلىق بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىش بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەپ، تۈرلۈك تەدبىرلەردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇددىئاسى، سىياسەت تۈزۈش مەقسىتى ۋە خىزمەت تەلىپى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاچقۇچ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش بولۇپ، بىر پۈتۈنلۈككە، سىستېمىلىقلىققا، ئىستراتېگىيەلىككە، دەللىككە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئېغىپ كەتمەسلىك، ئۆزگەرتىۋەتمەسلىك، قېيىپ كەتمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مۇھىم نۇقتا جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش ئويلىشىش بولۇپ، مۇقىملىقنى 1 - ئورۇنغا قويۇشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىقنى تۇتۇش بىلەن تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتىكى خىزمەتنى بىرتۇتاش پىلانلاش، بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىق ئارقىلىق تەرەققىياتقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، تەرەققىيات ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئاساسىي لىنىيە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش بولۇپ، «مۇستەھكەملەش» خىزمىتىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، پۇختا ئىشلەپ، سىياسىي جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، قەلبنى مايىل قىلىش مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يول «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، ئۆز ئالاھىدىلىكىمىزگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىش بولۇپ، دىققەتنى دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارى، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات غەلىبە ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، تەرەققىيات ئارقىلىق ئىتتىپاقلىقنى تېخىمۇ ياخشى كۈچەيتىپ، قەلبنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى ماددىي ئاساس سېلىش كېرەك.
ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىنى ئېنىق تونۇپ، ئىشەنچ ۋە ئىرادىنى چىڭىتىپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك
«15 - بەش يىل» مەزگىلى شىنجاڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئاساسنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشتا پۇختا ئاساس ھازىرلىدۇق، زور پۇرسەتكە ئېرىشتۇق. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شىنجاڭنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە ئارقىدا قالماسلىقى، سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا يەنە نۇرغۇن خىرىسقا دۇچ كەلمەكتىمىز. بىز بۇرچ - مەسئۇلىيەت تۇيغۇمىزنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزگىرىشنى تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ھازىرلىنىپ، ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، زېھنىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ شىنجاڭنىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ تۈزۈپ بەرگەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانىنى تىرىشىپ گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.
بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى مۇنداق: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپتۇرۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بەلگىلەپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش ئويلىشىپ، خەلق تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشى زىچ چۆرىدىگەن، قەلبنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملىگەن ھالدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇش.
بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ نىشان - ۋەزىپىسى مۇنداق: جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىملىقىنى ساقلاپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش؛ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى قەلبتىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش؛ ئۆزگىچە، ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش؛ ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ھەر تەرەپلىمە ئۆستۈرۈش؛ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىي كۈچى ۋە مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، مائارىپ كۈچلۈك رايونى، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك رايونى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك رايونى ۋە مەدەنىيەت كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى يېشىشتە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە تېخىمۇ پايدىلىق بولغان كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى سىجىل كۈچەيتىش؛ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىدا يېڭى زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ غەربىي شىمالدىكى ئېكولوگىيە خەۋپسىزلىكى توسۇقىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش؛ بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش يېڭى ئەۋزەللىكىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈش؛ پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش. مۇشۇ ئاساستا داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، 2035 - يىلىغا بارغاندا، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنى سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ئىقتىساد ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، مەدەنىيەت ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچىنى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسى، ماددىي ئاساسى، قانۇنچىللىق ئاساسى ۋە ئىجتىمائىي ئاساسىنى تېخىمۇ پۇختىلاپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش.
ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى نىشانلاپ، مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇشتا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك
(1) «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بايراق روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، «يەتتە خىل قىلمىش» قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ كۈچەپ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، پارتىيەگە سادىق بولۇشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، باشتىن - ئاخىر سىياسىي جەھەتتە زېرەك ئادەم، سەمىمىي ئادەم بولۇش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ كۆزىتىش قايتما ئىنكاس پىكرى بويىچە تۈزىتىشنى دائىملىق، سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سىياسەت - بۇيرۇقلىرىنىڭ راۋان بولۇشى، قەتئىي ئىجرا قىلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
(2) جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باشتىن - ئاخىر 1 - ئورۇنغا قويۇپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتى مۇقىم بولغان، ياخشىلىنىۋاتقان ۋەزىيەتنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش كېرەك. مۇقىملىقنى 1 - ئورۇنغا قويۇش جەھەتتە ئىدىيەنى، تونۇشنى، ھەرىكەتنى قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق بىرلىشىپ چېگرا رايوننى كۈچەيتىش، چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەشنى چىڭىتىپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئەرزىيەت زىددىيەت ماجىرالىرىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈگىتىش ۋە مەنبەدىن تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە تىنچ شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك.
(3) جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەپ، «جۇڭگو قەلبى، جۇڭخۇا روھى»نى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزۇش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى»نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولغا قويۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى يولغا قويۇشقا دائىر يەرلىك نىزامىنى چىقىرىش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش جەھەتتىكى تەتقىقات، چۈشەندۈرۈش ۋە تەشۋىق - تەربىيەنى كۈچەيتىپ، «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى» «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ دىن تارىخى»نى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، شۇ ھەقتە تەربىيەلەش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى كېڭەيتىش، ئومۇملاشتۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەشۋىقات ھەپتىلىكى، تەربىيە ئېيى پائالىيىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» پائالىيىتىنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، ياش - ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان «ئاساسنى پۇختىلاش» قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، گىرەلەشمە جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتى بەرپا قىلىپ، مىللەتلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
(4) خەلق تۇرمۇشىنى زىچ چۆرىدەش، قەلبنى مۇجەسسەملەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ بايلىق شارائىتى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى، كەسىپ ئاساسى ۋە مۇھىتنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىغا قويۇپ، ئۆز ئالاھىدىلىكىمىزگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى، ئەلا، ياخشى يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۆزگىچە، ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، تەرەققىيات قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يۆنىلىش ۋە ياسىمىچىلىقنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش، يېشىللىشىش، يۇغۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى يېتەكچى قىلىپ، «كۆپ زەنجىر ماسلاشقان، يېشىل - تۆۋەن كاربونلۇق بولغان، ئېچىۋېتىلگەن - يۇغۇرۇلغان» رىقابەت كۈچىگە ئىگە زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ، يۈكسەلدۈرۈپ، يېشىل خىمىيە سانائىتى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىدە ئاساسىي خام ماتېرىيال ئىشلەپچىقىرىشتىن يۇقىرى قوشۇلما قىممەتلىك مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشقا ئۆتۈشنى ئالغا سىلجىتىش؛ ئۆزگىچە كەسىپلەرنى سەرخىللاشتۇرۇپ، كۈچەيتىپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىدە ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇپ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى بويىچە تەرەققىي قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسىپ ھالىتىدە يېڭىلىق يارىتىش، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ يېڭى گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، يېڭى ماتېرىيال، ئىلغار جابدۇق، تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ كۆلەملىشىپ، يۇغۇرۇلۇپ تەرەققىي قىلىشىغا تېز تۈرتكە بولۇش؛ كېلەچەك كەسىپلىرىنى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، دىققەتنى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، يېشىل ھىدروگېن ئاساسىدىكى ئېنېرگىيە، بىيوياسىمىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇھىتتا قوللىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىش، ماكانلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. پائال تۈردە سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، نەرسىگە مەبلەغ سېلىش بىلەن ئادەمگە مەبلەغ سېلىشنىڭ زىچ بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسى، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى قاتارلىق نۇقتىلىق تەرەپلەردىكى سېلىنما سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېتەكلەش كۈچى كۈچلۈك، شارائىتى پىشىپ يېتىلگەن «ئىككى مۇھىم» قاتارلىق تۈرلەردە تېزدىن ئىش باشلاپ قۇرۇلۇش قىلىش؛ خەلق ئىچى سېلىنمىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىرقانچە تەدبىرنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، پۇقراۋى كارخانىلار چوڭ - چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا قاتنىشىش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دىققەتنى سېلىنما مىقدارى زور، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىش ئارزۇسى كۈچلۈك بولغان كەسىپ، ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق ئىچى كاپىتالىنىڭ قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىدىغان تۈر تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنى مەبلەغ سېلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، مەبلەغ سېلىشنى خالايدىغان، مەبلەغ سالالايدىغان، خاتىرجەم مەبلەغ سالىدىغان قىلىش كېرەك. ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك مۇلازىمەتچىلىكنىڭ كەسىپلىشىشىنى ۋە قىممەت زەنجىرىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە قاراپ كېڭىيىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تۇرمۇش مۇلازىمىتى ئىستېمالىنىڭ قولايلىشىشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىيات تىپىدىكى ئىستېمال قۇۋۋىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ياخشىلاش تىپىدىكى ئىستېمالنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش بىلەن ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ بىرلەشتۈرۈش؛ ئەلا سۈپەتلىك ئىستېمال بۇيۇملىرى ۋە مۇلازىمەت تەمىناتىنى ئۈنۈملۈك كۆپەيتىپ، «ئىككى يېڭىلاش» سىياسىتىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، ئىستېمال يېڭى مۇھىتىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، ئاپتوموبىل، تۇرالغۇ، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى قاتارلىق كۆپ مىقدارلىق ئىستېمالنى مۇستەھكەملەپ، رەقەملىك، يېشىل، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېڭىچە ئىستېمالنى كېڭەيتىپ، قار - مۇز ساياھىتى، تەنتەربىيە مۇسابىقىسى، ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى قاتارلىق مۇلازىمەت ئىستېمالىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغىتىش كېرەك. زامانىۋىلاشقان ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «ئالتە تور» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، يېڭى گۈللىنىۋاتقان ساھەلەرنىڭ يانداش ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، بىر تۈركۈم تۆمۈريول، تاشيول قاتارلىق چوڭ - چوڭ تۈرلەرنى تېز يولغا قويۇپ، «شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش» ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، بىر تۈركۈم پۇقراۋى تىرانسپورت ئايرودۇرۇمى ۋە ھەممىباب ئايرودۇرۇمنى يېڭىدىن قۇرۇپ، ئۆزگەرتىپ - كېڭەيتىپ قۇرۇپ، سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېڭىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى ۋە شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش يولىنى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تور، سانلىق مەلۇمات مەركىزى قاتارلىق يېڭىچە ئۇل ئەسلىھەلەرنى جايلاشتۇرۇپ، «ھېسابلاش كۈچى بىلەن ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى ماسلاشتۇرۇش» «ھېسابلاش كۈچى بىلەن سۇنى ماسلاشتۇرۇش» ۋە يېشىل توكنى بىۋاسىتە ئۇلاش قاتارلىق ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرلىرىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، شامال - يورۇقلۇق ئېلېكتىرىنى ئىشلىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىغا تېخىمۇ ياخشى تىرەك بولۇش كېرەك. ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مالىيە، پۇل مۇئامىلە، ئېنېرگىيە، بايلىق، يېزا ئىگىلىكى، يېزا قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنى كۈچەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ، زورايتىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان 1 - قاتاردىكى تىجارەت - سودا مۇھىتىنى كۈچەپ يارىتىش؛ مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ، شەرقىي، ئوتتۇرا رايوندىن يۆتكىلىدىغان كەسىپلەرنى پائال قوبۇل قىلىش، ھەر خىل باغچە رايونى (تەرەققىيات رايونى)نىڭ تەرەققىيات سۈپەت ئۈنۈمى ۋە كەسىپلەرنى توپلاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئىلى كەسىپلەر ھەمكارلىقى باغچە رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايوننى يۇقىرى سۈپەتتە قۇرۇپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (ئۈرۈمچى) يىغىلىش مەركىزىنىڭ تۈگۈنلۈك رولىنى كۈچەيتىپ، ئالاتاۋ پورتى، قورغاس پورتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىپ، پورتلارنى ئاقىللاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون، چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى، نۇقتىلىق ئېچىش - ئېچىۋېتىش سىناق رايونى قاتارلىق ئېچىۋېتىش سۇپىلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، سېلىنما ۋە سودىنىڭ قولايلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش؛ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسىدىكى جايلار ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى، ئالتاينى چۆرىدىگەن ئىككىلەمچى رايون خەلقئارا ھەمكارلىق يىغىنىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر ۋە رايونلار بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتىنى بىر گەۋدە قىلىپ ئالغا سىلجىتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، رەقەملىك شىنجاڭ، رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېشىل ھېسابلاش كۈچى قاتارلىق يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى شارائىتقا قاراپ راۋاجلاندۇرۇپ، ئەمەلىي ئىقتىساد بىلەن رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ ئورگانىك يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسى شىنجاڭ بازىسى قاتارلىق پەن تەتقىقات سۇپىلىرىنى ياخشى قۇرۇپ ۋە ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى كۈچەيتىپ، ئۇل تەتقىقات، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋە پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش، قوللىنىشنى كۈچەيتىپ، 3 - قېتىملىق ئىلمىي تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش، توپلاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ۋە يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەرەققىياتنى تېزلىتىشىگە مەدەت بېرىپ، تىرىشىپ زامانىۋىلاشقان خەلقئارا شەھەر ۋە دۆلەتنىڭ غەربىي رايوندىكى مۇھىم مەركىزىي شەھىرى، خەلقئارالىق ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈنى شەھىرى قىلىپ قۇرۇش؛ ئۈرۈمچى مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، قەشقەر، غۇلجا قاتارلىق رايون مەركىزىي شەھەرلىرىنى زورايتىپ، كۈچەيتىپ، شەھەر مەركىزىنى يۇقىرى سۈپەتتە پىلانلاپ قۇرۇپ، ناھىيە بازىرىنى مۇھىم ۋاسىتە قىلغان شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تۈرلەر بويىچە ئالغا سىلجىتىپ، خاسلىققا ئىگە، بەس - بەستە تەرەققىي قىلىدىغان ناھىيە ئىقتىسادى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش؛ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك كەسپىدە «ئاشلىق كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، پاختىچىلىقنى ئەلالاشتۇرۇش، باغۋەنچىلىكنى كۈچەيتىش، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش، ئۆزگىچە كەسىپلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش، سۈپەت - ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش، كىرىمنى ئاشۇرۇش»نى ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە، چوڭقۇر پىششىقلاش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى ماركا ئارقىلىق كۈچەيتىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، كەسىپ بىلەن ئېھتىياجنى جىپسىلاشتۇرۇش، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلاردا 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىش؛ «مىڭ - تۈمەن قۇرۇلۇشى» تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە تەتبىقلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزىلارنىڭ زامانىۋى تۇرمۇش شارائىتىدىكى كەمتۈكلۈكنى مۇۋاپىق تولۇقلاپ، ياشاشقا، ئىشلەشكە باب كېلىدىغان ئىناق - گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، يېزا - كەنت ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، يېزا ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ مۇكەممەللىك دەرىجىسى، ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ قولايلىق دەرىجىسى، ياشاش مۇھىتىنىڭ ئازادىلىك دەرىجىسىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈش؛ شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا دائىر تۈزۈلمە - مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سانائەت بىلەن يېزا ئىگىلىكى بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شەھەر بىلەن يېزا بىر - بىرىنى تولۇقلاش، ئومۇميۈزلۈك يۇغۇرۇلۇش، ئورتاق گۈللىنىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
(5) كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ساپ، بەخت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى تەرەققىيات مۇساپىسىگە كەڭ قاتناشتۇرۇش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تولۇق ھەمبەھرىلەش كېرەك. ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشىنى تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەر بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش سىغىمىنى ئاشۇرۇش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، يېزا ئەمگەك كۈچلىرى، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلار قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى ياخشى تۇتۇپ، بىرمۇ ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئائىلىلەرنى ئۇدۇللۇق تۈگىتىپ، شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمنىڭ ئېشىشى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى بىلەن ئاساسەن ماس قەدەمدە بولۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، يەسلى مائارىپىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، ئومۇمىي مەنپەئەتدار بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئەلا سۈپەتلىك، تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، ناھىيەنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مائارىپ بايلىقى تەمىناتىنى ئاشۇرۇپ، ئادەتتىكى مائارىپ بىلەن كەسپىي مائارىپنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، كەسپىي مائارىپ بىلەن كەسپىي تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەشنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، كەسىپ بىلەن مائارىپنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئوقۇتقۇچى جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، شەھەر - يېزىلار، رايونلار، مەكتەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى تەدرىجىي كىچىكلىتىش؛ ئالىي مائارىپنىڭ جايلىشىشىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، شىنجاڭ جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى شۆيۈەنى، شىنجاڭ چەت ئەل تىلى شۆيۈەنىنى قۇرۇپ، ياخشى باشقۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىنى تۈرلەر بويىچە ئالغا سىلجىتىپ، پەن تەسىس قىلىش مېخانىزمى ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ «چوڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس» قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى خاتىرجەم قىلىدىغان، ۋەتەننى سۆيۈپ ئۆزىنى بېغىشلايدىغان، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان تېخىمۇ كۆپ دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. ساغلام شىنجاڭ قۇرۇشنى تېزلىتىپ، مەملىكەتلىك سەھىيە ۋە ساغلاملىق يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ساغلاملىقنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، ئاساسىي قاتلامنى داۋالاش - ساقلىق ساقلاش جەھەتتە كۈچەيتىش قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ تۆۋەنگە يۈزلەندۈرۈش ۋە تەكشى جايلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي قاتلام داۋالاش - ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە ئۈچ دەرىجىلىك داۋالاش - جىددىي قۇتقۇزۇش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، سوزۇلما كېسەل، يەرلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش ۋە ئانا - بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پىسخىكا ساغلاملىقى ۋە روھىي ساغلاملىق مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈشنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش؛ جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىگە ۋارىسلىق قىلىشنى ۋە ئۇنىڭ ئىجادىي تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساغلاملىق كەسپىنى زورايتىش، كۈچەيتىش؛ ئاممىۋى مەنپەئەت خاراكتېرىنى يۆنىلىش قىلغان ھالدا ھۆكۈمەت دوختۇرخانىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ناھىيە، رايون، ئاساسىي قاتلامدىكى داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ يۈرۈشۈش كاپالىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ باراۋەرلىشىشىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈش، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار، دېھقان ئىشلەمچىلەر، يېڭىچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەر سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىش، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنى تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىغا قاتناشتۇرۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ شەھەر - يېزىلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمىنى ھەرىكەتچان تەڭشەپ، «ياشانغانلار ۋە بالىلار»غا مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، بالا بېقىش ياردەم پۇلى سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مېيىپلەر، روھىي توسالغۇسى بارلارنى ئىجتىمائىي كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئۇلارغا غەمخورلۇق - مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى ھەقىقىي ساقلاش، پۇختا ساقلاش كېرەك. ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شەھەر يېڭىلاش، كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىشنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، بىخەتەر، راھەت، يېشىل، ئاقىل «ياخشى ئۆي» سېلىپ، قىشلىق پار بىلەن تەمىنلەش، قاتناش - يول يۈرۈش، تېز يەتكۈزۈشنى كەنتكە كىرگۈزۈش، ئۆي - جاي مۇلازىمىتى قاتارلىق ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ «يانچۇق باغچە»، يېشىل - سالقىن پىيادىلەر يولى، مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيەت مەيدانى ياساپ، مەھەللە ئاشخانىسىنى ياخشى باشقۇرۇپ، مەكتەپ تامىقى، توردا سېتىۋېلىنىدىغان يېمەك - ئىچمەك، دورا قاتارلىق يېمەكلىك، دورىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، 12345، شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى قاتارلىق مېخانىزملارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، قىيىنچىلىق - تەلەپلەرگە ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرۇپ، مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىغا ئۆزگىرىشنى بىلدۈرۈش، ئەمەلىي نەپ يەتكۈزۈش، ئىللىقلىق ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.
(6) گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىدە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭدا ئۆزگىچە، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، مەركەز كارخانىلىرى، دۆلەت كارخانىلىرى، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدا تىرەك بولۇش شارائىتى ياخشى، تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىغىمى زور بىر تۈركۈم تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىشى ۋە ئۇنى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىش، نېفىت - گاز كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قېزىلما بايلىقنى چارلاش - ئېچىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، بايلىقنى شۇ جايدا ئايلاندۇرۇش نىسبىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش؛ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى چوڭقۇر پىششىقلاش قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت يۇغۇرما كەسپى، مەدەنىيەت - تەنتەربىيە مۇسابىقىسى قاتارلىق خەلقنى بېيىتىش كەسىپلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، زامانىۋى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. زامانىۋى مەدەنىيلىك يېتىلدۈرۈشنى تېزلىتىش، ئىلىم - پەن ۋە قانۇن بىلىملىرىنى كەڭ ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا، كەنت ئىككى دەرىجىلىك تەشكىلاتنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇش كېرەك.
(7) شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قەلبى ئۇيۇشقان، مەنىۋى جەھەتتە بىر - بىرىگە تايىنىدىغان ئورتاق مەنىۋى ماكان بەرپا قىلىش كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، «سەمىمىي تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش» باش تېمىسىدىكى تەشۋىقاتنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى بىلەن قەلبداش ئىكەنلىكىگە دائىر ھېكايىلەرنى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىغا دائىر ھېكايىلەرنى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىگە دائىر ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلەش كېرەك. پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزم، سوتسىيالىزم تەشۋىق - تەربىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك. جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭ ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ۋە تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش، پايدىلىنىش قۇرۇلۇشىنى سىستېمىلىق پىلانلاپ يولغا قويۇش كېرەك. مەدەنىيەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈپ، راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئاساسىغا ئىگە، شىنجاڭ تارىخىنى توغرا ئەكس ئەتتۈرىدىغان، زامانىۋى مەدەنىيلىك يۇغۇرۇلغان، ئامما ياقتۇرىدىغان بىر تۈركۈم نادىر ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت بايلىقىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا كېڭىيىشىگە، يېزىلارنى قاپلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت جەلپكارلىقىنى نامايان قىلىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا قۇۋۋەت قوشۇش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار خەلقئارا تارقىتىش ئىقتىدارىنى تېزدىن ئاشۇرۇپ، «تەكلىپ قىلىش» سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، «چىقىرىش» سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئوچۇق، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، مۇقىم، گۈللەنگەن ھەقىقىي شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىش كېرەك.
(8) دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، دىن ساھەسىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى نەزەرىيەسى ۋە فاڭجېن - سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا دائىر سىياسەت - نىزاملارنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دىن خىزمىتىنىڭ قانۇنچىللىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىپ، دىن خىزمىتىدىكى «ئۈچ قوشۇن» قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دىن ساھەسىدىكى زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى قانۇن - نىزامدا بەلگىلەنگەن دائىرىدە پائالىيەتلەرنى ئاڭلىق قانات يايدۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەش كېرەك.
(9) ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە يېشىل تەرەققىي قىلىشنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك. شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، كاربوننى تۆۋەنلىتىش، بۇلغىمىنى ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ تىپىنى ئومۇميۈزلۈك يېشىل تەرەققىيات تىپىغا ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ غەربىي شىمالدىكى ئېكولوگىيە خەۋپسىزلىكى توسۇقىنى قەتئىي مۇستەھكەملەش كېرەك. «قوش كاربون» خىزمىتىنى پائال، سالماق ئالغا سىلجىتىپ، ئېنېرگىيە، سانائەت، قاتناش، شەھەر قۇرۇلۇشى، ئاممىۋى ئاپپارات قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، نۆل كاربونلۇق باغچە رايونى، نۆل كاربونلۇق زاۋۇت قۇرۇش كېرەك. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى چوڭقۇر، ياخشى قىلىپ، تيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق دەريا - كۆللەرنى قوغداش، تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك قىلىش كېرەك. سۇ بايلىقىدىن تۈجۈپىلىك، تېجەشلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، سۇ بايلىقى قاتتىق چەكلىمىسىنى كۈچەيتىپ، سۇ بايلىقىنى قوغداش، سۇ مۇھىتىنى تۈزەش، سۇ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، سۇ ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش خىزمىتىنى بىرتۇتاش ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە دائىر چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇپ، «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇش جېڭىنىڭ قاشالاش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەپ، يۈكسەلدۈرۈپ، گۇبانتۈڭگۈت قۇملۇقى ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تۈزەشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، يېشىل، ئېكولوگىيەلىك قۇملۇق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ كۆپ خىللىقى، مۇقىملىقى ۋە سىجىللىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.
(10) يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەننىڭ ئورۇن بېكىتمىسى تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش يېڭى ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈرۈشكە تېزدىن تۈرتكە بولۇش كېرەك. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك «بىر تاختا شاھمات» بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىڭتۇەننىڭ «ئۈچ چوڭ فۇنكسىيە»سى، «تۆت چوڭ رول»ىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى يەنىمۇ قوللاپ، بىڭتۇەننىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن، بىڭتۇەننىڭ ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنى يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلان لايىھەسى ۋە ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
(11) شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. ئاساسىي گەۋدىلىك رولىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مېخانىزمىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، «قان بېرىش» بىلەن «قان ئىشلەش»نىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ماسلىشىدىغان شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. شىنجاڭغا كەسىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، كەسىپلەرنى يۆتكەش ۋە تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ھەمكارلىق مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. مائارىپ، داۋالاش، پەن - تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، «ئۆمەك شەكلى»دە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىش كېرەك. شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى شىنجاڭدا يىلتىز تارتىش، تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىشقا جەلپ قىلىش كېرەك.
پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇشنى تۈپ كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك
شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە. شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى باش يېتەكچى قىلغان ھالدا پارتىيەنىڭ ھەرقايسى جەھەتتىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرنى قوللىنىپ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش كېرەك.
(1) پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. پارتىيەنى باشقۇرۇش - ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا، ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈش كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىپ، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجرا قىلىپ، تەدبىرنى ئىلمىي، قانۇن بويىچە، دېموكراتىك بەلگىلەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. سىياسىي نازارەتچىلىكنىڭ كونكرېتلىشىشى، دەل جايىدا بولۇشى، دائىملىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
(2) نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، «بىرىنچى قارالما» قاتارلىق ئۆگىنىش تۈزۈملىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي ئۆگىنىش، ھەقىقىي ئىشىنىش، ھەقىقىي ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. دائىملىق تەربىيە بىلەن مەركەزلىك تەربىيەنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كادىرلارنى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتكە تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىپ، چۈشەندۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنىڭ قەلبتىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
(3) توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك. ئۆگىنىش - تەربىيە نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، خەلق ئۈچۈن سىياسىي نەتىجە يارىتىش، ئەمەلىي ئىشلەپ سىياسىي نەتىجە يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي نەتىجە قارىشىدىكى ئېغىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزىتىش خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئوبراز قۇرۇلۇشى، سىياسىي نەتىجە قۇرۇلۇشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، يېڭى ئەمەلدار كونا ھېسابقا ئىگە بولماسلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك. ئىش قىلىش - نەتىجە يارىتىش ئىقتىدارى ۋە قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە، ئوبيېكتىپ قانۇنىيەت بويىچە ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.
(4) ئادەم تاللاش - ئىشلىتىشنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولغان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك. ئادەم تاللاش - ئىشلىتىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ياخشى كادىر ئۆلچىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياش باسقۇچى، ئوقۇش تارىخى قاتلىمى، كەسىپ ئارقا كۆرۈنۈشى، كېلىش مەنبەسى - كەچۈرمىشى ئوخشاش بولمىغان كادىرلارنى بىرتۇتاش ياخشى ئىشلىتىش كېرەك. كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش، تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش، چېنىقتۇرۇشتىكى چوڭ دەرسخانا قىلىش كېرەك. پەرقلىق سىناش - باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش، نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، بولۇپمۇ جاپالىق، چەت - يىراق رايونلاردىكى كادىرلارغا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك. جاھاندىكى ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىپ ئىشلىتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنىڭ بەس - بەستە ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئۆز ئىقتىدارىنى نامايان قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
(5) ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئۇلنى كۈچەيتىش، ئاساسنى پۇختىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنى مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام تەشكىلىي سىستېمىسىنى پۇختىلاش ۋە مۇستەھكەملەش كېرەك. پارتىيەنىڭ تەشكىلىي سىستېمىسى ۋە خىزمەت كۈچىنى ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈشكە سىجىل تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭى گۈللىنىۋاتقان ساھەلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا - بازار (كوچا)نىڭ مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىش كېرەك.
(6) پارتىيە ئىستىلى - پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، ما شىڭرۇي، لى پېڭشىن، چېن ۋېيجۈن قاتارلىقلارنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش دېلولىرىدىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، دېلودىن ئىبرەت ئېلىپ، دېلو ئارقىلىق ئىنتىزامنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، دېلو ئارقىلىق تۈزەشكە تۈرتكە بولۇپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان قىلىشنى بىر گەۋدە بويىچە ئالغا سىلجىتىش كېرەك. «ھالقىلىق ئاز سانلىقلار»غا، بولۇپمۇ «بىرىنچى باشلىق»قا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئىمتىياز ئىدىيەسىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئائىلە، ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ دائىملىشىشى، ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قەتئىي بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىسىنى تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «چىۋىندەك خىيانەتچىلىك، چۈمۈلىدەك چىرىكلىك»نى كۈچلۈك جازالاش كېرەك. شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى تېخىمۇ كۆپ زېھنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشقا سەرپ قىلىدىغان، تېخىمۇ كۆپ دىققىتىنى ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشكە قارىتىدىغان قىلىش كېرەك.
ئىتتىپاقلىق كۈچنى مۇجەسسەملەيدۇ، ئىتتىپاقلىق ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ. سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئورگانىك بىرلىككە كەلتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي كېڭىشىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى، سىياسىي كېڭەشلەرنىڭ كېڭىشىشى، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشىنى قوللاپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەر بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، قانۇنچىل شىنجاڭ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى بىر گەۋدە بويىچە ئالغا سىلجىتىپ، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىپ، ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە ئېتىبار بېرىش، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر خىزمىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، يېڭى دەۋردىكى دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىپ ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.
ھەممەيلەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئىشلىرىمىز ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ، ئىشنى ئوبدان قىلىپ نەتىجىلىك ئاخىرلاشتۇرۇپ، يېڭى سەپەردە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇشنى تېزلىتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشايلى!