چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز كۇچا شەھىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ ھال سورىدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك

10 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا شەھىرىدە بايرام مەزگىلىدە ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ئىشلەۋاتقان بىرىنچى سەپتىكى خىزمەتچى خادىملارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، جەمئىيەت مۇقىملىقى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، تۈر قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز كۇچا شەھىرىنىڭ ئۈچئۆستەڭ يېزىسى ئارا ئۆستەڭ كەنتىگە كېلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ، كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، ئائىلە تۇرمۇشى، خىزمەت كىرىمى، پەرزەنتلىرىنىڭ تەربىيەلىنىشى قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي سورىماقتا. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، كۇچا، 10 - ئاينىڭ 5 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: دەل دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 10 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا شەھىرىگە كېلىپ، بايرام مەزگىلىدە ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ئىشلەۋاتقان بىرىنچى سەپتىكى خىزمەتچى خادىملارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، جەمئىيەت مۇقىملىقى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، تۈر قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىم يۈكسىلىش ۋەزىيىتىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.
چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز كۇچا شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسىگە كېلىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، سىن ئارقىلىق پۈتۈن شىنجاڭدىكى قاتناش تۈگۈنلىرى، نۇقتىلىق مەنزىرە رايونلىرى، چېگرا پورتلىرى قاتارلىقلارنىڭ يۈرۈشۈش ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، قىسمەن ناھىيە، شەھەر، رايونلار ۋە بىڭتۇەننىڭ شى، شەھەرلىرىنىڭ بىخەتەرلىك، مۇقىملىق خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى، كۇچا شەھەرلىك ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزىدە زىددىيەت - ماجىرالارنى تۈگىتىش ۋە ئەرزىيەت مەسىلىلىرىنى تۈزەش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. چېن شياۋجياڭ بايرام مەزگىلىدە بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرۇپ ئىشلەۋاتقان ئاساسىي قاتلام سىياسىي - قانۇن كادىر - ساقچىلىرى، جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قوشۇنى، نۆۋەتچىلىك - دىجورنىلىق قىلىۋاتقان كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ھەم تۈرلۈك مۇلازىمەت - كاپالەت خادىملىرى قاتارلىقلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھەر مىللەت ئامما كاتتا بايرامنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزۈۋاتقان كۈنلەردە، سىلەر مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئۈن - تىنسىز تۆھپە قوشۇپ، سادىقلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش ۋە جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈش ئارقىلىق جەمئىيەت مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىۋاتىسىلەر، ھەممە ئائىلىلەرنىڭ خاتىرجەملىكىنى قوغداۋاتىسىلەر، كۆپچىلىك جاپا چەكتىڭلار. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار مۇقىملىقنى قوغداشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ئورۇنلار ۋە ئادەم زىچ توپلاشقان مەيدان - سورۇنلاردا بىخەتەرلىك باشقۇرۇش، مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەپ، زىددىيەت - ماجىرالارنى پائال تۈگىتىپ، تىرىشىپ ھەر مىللەت ئامما ئۈچۈن تىنچ - ئامان، ئىناق بايرام مۇھىتى يارىتىشى كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوت مۇداپىئەسى، قاتناش، ساياھەت قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەردىكى يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، تۈزەشنى كۈچەيتىپ، مېتېئورولوگىيە، گېئولوگىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئاپەتنى كۆزىتىش - ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە مۇداپىئەلىنىش، تاقابىل تۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغدىشى كېرەك.
چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز كۇچا شەھىرىنىڭ ئۈچئۆستەڭ يېزىسى ئارا ئۆستەڭ كەنتىگە كېلىپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرىنى يوقلىدى، ئاساسىي قاتلام مۇلازىمەت قىلىش - باشقۇرۇش، ئاممىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. چېن شياۋجياڭ مۇنداق دېدى: كۆپچىلىك يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە مۇقىملىق، تەرەققىياتنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئۇزاق مەزگىل تىرىشىپ ئىشلەپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ھەر مىللەت ئاممىغا ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بەردىڭلار. سىلەرنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، خەلق قەلبىنى ئىللىتىدىغان، خەلق رايىغا مايىللاشقان خىزمەتلەرنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىشلەپ، كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىدە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، ئائىلە تۇرمۇشى، خىزمەت كىرىمى، پەرزەنتلىرىنىڭ تەربىيەلىنىشى قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي سورىدى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشى، تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى. چېن شياۋجياڭ ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلارغا: پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، كەنت دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق ۋە ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىنى يېتەكلەپ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشنى ياخشى ئىشلەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى سىجىل كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى ئورتاق سىزىپ چىقىش، كېرەك، دەپ تاپىلىدى.
بايرامدا كۇچا كۈسەن تار كوچىسى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتكەنىدى، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بۇ جايدا «داكا» قىلىپ، سەيلە قىلىپ، ئۆزگىچە كونا شەھەر جەزبدارلىقىنى ھېس قىلدى. چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز بۇ جايغا كېلىپ، مەنزىرە رايونى تىجارىتى، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، كوچا بويىدا تىجارەت قىلىۋاتقان سودىگەرلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. چېن شياۋجياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەدەنىيەت ئارقىلىق ساياھەتچىلىكنى يارىتىش، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق مەدەنىيەتنى نامايان قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت - ساياھەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، ئۆزگىچە ئىستېمال كەسىپ ھالىتى ۋە كۆرۈنۈشىنى بېيىتىپ، مۇلازىمەت كاپالىتى ۋە بىخەتەرلىك بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ھېس قىلىش تۇيغۇسى، رازى بولۇش دەرىجىسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى ئىستېمال بازىرىغا تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ھاياتىي كۈچ قوشۇش كېرەك.
جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى تاخې نېفىت ئايرىش - خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە، چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى خىزمەتچى خادىملارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، كارخانىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش، تۈر قۇرۇلۇشى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق خىزمەتلىرىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. چېن شياۋجياڭ كارخانا مەسئۇللىرى بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، ئۇلارنىڭ مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، «شىنجاڭ نېفىتىنى شىنجاڭدا ئايرىش» سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تۆۋەن چېكىنى ھەقىقىي چىڭ ساقلاپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز بايلىقىنى ئۆز جايىدا ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىش، ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
چېن شياۋجياڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ۋە ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «دائىم غېمىدە بولۇش» مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، بايرام مەزگىلىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشى كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي تۇتۇپ، چوڭ - چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك مەدەنىيەت - ساياھەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، بايراملىق بازار ئىستېمالىنى كېڭەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ھەر مىللەت ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن تەرەققىيات ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى ھالدا خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
قادېن كەبىن، ۋاڭ گاڭ، پەن شى پائالىيەتكە قاتناشتى.