قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانىنى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش كېرەك

2026-10-18 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانىنى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش كېرەك

چېن شياۋجياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، يىغىندا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلدى، قەتئىي بوشاشماي پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، ئاساسنى مۇستەھكەملەپ قۇۋۋەت توپلاپ، ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇپ، جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇش تەلەپ قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىدىكى يولداشلار ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئايرىم - ئايرىم سۆز قىلىپ، ئۆگىنىش تەسىراتلىرىنى ئالماشتۇردى.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە، بىر قاتار دەسلەپكى ئىجادىي خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ياراتتى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردە قانداق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا قانداق چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم دەۋر تېمىلىرىغا ئىلمىي جاۋاب بېرىپ، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش قانۇنىيىتى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت يېڭى تېز ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى. يېڭى دەۋردىن بۇيان، دەل باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىشى بولغاچقا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكى بولغاچقا، دۆلىتىمىز ئاندىن ئىقتىسادنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مۆجىزىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈپ چىقىپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىدارە قىلىنىشى» ئارقىلىق «جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشى»غا يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ياراتتى.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ زۆرۈر دەرسى، دائىملىق دەرسى، ئۆمۈرلۈك دەرسى. ئومۇميۈزلۈك سىستېمىلىق ئۆگىنىش، ۋاقتىدا يېتىشىپ ئۆگىنىش، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ئۈزلۈكسىز ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىش كېرەك. ئۆگىنىش ئارقىلىق مۇتلەق سادىق بولۇشنى يېتىلدۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى سىياسىي جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ئىدىيە جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، نەزەرىيە جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ھېسسىيات جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ھەقىقىي تۈردە كۈچەيتىپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. ئۆگىنىش ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەشنى يېتىلدۈرۈپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش ئېسىل ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەمەلىي ئىشلەشنى قەدىرلەيدىغان، ئەمەلىي نەتىجىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان ياخشى ھەرىكەتتە كۆرسەتكۈچىلەردىن، ياخشى ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەردىن بولۇپ، تىرىشىپ ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك. ئۆگىنىش ئارقىلىق خەلقچىللىق ھېسسىياتنى يېتىلدۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر خەلق ئاممىسىنى قەلبىدە ئەڭ يۈكسەك ئورۇنغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، خەلق قەلبىنى ئىللىتىدىغان، خەلق رايىغا مايىللاشقان ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىشلارنى پۇقرالارنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىقتىدار ۋە قابىلىيەتنى يېتىلدۈرۈپ، ئىلمىي بولغان رەھبەرلىك ئۇسۇلى، ئىدىيەۋى ئۇسۇل، خىزمەت ئۇسۇلىنى تىرىشىپ ئىگىلەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، سىياسەتنى ئىگىلەش، خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىسلاھاتنى كۆزلەش، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەشتىكى كەسىپ ئەھلىگە ئايلىنىش كېرەك.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مەركەزلىك ئىپادىسى، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ «تۇتقىسى» ۋە «جېنى». باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈش، سادىقلىق بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىش داۋامىدا جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانىنى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش كېرەك. تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاش، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىقنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سادىق بولۇش روھىنى پۇختىلاپ، مىننەتدار بولۇش ھېسسىياتىنى كۈچەيتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپىنى كونكرېت ھەرىكەت ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدە كەم - كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئۆلچەمگە، تەلەپكە توغرىلىنىشتىكى ئىدىيە ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ھەربىر تۈرلۈك خىزمەتنى قانات يايدۇرۇش، ھەربىر تۈرلۈك ۋەزىپىنى ئالغا سىلجىتىشتا يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى پىرىنسىپ قىلىپ، ئۆلچەم قىلىپ، ئومۇمىي جەھەتتىن ئىگىلەش، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەقسىتى، سىياسەت جەھەتتىكى ئەسلىي مەقسىتى ۋە خىزمەت تەلىپى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، باشتىن - ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك. تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش ئويلاشتىكى ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بەلگىلەپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باشتىن - ئاخىر باش ئورۇنغا قويۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنىڭ بىرتۇتاش ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت «شاھمات كۆزى»نى كۈچەپ جانلاندۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈش، قەلبلەرنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەش، ئىتتىپاقلىقنى تېخىمۇ ياخشى كۈچەيتىش، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە قاتناشتى.