چېن شياۋجياڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتىغا ۋاكالىتەن قۇرۇلتايغا دوكلات بەردى، ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى
قۇرۇلتاينىڭ باش تېمىسى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش

10 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 ـ قۇرۇلتىيى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. يولداش چېن شياۋجياڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتىغا ۋاكالىتەن قۇرۇلتايغا دوكلات بەردى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

10 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 ـ قۇرۇلتىيى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: 10 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 ـ قۇرۇلتىيى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى.
يولداش چېن شياۋجياڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتىغا ۋاكالىتەن قۇرۇلتايغا «يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلايلى» دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى.
ئاپتونوم رايونلۇق 11 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنى پات ئارىدا ئېچىلىدىغان، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىۋاتقان ۋە ئىزچىللاشتۇرۇۋاتقان، «15 ـ بەش يىل» مەزگىلىدە تۈرلۈك ئىشلاردا جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىۋاتقان، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇشنى تېزلىتىۋاتقان ھالقىلىق مەزگىلدە ئېچىلغان مۇھىم يىغىن. قۇرۇلتاينىڭ باش تېمىسى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش.
شىنجاڭ خەلق سارىيىدا كەيپىيات تەنتەنىلىك، قىزغىن ئىدى، رەئىس سەھنىسىنىڭ كەينىدىكى پەردىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېسىلغان ئالتۇن رەڭلىك پارتىيە گېربى چاقناپ تۇراتتى، ئون قىزىل بايراق ئىككى تەرەپكە تىزىلغانىدى. يىغىن مەيدانىنىڭ 2 ـ قەۋەت كۆرۈش سۇپىسىغا «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى!» دېگەن پىلاكات ئېسىلغانىدى.
قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز، خې جۇڭيوۋ، جاڭ يىڭچۇن، ۋاڭ لىن، ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، لى گاڭ، ۋاڭ گاڭ، قەيسەر ئابدۇكېرىم، ليۇ چۇنلېي رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى. قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتىنىڭ باشقا ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل تىلىۋالدى تەكلىپ بىلەن ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
قۇرۇلتايغا ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى. بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 725 كىشى، ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىل 2 كىشى، ئەمەلىي قاتناشقىنى 722 كىشى بولۇپ، بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.
چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، قۇرۇلتاي باشلاندى. پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئېيتتى.
قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، چېن شياۋجياڭ قۇرۇلتايغا دوكلات بەردى.
چېن شياۋجياڭ ئالدى بىلەن ئۆتكەن بەش يىلدا شىنجاڭ خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيە جەھەتتىن كۆزىتىش ۋە پىلانلاشتا چىڭ تۇردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىككى قېتىم مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، تۆت قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ ۋە كۆزدىن كەچۈرۈپ، بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ۋە خىزمەت ئاساسىي لىنىيەسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى بەلگىلەپ بېرىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىپ، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلەپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلاردا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى، شىنجاڭ تەرەققىيات ئەڭ ياخشى، ئۆزگىرىش ئەڭ زور، ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆپ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشكەن تارىخىي مەزگىلگە قەدەم قويدى.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىل شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش مۇساپىسىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يەڭگەن، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەن بەش يىل بولدى. 10 ـ نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك ئىشلارنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى. ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى كەڭ مۇجەسسەملىدى. تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش ئويلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىنى ساقلاشقا تۈرتكە بولدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا پۇختا قەدەم تاشلاندى، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەت يەتكۈزدى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىدە خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەر بولدى، بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىشتىكى ئالاھىدە رولى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇلدى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا تىنچ ـ ئىناق بولغان، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان يېڭى كەيپىيات نامايان بولدى.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۆتكەن بەش يىلدا شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر نېگىزىدىن ئېيتقاندا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن بولدى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى. يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، بىز شۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇقكى، «ئىككىنى تىكلەش» بىزنىڭ بارلىق جاپا ـ مۇشەققەت ۋە خەۋپ ـ خەتەر، توسالغۇلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىمىز، بارلىق ئېنىقسىزلىققا تاقابىل تۇرۇشىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئېنىقلىق، ئەڭ چوڭ كاپالەت. شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، جەزمەن پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، يۆنىلىشكە مۇناسىۋەتلىك، نېگىزگە مۇناسىۋەتلىك، ئومۇملۇققا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش، مۇھىم ئىشنى تۇتۇپ، سىجىل كۈچەش، ئاساسنى تۇتۇپ باشقا ئىشلارغا يول ئېچىش كېرەك. ئەڭ مۇھىمى − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈش، سادىقلىق بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىش؛ ئاچقۇچ − يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش؛ مۇھىم نۇقتا − جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش ئويلىشىش؛ ئاساسىي لىنىيە − جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش؛ يول − «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىش.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «15 ـ بەش يىل» مەزگىلى شىنجاڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئاساسىنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش پۇختا ئاساسقا ئىگە بولدى، مۇھىم پۇرسەتنى كۈتۈۋالدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە بەزى قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارمۇ مەۋجۇت. بىز بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزگىرىشنى تونۇش، ئۆزگىرىشكە ھازىرلىنىش، ئۆزگىرىش ياساشتا تەشەببۇسكار بولۇپ، زېھنىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ شىنجاڭنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىپ، تىرىشىپ باش شۇجى شى جىنپىڭ تۈزۈپ بەرگەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانىنى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ماركسىزم ـ لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپتۇرۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بەلگىلەپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش ئويلىشىپ، خەلق تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشى زىچ چۆرىدەپ، قەلبلەرنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق ـ ئىناق، ئاۋات ـ باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق نىشان ـ ۋەزىپىسى: جەمئىيەت ئومۇمىيىتى سىجىل مۇقىم بولۇشنى ساقلاپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش؛ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى قەلبلەردىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش؛ ئۆزگىچە ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىش؛ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ھەر تەرەپلىمە ئۆستۈرۈش؛ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىي كۈچى ۋە مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى سىجىل كۈچەيتىپ، مائارىپ كۈچلۈك رايونى، پەن ـ تېخنىكا كۈچلۈك رايونى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك رايونى ۋە مەدەنىيەت كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى يېشىشتە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە تېخىمۇ پايدىلىق روشەن ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى سىجىل ئاشۇرۇش؛ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىدا يېڭى زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ غەربىي شىمال ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش؛ بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش يېڭى ئەۋزەللىكىنى تېز شەكىللەندۈرۈش؛ پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى نىشانلاپ، مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇشتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەگە سادىق بولۇشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن ـ ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باشتىن ـ ئاخىر باش ئورۇنغا قويۇپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلقنىڭ بىرىكمە كۈچىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىپ، مۇستەھكەملەپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى يوشۇرۇن خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىم يۈكسىلىش ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە يولغا قويۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى تۈزۈملەشتۈرۈش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە دائىر تەتقىقات، بايان قىلىپ چۈشەندۈرۈش ۋە تەشۋىق ـ تەربىيەنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقىنى كېڭەيتىش، ئومۇملاشتۇرۇش نەتىجىلىرىنى پۇختىلاپ ۋە كېڭەيتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا قەلبلەرنى مۇجەسسەملەپ ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك، تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يېتەكچى قىلىپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، سېلىنمىنى پائال كېڭەيتىپ، ئىستېمالنى زور كۈچ بىلەن جانلاندۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، يېڭىچە شەھەر ـ بازارلاشتۇرۇش ۋە يېزا ـ كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت ـ سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك چارە ـ تەدبىرلەر ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ساغلام شىنجاڭ قۇرۇشنى تېزلىتىپ، كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرىنى كۈچەپ ياخشى قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ يېتەرلىك قىلىش، بەخت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىش، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، كەسىپ ئارقىلىق ئادەم جەلپ قىلىش، مائارىپ ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، شەھەر ـ بازارلارغا ئادەم جەلپ قىلىش، خىزمەت ئارقىلىق ئېلىپ قېلىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىدە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە بازىسىنى مەھكەم ساقلاپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ قەلبى زىچ ئۇيۇشقان، مەنىۋى جەھەتتە بىر ـ بىرىگە تايىنىدىغان ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك. دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىپ، دىن خىزمىتىدىكى «ئۈچ قوشۇن» قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نەتىجىلىرىنى سىجىل پۇختىلاپ، دىن خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دىن ساھەسىنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە يېشىل تەرەققىياتنى كۈچەيتىپ، «قوش كاربون» خىزمىتىنى پائال، پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى چوڭقۇر ياخشى قىلىپ، سۇ بايلىقىدىن تۈجۈپىلىك، تېجەشلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش زور قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات تىپىنى ئومۇميۈزلۈك يېشىل تەرەققىيات تىپىغا ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، دۆلەتنىڭ غەربىي شىمال ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار خەلقئارا تارقىتىش ئىقتىدارىنى تېز ئۆستۈرۈپ، «تەكلىپ قىلىش» سالمىقىنى زورايتىپ، «چىقىرىش» سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، گۈللەنگەن، مۇقىم بولغان ھەقىقىي شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەننىڭ ئورۇن بېكىتمىسى تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى يەنىمۇ قوللاپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، بىڭتۇەننىڭ «ئۈچ چوڭ فۇنكسىيەسى» «تۆت چوڭ رولى»نى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش يېڭى ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، مائارىپ، داۋالاش، پەن ـ تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە. شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىر ئارقىلىق ئىزچىل ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنىڭ كونكرېت، دەل جايىدا، دائىملىق بولۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرما ـ تەلىپىنىڭ پۇختا، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نەزەرىيە ئارقىلىق قوراللىنىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلق ئۈچۈن سىياسىي نەتىجە يارىتىش، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق سىياسىي نەتىجە يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك. ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش توغرا يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دۇنيادىكى تالانتلىقلارنى توپلاپ ئىشلىتىپ، تىرىشىپ سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولغان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساسنى كۈچەيتىش، ئۇلنى مۇستەھكەملەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلات سىستېمىسىنى زىچ مۇستەھكەملەپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى باشتىن ـ ئاخىر ساقلاپ، «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»، بولۇپمۇ «بىرىنچى باشلىق»نى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىتتىپاقلىق كۈچنى مۇجەسسەملەيدۇ، ئىتتىپاقلىق ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ. سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي كېڭىشىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئامما بىلەن ئالاقىلىشىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار، سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز ـ گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىشقا مۇلازىمەت قىلىپ ۋە كاپالەتلىك قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.
چېن شياۋجياڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ، ئىش قىلىشقا، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، يېڭى مۇساپىدە ئۈزلۈكسىز تۈردە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇشنى تېزلىتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشايلى!
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يىغىنغا يازما خىزمەت دوكلاتى بەردى.
ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن پېشقەدەم يولداشلار، ئىنقىلابىي قۇربانلار ۋە پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرى ۋەكىللىرى قاتارلىقلار تەكلىپ بويىچە ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. قۇرۇلتاي ۋەكىلى بولمىغان ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار، ئاپتونوم رايونلۇق سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز ـ گۇرۇھسىز ۋەكىل زاتلار، ئاپتونوم رايون ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرىدىكى پارتىيەلىك مەسئۇل يولداشلار ھەم بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار يولداشلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.