ئەركىن تۇنىياز سانجى ئوبلاستى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى
يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ سانجى شەھىرى ۋە ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)غا كېلىپ، ھېسابلاش كۈچى كەسپى، تەنلىك ئەقلىي ئىقتىدار، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈچۈن يېڭى ئەۋزەللىك يارىتىش، يېڭى قۇۋۋەت قوشۇش كېرەك.
شىنجاڭ خەلقئارا يۇغۇرما ھېسابلاش كۈچى مەركىزىدە، ئەركىن تۇنىياز: پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، توك باھاسى، قوللىنىش ھالىتى، رايون ئورنى قاتارلىق سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دىققەتنى نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار + كەسىپ»كە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. ئۇ ئالاقىدار تەرەپلەرگە: رەقەملىك ئۇل قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ھېسابلاش كۈچى بىلەن ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسەت - تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھېسابلاش كۈچى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاشنى تاپىلىدى. شىنجاڭ پەيگې چوڭ سانلىق مەلۇمات كەسپى تەرەققىيات مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىدە، ئەركىن تۇنىياز شىركەتنىڭ سانلىق مەلۇماتلارغا بەلگە سېلىشنى قانات يايدۇرۇش، AI قىسقا تىياتىرى ئىشلەش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىدى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: ئۆز جايىغا ماس كېلىدىغان سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قوللىنىش ھالىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، دىققەتنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ نادىر ئۈن - سىن مەزمۇنلىرىنى ئىجاد قىلىش كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز سانجى شەھىرىدىكى شىجى جۇڭليەن ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى مەيدانىغا كېلىپ، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. ئۇ: «ئالتۇن 9 - ئاي، كۈمۈش 10 - ئاي» ئىستېمال ئاۋات مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، «ھۆكۈمەت ياردەم پۇل بېرىش + زاۋۇت پايدا ئۆتۈنۈپ بېرىش + كارخانا ياردەم پۇل بېرىش» گىرەلەشمە سىياسىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ، ئىستېمالنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. شىنجاڭ چيەنشۈن نىمكەش ئاپتوموبىل سودا بازىرىدا مۇنداق تەكىتلىدى: نىمكەش ئاپتوموبىل بايلىقىنىڭ ئايلىنىشىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىندىكى ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاپتوموبىل سېتىش، رېمونت قىلىپ تەييارلاش، پۇل مۇئامىلە ۋە سۇغۇرتا، ئەشيا ئوبوروتىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش قاتارلىق كۆپ خىل كەسىپ ھالىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز شىنجاڭ يولۇچىلار ئاپتوموبىلى زاۋۇتى جىليەن پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ ۋېيلەي شىدەي پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تورغا تۇتاشقان ئاپتوموبىل ياساش، تەنلىك ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەڭ يېڭى پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئەقلىي ئىقتىدارلىق تورغا تۇتاشقان ئاپتوموبىل تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، دىققەتنى كۆمۈر كان، مىنېرال رۇدا كېنى، پورت ئەشيا ئوبوروتى باغچىسى قاتارلىقلارنىڭ ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى تېخىمۇ ياخشى تۆۋەنلىتىش كېرەك. ماشىنا ئادەمنى سودا ئەشيا ئوبوروتى، مەدەنىيەت - ساياھەت تەسىراتى، شەھەر مۇلازىمىتى قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ قوللىنىش ھالىتىگە ئېلىپ كىرىپ، ئىستېمالنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يارىتىش كېرەك.
شىنجاڭ ۋېيتەي ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى (چىماشەن ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى) پاي چەكلىك شىركىتىدە، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: پار بىلەن تەمىنلەش تەييارلىق خىزمىتىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ياخشى ئىشلەپ، كونا ئولتۇراق رايون، ياشانغانلار ساناتورىيەسى، مەكتەپ قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلار ھەم ياشانغان پار ئىشلەتكۈچىلەر، قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەر قاتارلىقلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىيارەت قىلىپ، ئالدىنقى سەپكە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىپ، ئاممىنى قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە سانجى ئوبلاستى رايونلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھېسابلاش كۈچى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېشىل ھېسابلاش كۈچى كۆلىمىنى زورايتىشى كېرەك. ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تېخىمۇ كۆپ پائالىيەت ۋە تەدبىرلەرنى پىلانلاپ، مەدەنىيەت - ساياھەت ئىستېمال قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. مەركەز كۆزىتىش، ئىقتىسادىي تەپتىش، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش نازارەتچىلىكى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باھالاش - تەكشۈرۈش بويىچە قايتما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، كارخانىلارنىڭ نېسى قالغان پۇلىنى ئېنىقلاپ قايتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تاماملىشى كېرەك.