رەقەملىك شىنجاڭ قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەقەملىك شىنجاڭ (رەقەملىك ھۆكۈمەت) قۇرۇلۇشىنىڭ <15 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلانى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شۇ دەرىجىلىك ئاممىۋى سانلىق مەلۇمات بايلىقىغا ئومۇمىي ھوقۇق بېرىپ تىجارەت قىلىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <15 - بەش يىل>لىق نېفىت خىمىيە سانائىتى، خىمىيە سانائىتى كەسپىنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، بازالت يېڭى ماتېرىيالى شىنجاڭ تەجرىبىخانىسى قۇرۇش خىزمىتى قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى باش تېما قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سانلىق مەلۇمات ئامىلىنى بازارلاشتۇرۇپ سەپلەش ئىسلاھاتىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، رەقەملىك شىنجاڭ قۇرۇلۇشىدا يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ رەقەملىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق تىپ ئۆزگەرتىشىگە ھەر تەرەپلىمە كۈچ قوشۇش كېرەك. رەقەملىك شىنجاڭ «بىر تور» سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھېسابلاش كۈچى تورى قۇرۇپ، سانلىق مەلۇمات ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» مەمۇرىي ئىشلار رەقەملىك ئۇلى بەرپا قىلىش كېرەك. «ھەربىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىش»نى دائىملىق ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىي قوللىنىشچان، ئىشلىتىشكە ئەپلىك، ئۈنۈمى تېز كۆرۈلىدىغان «كىچىك، ئۈنۈمى تېز، جانلىق» ئالاھىدىلىككە ئىگە «بىر ئىش»نى بارلىققا كەلتۈرۈپ، رەقەملىك ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش ئارقىلىق تىجارەت - سودا مۇھىتىنىڭ سىستېمىلىق يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: سانلىق مەلۇمات ئامىللىرىنىڭ قىممىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە سانلىق مەلۇمات ماركا سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. يۈرۈشتۈرۈش ئاپپاراتلىرىنى تاللاش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، ئاممىۋى سانلىق مەلۇمات بايلىقىغا ھوقۇق بېرىپ تىجارەت قىلىش بويىچە باھا شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئاممىۋى سانلىق مەلۇمات مۈلكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سانلىق مەلۇمات مەھسۇلاتلىرى پايدىسىنى تەقسىملەش مېخانىزمى ئورنىتىش كېرەك. پۈتكۈل جەريانىنى سۈرۈشتۈرگىلى بولىدىغان بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، سانلىق مەلۇماتنىڭ «تەمىنلىگىلى بولۇش، يۆتكىگىلى بولۇش، ياخشى پايدىلانغىلى بولۇش، بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولۇش»ىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ھەقىقىي كۈچ قوشۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: نېفىت خىمىيە سانائىتى، خىمىيە سانائىتى كەسپى شىنجاڭنىڭ تۈۋرۈك كەسپى ۋە ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئايلاندۇرۇش كەسپى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى چۆرىدەپ، تۈرلەرنى ئالدىنقى مەزگىللىك تەتقىق قىلىپ دەلىللەشنى تېزلىتىپ، يەر، ئېنېرگىيە سەرپىياتى، مۇھىت قاتارلىق ئامىل كاپالىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، چوڭ - چوڭ تۈرلەرنى تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. «تەييار ماي ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنى ئازايتىش، خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنى ئاشۇرۇش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش» ئارقىلىق كەسىپلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، نېفىت خىمىيە سانائىتى بىلەن كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، تۇز خىمىيە سانائىتى، خىمىيەلىك تالا، توقۇمىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن زەنجىرلىك سانلىق مەلۇمات ئاساسى ۋە رەقەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى پۇختىلاپ، بىخەتەرلىك بويىچە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئۈنۈمى ۋە خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنى دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شىنجاڭنىڭ بازالت بايلىق ئۈستۈنلۈكى ۋە ئەۋزەللىكى كۆرۈنەرلىك، يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى يېتەرلىك، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ئۆزگىچە، بازالت يېڭى ماتېرىيالى شىنجاڭ تەجرىبىخانىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، «خام ماتېرىيال − ھۈنەر - سەنئەت − جابدۇق − مەھسۇلات» پۈتۈن زەنجىرلىك يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئاساس تەتقىقاتتىن كەسىپلەشتۈرۈپ كېڭەيتىشكىچە بولغان ماسلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، كەسىپ تەرەققىياتىنى سىستېمىلىق تېخنىكا تىرىكى ۋە يېڭىلىق يارىتىش يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.