8 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى

2026-10-12 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

​يىن خېجۈن، چېن شياۋجياڭ سۆز قىلدى، ئەركىن تۇنىياز، خې جۇڭيوۋ، جاڭ يىڭچۇن قاتناشتى

10 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، 8 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مىنىستىر يىن خېجۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي چېن شياۋجياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 10 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، 8 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، 10 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە شىنجاڭغا پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىلانلىنىپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇنۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى تىرەك بولۇندى، يېتەكچىلىك قىلىندى. پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مىنىستىر يىن خېجۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي چېن شياۋجياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يىڭچۇن يىغىنغا قاتناشتى.

چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن، پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى قاتارلىق دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق - كومىتېتلىرى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى قاتارلىق دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق - كومىتېتلىرى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭغا پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىش خىزمەت ئەندىزىسىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشى، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى. «15 - بەش يىل» مەزگىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئۇلنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل، بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەتنىڭ رايون يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىدىكى ئىقتىدار ئورۇن بېكىتمىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، شىنجاڭغا پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا كۈچ قوشۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش، يېڭى قۇۋۋەتنى تېز يېتىلدۈرۈش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان پەن - تېخنىكا ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىمىز. پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى قاتارلىق دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭغا قارىتىلغان يېتەكچىلىك قىلىش ۋە قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچىنى زورايتىشىغا كۈچ قوشۇپ، تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋە نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە زورايتىشقا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا ئوچۇق ھەمكارلىشىشنى كېڭەيتىشنى قوللاپ، شىنجاڭغا پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

يىن خېجۈن مۇنداق كۆرسەتتى: پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى پەن - تېخنىكا ساھەسىدىكىلەرنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى سۈپىتىدە پىلانلاپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ، تارماقلار ھەمتۈرتكە بولىدىغان، مەركەز بىلەن يەرلىك ماسلىشىدىغان، كۆپ تەرەپ قاتنىشىدىغان شىنجاڭغا پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىش چوڭ ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى يەنىمۇ ئۆسۈپ، پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى يەنىمۇ زورىيىپ، پەن - تېخنىكا تىرىكى ئۆزگىچە كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا يەنىمۇ كۈچ قوشۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقى يەنىمۇ كېڭىيىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچلۈك قۇۋۋەت قوشتى. پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى ھەم پۈتۈن مەملىكەتتىكى پەن - تېخنىكا ساھەلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى ۋە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردە شىنجاڭغا پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى، يېڭى تەلىپىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، شىنجاڭغا پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىشنىڭ يېڭى ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، شىنجاڭغا پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشى كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئۆزىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات ئۇلىنى پۇختىلىشى؛ مەۋقەنى سېلىشتۇرما ئەۋزەللىككە قويۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ شىنجاڭغا پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىش تەدبىرلىرىنى پىلانلىشى؛ يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ھاياتىي كۈچىنى سىجىل ئۇرغۇتۇشى؛ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئەۋزەل كەسىپلىرىنىڭ يۈكسىلىپ تەرەققىي قىلىشىغا كۈچلۈك تىرەك بولۇشى؛ ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن زىچ تۇتاشتۇرۇش كېرەك. پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، تېخىمۇ يۇقىرى يۈكسەكلىك، تېخىمۇ زور سالماق، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق كۈچنى بىرىكتۈرۈپ شىنجاڭغا پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ پەن - تېخنىكا كۈچى قوشىدۇ.

يىغىندا، شاڭخەي، جېجياڭ، شەندۇڭ، خۇنەن، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ پەن - تېخنىكا تارماقلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى، دۆلەت تەبىئىي پەن فوندى كومىتېتىدىكى ئالاقىدار يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى. يىغىندا يەنە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش تۈرى بويىچە كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىندىن بۇرۇن، يىن خېجۈن، چېن شياۋجياڭ قاتارلىقلار مەملىكەتلىك شىنجاڭغا پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىش نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى بىرلىكتە ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لىن شىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن قادېن كەبىن، قەيسەر ئابدۇكېرىم، شۆ بىن، ياڭ خۇڭبىن، پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىدىكى يولداشلار، ئاكادېمىك، مۇتەخەسسىسلەر ۋە باشلامچى ئىختىساسلىقلار ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايوندىكى ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە قىسمەن قېرىنداش ئۆلكىلەرنىڭ پەن - تېخنىكا تارماقلىرىدىكى يولداشلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، بىڭتۇەننىڭ شى، شەھەرلىرى ۋە شىنجاڭدىكى نۇقتىلىق كەسىپلەر باغچە رايونلىرى، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەردىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.