​يېڭى مۇساپىدە تۈرلۈك خىزمەتلەردە جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

2026-10-26 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاپتونوم رايونلۇق 11 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى​

يېڭى مۇساپىدە تۈرلۈك خىزمەتلەردە جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئاچتى، يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 11 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يېڭى مۇساپىدە تۈرلۈك خىزمەتلەردە جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش تەكىتلەندى. ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق 11 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتتى ۋە مۇجەسسەملىدى. ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆگىنىشتە ئالدىدا مېڭىش، ئىشلەشتە ئالدىدا مېڭىش، ئۈلگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەدە بىر مەقسەتتە بولۇش، نىشاندا ئوخشاش يۆنىلىشتە بولۇش، ھەرىكەتتە ماس قەدەمدە بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ھۆكۈمەتنىڭ كونكرېت خىزمەتلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايونلۇق 11 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ تۇتقىسى ۋە جېنى قىلىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي لىنىيەسىنى زىچ چۆرىدەشتىن چەتنەپ كەتمەي، «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاشنى بوشاشتۇرۇپ قويماي، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش ئويلىشىپ، خىزمەتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى، سىستېمىلىقلىقى، ئىستراتېگىيەلىكلىكى، دەللىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، نىشان يۆنىلىشى، مەسىلە يۆنىلىشىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، قانۇنىيەت بويىچە ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى كەسىپلەر توپى، سېلىنما، ئىستېمال، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، تىجارەت - سودا مۇھىتى، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كۈچەش نۇقتىسى، بۆسۈش نۇقتىسى، تىرەك نۇقتىسى، يېڭىلىق يارىتىش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ چىقىپ، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت بايلىقىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى چوڭقۇر ياخشى قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات تىپىنى ئومۇميۈزلۈك يېشىل تەرەققىيات تىپىغا ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك. تۈرلۈك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش يوشۇرۇن خەۋپ - خەتىرىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزەشنى ياخشى تۇتۇپ، ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خىزمەت ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كۆڭۈلدە سان بولۇش، يولغا قويۇش تەدبىرى بولۇش، ھەرىكەت كۈچلۈك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكىنى ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى بەرپا قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھازىر جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زىددىيەت - ماجىرالارنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ ھەل قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاممىۋى خىزمەتنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ھەقىقىي تۈردە ياخشى جەمئىيەت مۇھىتى يارىتىش كېرەك. 4 - پەسىللىك ئىقتىساد خىزمىتىنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ناچار ھاۋارايى ۋە تەبىئىي ئاپەتنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى چوڭقۇر، بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ ۋە تۈزەپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىك ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.