ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى تىنچ - ئامان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك
بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى
چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى يىغىن ئاچتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇش توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى تىنچ - ئامان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىش كېرەك. جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باشتىن - ئاخىر باش ئورۇنغا قويۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش خىزمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، تۈرلۈك يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، جازالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى تەڭ تۇتىدىغان، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەيدىغان، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىۋى بىخەتەرلىك سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، زىددىيەت ۋە ماجىرالارنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈگىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىنچ - ئامانلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلمىيلىشىش، ئىجتىمائىيلىشىش، قانۇنچىللىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
يىغىندا مەملىكەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش سىنلىق يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مۇھاكىمە قىلىندى، ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، بىخۇدلۇق ئىدىيەسى ۋە تەلەي سىناش پىسخىكىسىنى تۈگىتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى پۇختا ۋە ئىنچىكە تۇتۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك. دىققەتنى ھادىسە كۆپ يۈزبېرىدىغان، دائىم يۈزبېرىدىغان، مەسىلە يوشۇرۇن خەۋپى مەركەزلەشكەن نۇقتىلىق رايونلار ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزەشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، «قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا زەربە بېرىش ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى تۈزەش»نى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش، جىنايى ئىشلار بويىچە قانۇن يۈرگۈزۈش، پارتىيە ئىنتىزامى ۋە مەمۇرىي جازانى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلارنى جەزمەن سۈرۈشتۈرۈش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنى جەزمەن جازالاش كۈچلۈك سىگنالىنى سىجىل تارقىتىش كېرەك. سوغۇق ئېقىم، قېلىن قار، تۆۋەن تېمپېراتۇرا، ئۈششۈك قاتارلىق ناچار ھاۋارايىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىنى كەسكىن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئورمان، ئوتلاق ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. «پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش، بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت بولۇش» ۋە «ئۈچنى باشقۇرۇشتا ئۈچ جەزمەن بولۇش»نى كۈچەيتىپ، ئۆتۈشمە شەكىللىك نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، كارخانىلارنىڭ بىخەتەرلىك مەسئۇلىيەت تەدبىرلىرىنى كونكرېت مەيدان، كونكرېت ئىش ئورنى، كونكرېت خادىملارغىچە چىڭىتىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك.
يىغىندا شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش مۇھاكىمە قىلىندى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىل شىنجاڭ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، «9 - بەش يىل»لىق قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئىش بېجىرىشتە قانۇنغا ئاساسلىنىدىغان، ئىشقا يولۇققاندا قانۇن بويىچە ئىش كۆرىدىغان، مەسىلىنى ھەل قىلىشتا قانۇندىن پايدىلىنىدىغان، زىددىيەتنى ھەل قىلىشتا قانۇنغا تايىنىدىغان ياخشى مۇھىت يارىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن قانۇنغا ھۆرمەت قىلىپ، قانۇننى ئۆگىنىپ، قانۇنغا رىئايە قىلىپ، قانۇننى تەتبىقلاپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، زىددىيەتلەرنى تۈگىتىش، مۇقىملىقنى قوغداش، خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
يىغىندا 10 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 10 - نۆۋەتلىك كۆزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۆزىتىلىدىغان پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ ۋە پۇختىلاپ، مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك، ئۈزۈل - كېسىل تۈزىتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، «ھازىر تۈزىتىش» بىلەن «ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىش»نى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈزىتىشنى كۈندىلىك خىزمەتكە سىڭدۈرۈپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا سىڭدۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشقا سىڭدۈرۈپ، بەنزىنىڭ قوشۇن قۇرۇلۇشىغا سىڭدۈرۈپ، كۆزىتىشنىڭ «كېيىنكى باسقۇچلۇق ئىشلىرى»نى پۇختا ياخشى ئىشلەش كېرەك. كۆزىتىشنىڭ سىياسىي ئورۇن بېكىتمىسىدە چىڭ تۇرۇپ، «بىرىنچى باشلىق» ۋە رەھبەرلىك بەنزىسى قاتارلىق «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نى چىڭ كۆزلەپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ ۋە تۈزەپ، كۆزىتىش، كۆزىتىپ تەكشۈرۈشتە يۇقىرى - تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇش، باشقا نازارەتچىلىك بىلەن تۇتاشتۇرۇپ يۇغۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.