جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 77 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن
ئاپتونوم رايون داغدۇغىلىق دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى
چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ يىڭچۇن، ۋاڭ لىن قاتناشتى

10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئاپتونوم رايون ئۈرۈمچى خەلق مەيدانىدا داغدۇغىلىق دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 77 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون ئۈرۈمچى خەلق مەيدانىدا داغدۇغىلىق دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 77 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ يىڭچۇن، ۋاڭ لىن قاتارلىق ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە مۇراسىمغا قاتنىشىپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ قۇدرەت تېپىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ بەختلىك، تىنچ - ئامان بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.
ئالتۇن كۈز پەسلىدە ھاۋا ئوچۇق ئىدى. ئۈرۈمچى خەلق مەيدانى قىزغىن، تەنتەنىلىك كەيپىياتقا چۆمگەنىدى. مۇراسىمغا قاتناشقان ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بۇ جايغا بالدۇرلا كېلىپ، رەتلىك تىزىلىپ، ھەيۋەتلىك پەيتنىڭ يېتىپ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇراتتى.
سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى باشلاندى. دۆلەت بايرىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ قامەتلىك ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى مەردانە قىياپەتتە ھۆرمەت قەدىمى بىلەن، دۆلەت بايرىقىنى مۇھاپىزەت قىلىپ بايراق چىقىرىش سۇپىسىغا قاراپ ماڭدى. ھەيۋەتلىك «پىدائىيلار مارشى» ياڭراپ، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلدى. بارلىق خادىملار دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئېيتىپ، دۆلەت بايرىقىغا نەزەر سالىمى بەردى.
پىيونېرلار ۋەكىلى ئېگىز جەۋلان قىلىپ تۇرغان بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراققا يۈزلىنىپ تەنتەنىلىك ھالدا بېغىشلىما سۆز قىلدى. «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا تەييارمىز!» قەتئىيلىك چىقىپ تۇرىدىغان بالىلار ساداسى مەيداندا ياڭراپ، قىزىل قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنگەن، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشقا ئىرادە باغلىغان يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرىنىڭ كۆتۈرەڭگۈ قىياپىتىنى نامايان قىلدى.
77 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان، تارىخ سەھپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ياراتتى. شىنجاڭ تۇپرىقى پارتىيەنىڭ شانلىق نۇرىغا چۆمۈلۈپ، ئالەمشۇمۇل غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بولدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، تارىخىي ئۆزگىرىشلەر ھاسىل قىلىندى، ھەر مىللەت تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرى كۆتۈرەڭگۈ قىياپەتتە «15 - بەش يىل»دا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرىدىغان يېڭى مۇساپىدە چوڭ قەدەم تاشلاپ ئىلگىرىلىمەكتە. مۇراسىمغا قاتناشقان ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ 77 يىللىق تۇغۇلغان كۈنى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 71 يىللىقى. بىز تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز قولغا كەلتۈرگەن پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان مۇۋەپپەقىيەتلەردىن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچى قوبۇل قىلىپ، شىنجاڭ تۇپرىقىدا يۈزبەرگەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر داۋامىدا ئالغا ئىلگىرىلەش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ۋەتەننى سۆيۈش، شىنجاڭنى سۆيۈش قىزغىنلىقىنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز.
ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، لى گاڭ، ۋاڭ گاڭ، قەيسەر ئابدۇكېرىم، ليۇ چۇنلېي، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرى قاتارلىقلار مۇراسىمغا قاتناشتى.