—— ئاپتونوم رايونلۇق 11 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز
ئالتۇن كۈزدە مول ھوسۇل تەبرىكلەندى، تىيانشاندا ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلدى.
بۈگۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - قۇرۇلتىيى داغدۇغىلىق ئېچىلدى، بۇ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر چوڭ ئىش. «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ قول تۇتۇشۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان پەيتتە، ئاپتونوم رايونلۇق 11 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىشەنچنى چىڭىتىپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىدا مۇھىم ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!
ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن بۇيانقى بەش يىل شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئىنتايىن ئالاھىدە بەش يىل بولدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى باشتىن - ئاخىر شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىپ، شىنجاڭ ئۈچۈن پىلان تۈزۈپ، يۆنىلىش بەلگىلەپ يول باشلاپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىدىن ئىبارەت شاد - خۇراملىققا چۆمگەن پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى، مۇھىم سۆز قىلدى، مۇھىم يوليورۇق بەردى، بۇ، پارتىيە ۋە دۆلەت تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىش بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە مۇھىم ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرى تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇقى، تەبرىكلەش پائالىيىتىدە ئۇرغۇغان پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش قىزغىنلىقىنى شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى يارىتىشتىكى قەتئىي ئېتىقادى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.
يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، 2 - قېتىملىق ھەم 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بەلگىلەپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي لىنىيەسىنى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە سىڭدۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي مەۋقەنى دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارى، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا قويۇپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي دىققەتنى نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جەنۇبىي شىنجاڭدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى يېشىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، مەدەنىيەت ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات ئەڭ ياخشى، ئۆزگىرىش ئەڭ زور بولغان، ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆپ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشكەن تارىخىي مەزگىلگە كىرىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدە پۇختا قەدەم تاشلىدى.
رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2 تىرىليون يۈەنلىك پەللىگە قەدەم قويدى، تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 500 مىليارد يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى؛ تىيانشان غالىبىيەت تونېلى تىيانشاننىڭ ئىككى تەرىپىدىكى خەلقنىڭ قاتناش ۋاقتىنى زور دەرىجىدە قىسقارتتى، تارىم نېفىتلىكىدە 10 مىڭ مېتىرلىق دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭقۇر قۇدۇق بۇرغىلاش ئاسىيا رېكورتىنى يېڭىلىدى؛ تەكلىماكان قۇملۇقىغا «يېشىل شارپا» ئارتىلدى، تەرەپ - تەرەپتىن كەلگەن ساياھەتچىلەر «گۈزەل شىنجاڭ»غا مەپتۇن بولدى... بەش يىلدىن بۇيان، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا تىنچ - ئىناق يېڭى كەيپىيات بارلىققا كەلدى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىدا يېڭى قەدەم تاشلاندى، ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچ ۋە پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى، ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىشتە يېڭى بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، رايونلار ماس تەرەققىياتىدا يېڭى ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. مۇساپە ئىنتايىن ئالاھىدە بولدى، نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلدى، بۇ نېگىزىدىن ئېيتقاندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن بولدى، نېگىزىدىن ئېيتقاندا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى، نېگىزىدىن ئېيتقاندا يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرغانلىقتىن بولدى، ئۇنىڭغا پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ شەخسىيەتسىز ياردەم بېرىشتەك چوڭقۇر مۇھەببىتى سىڭگەن، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى مۇجەسسەملەنگەن.
بېسىپ ئۆتكەن يولىمىزغا نەزەر سالساق، شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇقكى، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشتە. بىز شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇملۇقىغا قويۇپ بىرتۇتاش پىلانلاپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىر ئارقىلىق يېڭى دەۋردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلەردە ياخشى چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ياخشى تۈزەپ، ياخشى ھەل قىلىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا شەكىللەنگەن ياخشى سىياسىي ۋەزىيەتنى ياخشى مۇستەھكەملەپ، ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
ھازىر، شىنجاڭ دۆلەتنىڭ زور ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكى، زور سىياسەت تىرىكىنىڭ پۇرسەت مەزگىلىدە، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، نى - نى ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىغان يۈكسىلىش مەزگىلىدە، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى پۇختىلايدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ. «ئىرادىلىكلەر جەزمەن ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ، مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار ئىشتىن بۇرۇن پىلان تۈزىدۇ.» بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا شىنجاڭنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىدۇ، بىز ئىككى ئومۇمىيەتنى قەلبىمىزگە پۈكۈپ، نىشان - ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، يېڭى پۇرسەتنى ئىگىلەپ، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى بىلەن قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، خەۋپ - خەتەرنى يېڭىپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.
دولقۇن ئۆرلەپ كۆرۈندى زېمىن بىپايان، ئوڭ شامالدا يەلكەن ئاچتى كېمىلەر بەخىرامان. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي لىنىيەسىنى زىچ چۆرىدەپ، «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ قول تۇتۇشۇپ، غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ، قەتئىي بوشاشماي ئەمەلدە كۆرسىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقايلى.
قۇرۇلتاينىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشمىز!