ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى پائال كېڭەيتىپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى زورايتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ۋە زاپاس كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك

2026-10-10 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى پائال كېڭەيتىپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى زورايتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ۋە زاپاس كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز، خې جۇڭيوۋ، جاڭ يىڭچۇن قاتناشتى


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 8 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتى 10 - ئاينىڭ 8 - كۈنى يىغىن ئاچتى، يىغىندا شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئالاقىدار نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش مۇھاكىمە قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يىڭچۇن يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سېلىنمىنىڭ ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشتىكى ئاچقۇچلۇق رولىنى تولۇق تونۇپ، نەرسىگە مەبلەغ سېلىش بىلەن ئادەمگە مەبلەغ سېلىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى پائال كېڭەيتىش كېرەك. سېلىنمىنىڭ ئېشىش زاپاس كۈچىنى كۈچەيتىپ، سېلىنمىنى زورايتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مەبلەغ سېلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، قاتناش، ئېنېرگىيە، سۇچىلىق قاتارلىق چوڭ - چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي خىزمەت مىقدارىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. تۈرلەرنى زاپاس ساقلاش ۋە ئايلاندۇرۇشنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +»، جەمئىيەت، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ ئىستراتېگىيەلىكى، تۈرتكىلىك كۈچى كۈچلۈك بىر تۈركۈم تۈرلەرنى يولغا قويۇپ، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش ئاساسىنى پۇختىلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» ھەرىكىتى، نۇقتىلىق تاشيول تۈرى قۇرۇلۇشى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كەسىپ تەرەققىياتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش مۇھاكىمە قىلىندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشنى شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تۇتقىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ پايدىلىق سىياسەتلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئۇنىڭدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ يېشىل توك يېتەرلىك بولۇش، رايون ئورنى ئۆزگىچە بولۇش، قوللىنىش ھالىتى مول بولۇش قاتارلىق سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى سىجىل جارى قىلدۇرۇپ، ھېسابلاش كۈچى كەسپىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ھېسابلاش كۈچى بىلەن ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ماس تەرەققىي قىلىش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، قوللىنىش ھالىتىنى پائال كېڭەيتىپ، ھېسابلاش كۈچىنىڭ بىخەتەر تەرەققىي قىلىش تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» ھەرىكىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى كۈچ قوشۇش كېرەك. قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىغىمىنى كېڭەيتىشتىكى مۇھىم «تۇراقلاشتۇرغۇچ»لۇق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، قۇرۇلۇۋاتقان تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق تۈرلەرنى زاپاس ساقلاشنى ياخشى ئىشلەپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ قەرەلىدە تاماملىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك. كەسىپ تەرەققىياتىنى جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت «شاھمات كۆزى»نى جانلاندۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر قىلىپ، قوللاش سىياسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يۆنىلىش قىلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە مەركەز كارخانىلىرى بىلەن بولغان ئۇدۇللىشىشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك كارخانىلارنى جەنۇبىي شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىپ تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلەپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ زەنجىرىنى تولۇقلاپ، ئۇلىنى كۈچەيتىشنى تېزلىتىپ، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى سىجىل راۋاجلاندۇرۇپ، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ راۋاجلاندۇرۇپ، تەرەققىيات ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى ھالدا خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، قادېن كەبىن، قەيسەر ئابدۇكېرىم، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتتىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.