(2026 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 ـ قۇرۇلتىيىدا ماقۇللاندى)
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 ـ قۇرۇلتىيى يولداش چېن شياۋجياڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن دوكلاتىنى تەستىقلىدى.
قۇرۇلتاي مۇنداق قارىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 ـ قۇرۇلتىيى پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ھەر مىللەت ئاممىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىۋاتقان، ئىزچىلاشتۇرۇۋاتقان، «15 ـ بەش يىل» مەزگىلىدىكى تۈرلۈك ئىشلاردا جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىۋاتقان، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇشنى تېزلىتىۋاتقان ھالقىلىق پەيتتە ئېچىلغان مۇھىم بىر قۇرۇلتاي.
قۇرۇلتاي جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل خۇلاسىلەپ، قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى رەتلەپ ۋە يەكۈنلەپ، دۇچ كەلگەن ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تەھلىل قىلدى، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى. قۇرۇلتايدا ماقۇللانغان ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى دوكلاتىدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن، پۈتۈن شىنجاڭدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، يول ئېچىپ ئالغا بېسىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان مۇھىم ھۆججەت.
قۇرۇلتاي مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيە جەھەتتىن كۆزىتىش ۋە پىلانلاشتا چىڭ تۇردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىككى قېتىم مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، تۆت قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ، خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى ۋە خىزمەت ئاساسىي لىنىيەسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى بەلگىلەپ بەردى، بۇ ئارقىلىق شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىپ، ئۇنى تۈپ قوللانمىغا ئىگە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلدى، شىنجاڭ ئەڭ ياخشى تەرەققىي قىلغان، ئەڭ زور ئۆزگىرىش بولغان، ھەر مىللەت ئاممىسى ئەڭ كۆپ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشكەن تارىخىي مەزگىلگە كىردى.
قۇرۇلتاي مۇنداق قارىدى: ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىل شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش مۇساپىسىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يەڭگەن، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى «ئىككىنى تىكلەش» نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلىرى، ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش ئويلىشىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ۋە ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك ئىشلارنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقى سىجىل ساقلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا پۇختا قەدەم تاشلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىسى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىدە خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كېلىپ، بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئالاھىدە رولى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇلۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك كۈچىيىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان ـ ۋەزىپىلەر ئوڭۇشلۇق ئورۇندىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.
قۇرۇلتاي مۇنداق تەكىتلىدى: ئۆتكەن بەش يىلدا شىنجاڭ خىزمىتىدە نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشى تېگى ـ تەكتىدىن ئېيتقاندا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن بولدى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى، بۇنىڭغا مەركىزىي كومىتېت ئورگىنى ۋە دۆلەت ئورگىنىدىكى تارماقلارنىڭ، قېرىنداش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەرنىڭ، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ شەخسىيەتسىز تۆھپىسى مۇجەسسەملەنگەن، بۇ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلىرى، ئاممىسىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشقانلىقى، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. قۇرۇلتاي يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە تەجرىبىسىنى خۇلاسىلەپ، بىردەك مۇنداق قارىدى: شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، يۆنىلىشكە، تۈپ ئاساسقا، ئومۇمىيەتكە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىشلار، مۇھىم ئىشلارنى تۇتۇپ، سىجىل كۈچەش، تۇتقىنى تۇتۇش ئارقىلىق ھەممە ئىشلارنى يۈرۈشتۈرۈش شەرت. ئەڭ مۇھىمى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈش، سادىقلىق بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىش بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەپ، تۈرلۈك تەدبىرلەردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇددىئاسى، سىياسەت تۈزۈش مەقسىتى ۋە خىزمەت تەلىپى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن ـ ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ ئاچقۇچ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش بولۇپ، بىر پۈتۈنلۈككە، سىستېمىلىقلىققا، ئىستراتېگىيەلىككە، دەللىككە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى زور تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئېغىپ كەتمەسلىك، ئۆزگەرتىۋەتمەسلىك، قېيىپ كەتمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ مۇھىم نۇقتا جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش ئويلىشىش بولۇپ، مۇقىملىقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىقنى تۇتۇش بىلەن تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتىكى خىزمەتنى بىرتۇتاش پىلانلاش، بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىق ئارقىلىق تەرەققىياتقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، تەرەققىيات ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ ئاساسىي لىنىيە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش بولۇپ، «مۇستەھكەملەش» خىزمىتىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، پۇختا ئىشلەپ، سىياسىي جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، قەلبنى مايىل قىلىش مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ يول «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، ئۆز ئالاھىدىلىكىمىزگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىش بولۇپ، دىققەتنى دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارى، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات غەلىبە ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، تەرەققىيات ئارقىلىق ئىتتىپاقلىقنى تېخىمۇ ياخشى كۈچەيتىپ، قەلبنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ ياخشى ماددىي ئاساس سېلىش كېرەك.
قۇرۇلتاي مۇنداق كۆرسەتتى: «15 ـ بەش يىل» مەزگىلى شىنجاڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئاساسنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشتا پۇختا ئاساس ھازىرلىدۇق، زور پۇرسەتكە ئېرىشتۇق، يەنە نۇرغۇن خەۋپ ـ خەتەر ۋە خىرىسمۇ ساقلانماقتا. بۇرچ ـ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزگىرىشنى تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ھازىرلىنىپ، ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ شىنجاڭنىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ تۈزۈپ بەرگەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانىنى تىرىشىپ گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش كېرەك.
قۇرۇلتاي مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ماركسىزم ـ لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپتۇرۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بەلگىلەپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش ئويلىشىپ، خەلق تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشى زىچ چۆرىدىگەن، قەلبنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملىگەن ھالدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىتتىپاق ـ ئىناق، ئاۋات ـ باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇش.
قۇرۇلتاي شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق نىشان ـ ۋەزىپىسىنى مۇنداق ئايدىڭلاشتۇردى: جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىملىقىنى ساقلاپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش؛ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى قەلبتىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش؛ ئۆزگىچە، ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش؛ ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ھەر تەرەپلىمە ئۆستۈرۈش؛ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىي كۈچى ۋە مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، مائارىپ كۈچلۈك رايونى، پەن ـ تېخنىكا كۈچلۈك رايونى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك رايونى ۋە مەدەنىيەت كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى يېشىشتە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە تېخىمۇ پايدىلىق بولغان كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى سىجىل كۈچەيتىش؛ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىدا يېڭى زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ غەربىي شىمالدىكى ئېكولوگىيە خەۋپسىزلىكى توسۇقىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش؛ بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش يېڭى ئەۋزەللىكىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈش؛ پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش؛ مۇشۇ ئاساستا داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، 2035 ـ يىلىغا بارغاندا، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنى سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ئىقتىساد ئەمەلىي كۈچى، پەن ـ تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، مەدەنىيەت ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچىنى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسى، ماددىي ئاساسى، قانۇنچىللىق ئاساسى ۋە ئىجتىمائىي ئاساسىنى تېخىمۇ پۇختىلاپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش.
قۇرۇلتاي شىنجاڭنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى نىشانلاپ، مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇشتا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن ـ ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باشتىن ـ ئاخىر 1 ـ ئورۇنغا قويۇپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتى مۇقىم بولغان، ياخشىلىنىۋاتقان ۋەزىيەتنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش كېرەك؛ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەپ، «جۇڭگو قەلبى، جۇڭخۇا روھى»نى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزۇش كېرەك؛ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ خەلق تۇرمۇشى بەخت ـ سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ساپ، بەخت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىدە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قەلبى ئۇيۇشقان، مەنىۋى جەھەتتە بىر ـ بىرىگە تايىنىدىغان ئورتاق مەنىۋى ماكان بەرپا قىلىش كېرەك؛ دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، دىن ساھەسىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە يېشىل تەرەققىي قىلىشنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك؛ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ئوچۇق، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، مۇقىم، گۈللەنگەن ھەقىقىي شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىش كېرەك؛ يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەننىڭ ئورۇن بېكىتمىسى تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش يېڭى ئەۋزەللىكىنى تېز شەكىللەندۈرۈش كېرەك؛ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.
قۇرۇلتاي مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە. شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پات ئارىدا ئېچىلىدىغان پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى باش يېتەكچى قىلغان ھالدا پارتىيەنىڭ ھەرقايسى جەھەتتىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىر ئارقىلىق پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇشنى تۈپ كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك؛ نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك؛ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك؛ ئادەم تاللاش ـ ئىشلىتىشنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، جاھاندىكى ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىپ ئىشلىتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولغان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك؛ ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئۇلنى كۈچەيتىش، ئاساسنى پۇختىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنى مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك؛ پارتىيە ئىستىلى ـ پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك.
قۇرۇلتاي مۇنداق تەكىتلىدى: ئىتتىپاقلىق كۈچنى مۇجەسسەملەيدۇ، ئىتتىپاقلىق ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ. سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي كېڭىشىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار، سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز ـ گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەر بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىشقا مۇلازىمەت قىلىپ ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.
قۇرۇلتاي مۇنداق چاقىرىق قىلدى: پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئىشلىرىمىز ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ، ئىشنى ئوبدان قىلىپ نەتىجىلىك ئاخىرلاشتۇرۇپ، يېڭى سەپەردە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇشنى تېزلىتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشقا يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك!