جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - قۇرۇلتىيىنى 10 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىش قارار قىلىندى
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، چېن شياۋجياڭ سۆز قىلدى

10 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 17 - ئومۇمىي يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 18 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 17 - ئومۇمىي يىغىنى 10 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى.
يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ سۆز قىلدى.
يىغىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - قۇرۇلتىيىنى 2026 - يىلى 10 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىش قارار قىلىندى.
يىغىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - قۇرۇلتىيىغا تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - قۇرۇلتىيىغا بېرىدىغان دوكلاتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - قۇرۇلتىيىغا بېرىدىغان خىزمەت دوكلاتى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، بۇ ئىككى دوكلاتنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - قۇرۇلتىيىنىڭ تەكشۈرۈشىگە سۇنۇش قارار قىلىندى؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئىسىملىكى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. يىغىندا يەنە ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە بەدەل پۇلىنى يىغىش، ئىشلىتىش ۋە باشقۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات قاراپ چىقىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، 10 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئوڭۇشلۇق تاماملاشقا تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇشتا پۇختا قەدەم تاشلىدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق 11 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنى ئېچىش پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر چوڭ ئىش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بەلگىلەپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاش، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىنى تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاش، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ۋە سەپەرۋەر قىلىش، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش، يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەش، جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتا مۇھىم ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەت، ئەمەلىي خىزمەت ئىستىلى بىلەن، تىرىشىپ ئاپتونوم رايونلۇق 11 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنى بايراقنى ئېگىز كۆتۈرگەن، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىگەن قۇرۇلتاي قىلىپ ئېچىش، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان، داۋاملىق كۈرەش قىلىدىغان قۇرۇلتاي قىلىپ ئېچىش، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان قۇرۇلتاي قىلىپ ئېچىش كېرەك. دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنى نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، سايلام ۋەزىپىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تۈرلۈك ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ياخشى بولغان يىغىن ئىستىلى، يىغىن ئىنتىزامىنى ساقلاپ، يىغىن مۇلازىمىتى كاپالىتى خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، ياخشى ئاممىۋى پىكىر كەيپىياتىنى پائال يارىتىپ، قۇرۇلتاينىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، كاندىدات ئەزاسى بولمىغان ئۆلكە دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي يولداشلار، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى ۋە تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.