​خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، خەۋپسىزلىككە كاپالەتلىك قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك

2026-10-26 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى​

خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، خەۋپسىزلىككە كاپالەتلىك قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك

​ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ يىڭچۇن، ۋاڭ لىن قاتناشتى


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن كېيىن مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىزاڭ ناچۈ شەھىرىنىڭ باچىڭ ناھىيەسىدە 7.0 بال يەر تەۋرىگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، يېقىنقى مەزگىلدىكى جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات قاتارلىق خىزمەتلەرنى مۇھاكىمە قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 11 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش ئويلىشىپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ يىڭچۇن، ۋاڭ لىن يىغىنغا قاتناشتى.

چېن شياۋجياڭ سۆزىدە مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار خەۋپ - خەتەر ئېڭى ۋە تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. يەر تەۋرەشنى كۆزىتىپ ئۆلچەش - ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، ئالدىن سىگنال بېرىش ئۇچۇرىنى ئائىلىلەرگىچە، ئادەمگىچە تېز، دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك يەتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ يەر تەۋرەش ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپ - خەتىرىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش - تۈزەشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، نۇقتىلىق رايونلاردا ئالدىنى ئېلىش، تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى ۋاقتىدا تۈگىتىش كېرەك؛ يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش بويىچە بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىي جەڭ بويىچە جىددىي تاقابىل تۇرۇش پىلانى ۋە لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش كۈچىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قوشۇن - جابدۇقنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەردىن ساقلىنىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئاپەت يۈزبەرگەن ھامان ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىش ۋە مال - مۈلۈك زىيىنىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ساقلاپ، مۇقىملىقنى قوغداشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قانۇنغا خىلاپ تۈرلۈك گەۋدىلىك جىنايەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىپ، جەمئىيەتتىكى زىددىيەت - ماجىرالارنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ ھەل قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، تور ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى زور يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، كۆمۈرلۈك - كان، خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملار، يول قاتنىشى، ئوت مۇداپىئەسى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى چوڭقۇر، بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزەپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش، جىنايى ئىشلار بويىچە قانۇن يۈرگۈزۈش، پارتىيە ئىنتىزامى ۋە مەمۇرىي جازانى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئېغىر ۋە پەۋقۇلئاددە ئېغىر بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرى يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، 4 - پەسىللىك ئىقتىساد خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. چوڭ - چوڭ تۈرلەرنى چىڭ كۆزلەپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، ئىستېمال بازىرىنى چىڭ كۆزلەپ، ئىستېمال يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى كۈچەپ قوزغىتىپ، تاشقى سودا، تاشقى مەبلەغنى چىڭ كۆزلەپ، ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، مۇلازىمەت كەسپىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى چىڭ كۆزلەپ، سىغىمنى كېڭەيتىپ سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چىڭ كۆزلەپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى كۈچەپ زورايتىپ، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى كۈچەپ پۇختا كاپالەتلەندۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت «شاھمات كۆزى»نى جانلاندۇرۇشنى چىڭ كۆزلەپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ كۆزلەپ، يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى كۈچەپ شەكىللەندۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنى چىڭ كۆزلەپ، ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنىڭ كۈچەپ ئالدىنى ئېلىپ، يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تاماملاش كېرەك.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئالدىنقى سەپتە قوماندانلىق قىلىپ، نۆۋەتچىلىك - دىجورنىلىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەتلەر، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەر، ھەر مىللەت ئامما ئىنكاس قىلغان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا پائال تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، لى گاڭ، قەيسەر ئابدۇكېرىم، ليۇ چۇنلېي، نيې جۇاڭ، لى گولياڭ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەرلىرى، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.