ئاپتونوم رايوننىڭ 2026 - يىلى 3 - پەسىللىك ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى تەھلىل قىلىش - ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى
تولۇق غەيرەتكە كېلىپ 4 - پەسىلگە ئاتلىنىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن پۈتۈن يىللىق نىشاننى ئورۇنداش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ 2026 - يىلى 3 - پەسىللىك ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى تەھلىل قىلىش - ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىللىك ئىقتىساد خىزمىتى خۇلاسىلەندى، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت تەھلىل قىلىندى، ھۆكۈم قىلىندى، 4 - پەسىللىك ئىقتىساد خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يىڭچۇن پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ 2026 - يىلىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدىكى ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىلدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم بولۇپ، ئەلالىشىشقا، يېڭى بولۇشقا، ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ۋەزىيىتى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا ئاتلىنىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مەبلەغ سېلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش جەھەتتە تۈر قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، قىشلىق قۇرۇلۇش قىلىشتىكى ئامىل كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەپ، نۇقتىلىق ۋىلايەت، ئوبلاستلارنىڭ مۇھىم مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، قاتناش، سۇچىلىق، تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى يوشۇرۇن كۈچنى چوڭقۇر قېزىپ، قۇرۇلۇۋاتقان تۈرلەرنىڭ ئىش باشلاشقا تېگىشلىكلىرىدە تولۇق ئىش باشلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، زاپاس تۈرلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە يوشۇرۇن كۈچنى قېزىپ، ئىقتىدارنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، تۇرالغۇ ئىستېمالىنى جانلاندۇرۇپ، ئىستېمال ھالىتى تەمىناتىنى بېيىتىپ، «قار - مۇز مەدەنىيەت - ساياھىتى + ئىستېمال» «مۇسابىقە + ئىستېمال»نىڭ چوڭقۇر ھەمتۈرتكە بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مۇلازىمەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە ئەلالىرىنى يېتىشتۈرۈپ ۋە كۈچەيتىپ، پايدا ئېلىش خاراكتېرلىك مۇلازىمەت كەسپىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى تېزلىتىش كېرەك. كەسىپ تەرەققىياتى جەھەتتە دەل جايىدا كۈچەپ، نۇقتىلىق كەسىپلەردە زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشكە پۇختا تۈرتكە بولۇش، «كۈزنىڭ ئۈچ ئىشى» خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك، نېفىت - تەبىئىي گاز زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تەمىناتىنى مۇقىملاشتۇرۇش، رەڭلىك مېتال كارخانىلىرىنىڭ تولۇق نورمىدا ئىشلەپچىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېشىل توكنى بىۋاسىتە ئۇلاشنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ تۈرلۈك كەسىپلەرگە كۈچ قوشۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: سىرتقا ئېچىۋېتىش جەھەتتە دائىرىنى كېڭەيتىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، چېگرا سودىسىنى مۇقىم ئاشۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يول ئىقتىسادىنىڭ كەسىپ ئىقتىسادىغا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش جەھەتتە سىجىل كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ۋە قىيىنچىلىقى بارلارغا يار - يۆلەك بولۇش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، بۇ يىللىق ئون تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشىنى سان ۋە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ھالدا تاماملاش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى جەھەتتە مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىدىكى «زەنجىرنى تولۇقلاش، ئۇلنى كۈچەيتىش»كە تېز تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە تۆۋەن چەكنى چىڭ ساقلاپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى باشتىن - ئاخىر باش ئورۇنغا قويۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنىڭ پۇختا ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، كارخانىلارنىڭ نېسى قالغان پۇلىنى ئېنىقلاپ قايتۇرۇشنى تېزلىتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىسى يۈزبەرمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىيەت ئۈنۈم ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، سىياسەتنىڭ ئىزچىللىقىنى ساقلاپ، تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ ئىشەنچىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. يۇقىرى ئۈنۈملۈك ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇپ، «بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. دائىملىق ھەيدەكچىلىك قىلىش - تەكشۈرۈش، ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنىڭ پۇختا، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئالاقىدار تارماقلار، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى مەسئۇل يولداشلار سۆز قىلدى.
يۈسۈپجان مەمەت، قەيسەر ئابدۇكېرىم، مۇقىيات جارمۇقامەت، شۆ بىن، جۇ لىفەن، پەن شى، نيې جۇاڭ، قەيسەر قېيۇم، مەخمۇت ئۆمەرجان يىغىنغا قاتناشتى.