ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك سەھىيە ۋە ساغلاملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ سەھىيە ۋە ساغلاملىق ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك
ئاپتونوم رايونلۇق 11 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىغا ئالاقىدار ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى
چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى يىغىن ئاچتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك سەھىيە ۋە ساغلاملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى سەھىيە ۋە ساغلاملىق خىزمىتىدىكى بىر قاتار تۈپ خاراكتېرلىك، يۆنىلىش خاراكتېرلىك، ئومۇملۇق خاراكتېرلىك مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بەردى، ناھايىتى كۈچلۈك ئىدىيەۋىلىككە، ئىستراتېگىيەلىككە، يېتەكچىلىككە ئىگە بولۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە سەھىيە ۋە ساغلاملىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سەھىيە ۋە ساغلاملىق تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، يېڭى دەۋر سەھىيە ۋە ساغلاملىق خىزمىتى فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ساغلاملىق باشقۇرۇش ئىقتىدارى، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىقتىدارى، داۋالاش مۇلازىمىتى ئىقتىدارى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ تىرەكلىك ئىقتىدارى، تېببىي دورا بويىچە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ سەھىيە ۋە ساغلاملىق ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ساغلاملىق ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەك. ساغلاملىقنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى تۈرلۈك سىياسەتلەرگە سىڭدۈرۈپ، ھەرقايسى جەھەتتىكى خىزمەتلەردە گەۋدىلەندۈرۈپ، ساغلاملىققا پايدىلىق تۇرمۇش ئۇسۇلى، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەندىزىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقى بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ياخشى، ماس تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. سەھىيە ۋە ساغلاملىققا دائىر ئۇللۇق خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۇختا تۇتۇپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ساغلام، مەدەنىي تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىق ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. داۋالاش مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، داۋالاش - ساقلىق ساقلاش بويىچە ئاساسنى كۈچەيتىش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، دۆلەت، ئاپتونوم رايوننىڭ رايون داۋالاش مەركىزى ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سەھىيە ۋە ساغلاملىق مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەرقلىق، خاسلاشقان ساغلاملىق مۇلازىمىتى تەمىناتىنى كېڭەيتىپ، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىشتىكى قولايلىق دەرىجىسى ۋە رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېببىي دورا، ساقلىق ساقلاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپ قاتلاملىق داۋالاش كاپالىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، سەھىيە ۋە ساغلاملىق ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى كۈچلۈك قۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» سەھىيە ۋە ساغلاملىق ساھەسى ھەمكارلىقىغا پائال قاتنىشىپ، سەھىيە ۋە ساغلاملىق ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ھاياتىي كۈچىنى سىجىل ئاشۇرۇش كېرەك.
يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 11 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىغا ئالاقىدار ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايونلۇق 11 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى پات ئارىدا ئېچىلىدىغان، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىۋاتقان ۋە ئىزچىللاشتۇرۇۋاتقان، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە تۈرلۈك ئىشلاردا جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىۋاتقان، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇشنى تېزلىتىۋاتقان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە ئېچىلىدىغان بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەم، ئەڭ قاتتىق تەلەپ بويىچە ياخشى ئىشلەپ، يىغىن ئىشلىرىنى كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك دوكلات، ھۆججەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمىنى ئەستايىدىل، ئىنچىكە، ياخشى تۇتۇپ، ئىنتىزام تەلىپىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، تەشۋىق قىلىش، خەۋەر قىلىشنى كۆڭۈل قويۇپ قانات يايدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان، جاسارەت بىلەن يۇقىرى ئۆرلەيدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىپ، يىغىننىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدىكى ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ھەم مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، قۇۋۋىتى يېڭى بولۇشقا يۈزلىنىش، قۇرۇلمىسى ئەلا بولۇشقا يۈزلىنىش، سۈپەت ۋە ئۈنۈمى ئېشىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە شۇنى كۆرۈش كېرەككى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تىرەك بولۇش قۇۋۋىتى يەنىلا يېتەرسىز، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا يەنىلا بىرقەدەر زور بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيەت توغرىسىدىكى تەھلىلى، ھۆكۈمى ۋە ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، 4 - پەسىللىك ئىقتىساد خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل تۈردە يېڭى بولۇشقا، ئەلا بولۇشقا، ياخشى بولۇشقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، كۈزلۈك ئاشلىق ۋە پۈتۈن يىللىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ۋە ئىنچىكە پىششىقلاشنى ياخشى تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سانائەتنىڭ «ئاساسىي ھالىتى»نى مۇقىملاشتۇرۇپ، نېفىت - گاز، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش ۋە قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىپ پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنى كۈچەپ قېزىپ، سېلىنمىنىڭ يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، «ئىككى مۇھىم» قاتارلىق چوڭ - چوڭ تۈر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، خەلق ئىچى سېلىنمىسىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئۇرغۇتۇش؛ ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېڭىچە ئىستېمالنى پائال يېتىلدۈرۈپ، ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا بولغان تۈرتكىلىك رولىنى كۈچەيتىش كېرەك. تاشقى سودىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، پورتلارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمى ۋە چېگرا ھالقىغان سودىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مۇلازىمەت سودىسى، پىششىقلاش سودىسى قاتارلىقلارنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو − ياۋروپا - ئوتتۇرا ئاسىيا نۆۋەتچى پويىزىنى مۇقىم يۈرۈشتۈرۈپ، تاشقى سودىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرىنى پۇختا، ياخشى قىلىپ، پۇقرالارنى ئېرىشىش تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ھېس قىلالايدىغان، ئۇنىڭدىن تېخىمۇ مەنپەئەتلىنەلەيدىغان قىلىش كېرەك. مالىيە - باج، پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، مالىيە - باج كىرىمى خىزمىتىنى قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە ياخشى ئىشلەپ، ئۆي - زېمىن بازىرىنى كۈچەپ مۇقىملاشتۇرۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرزىنى ئۆتۈشمە شەكىللىك نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قەرز خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈگىتىش قىزىل سىزىقى ۋە تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاش كېرەك. ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى نۇقتىلىق كەسىپ، كارخانا، ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق كۆرسەتكۈچلەرنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ دەل جايىدا بولۇش دەرىجىسى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، «15 - بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يىغىندا ئاپتونوم رايون ئالىي مائارىپىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئاساسىي مائارىپ بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، مائارىپ كۈچلۈك رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپ ساھەسىدە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا تۇتۇپ، ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ياش - ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان «ئۇلنى پۇختىلاش» قۇرۇلۇشىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، مەكتەپ ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى پۇختا قوغداش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئاساسىي مائارىپنى كۈچەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئالىي مائارىپنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا ئالىي مائارىپنىڭ سىغىمنى كېڭەيتىپ، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، پەنلەرنى تەسىس قىلىش - تەڭشەش مېخانىزمى ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زامانىۋى كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ تېخنىكا - ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن خاتىرجەم شۇغۇللىنىشقا جەلپ قىلىش كېرەك.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.