جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 ـ قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك يېپىلدى

2026-10-25 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلدى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى

چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى

10 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 ـ قۇرۇلتىيى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا غەلىبىلىك يېپىلدى. يولداش چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

10 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 ـ قۇرۇلتىيى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا غەلىبىلىك يېپىلدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 ـ قۇرۇلتىيى 10 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ خەلق سارىيىدا غەلىبىلىك يېپىلدى. قۇرۇلتايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى.

يولداش چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز، خې جۇڭيوۋ، جاڭ يىڭچۇن، ۋاڭ لىن، ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، لى گاڭ، ۋاڭ گاڭ، قەيسەر ئابدۇكېرىم، ليۇ چۇنلېي رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى. قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتىنىڭ باشقا ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، قۇرۇلتاينىڭ يېپىلىش يىغىنى باشلاندى.

يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 725 كىشى، ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىل ئىككى كىشى، ئەمەلىي قاتناشقىنى 723 كىشى بولۇپ، بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

باش بېلەت نازارەتچىسى، مۇئاۋىن باش بېلەت نازارەتچىلىرى، بېلەت نازارەتچىلىرىنىڭ نازارەتچىلىكىدە، يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر ۋە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىللەر نامسىز بېلەت تاشلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق 82 ئەزا، 17 كاندىدات ئەزادىن تەركىب تاپقان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتىنى سايلاپ چىقتى، 55 ئەزادىن تەركىب تاپقان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 ـ نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنى سايلاپ چىقتى.

سائەت 12دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، چېن شياۋجياڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 11 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەنلىكىنى جاكارلىدى. پۈتۈن مەيداندا ئۇزاققىچە قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

ئارقىدىن قۇرۇلتايدا قول كۆتۈرۈپ ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى.

چېن شياۋجياڭ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بارلىق ۋەكىللەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ئاپتونوم رايونلۇق 11 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. بۇ، بايراق ئېگىز كۆتۈرۈلگەن، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغان بىر قېتىملىق قۇرۇلتاي، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق ياراتقان، يول ئېچىپ ئالغا باسقان بىر قېتىملىق قۇرۇلتاي، دېموكراتىيە جارى قىلدۇرۇلغان، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان بىر قېتىملىق قۇرۇلتاي بولۇپ، مۇقەررەر ھالدا پۈتۈن شىنجاڭدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەننى «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەت، تېخىمۇ تولۇپ تاشقان خىزمەت قىزغىنلىقى بىلەن، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. ئۇ يېڭىدىن سايلانغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىغا ۋاكالىتەن، بارلىق ۋەكىللەرنىڭ ئىشەنگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى، ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان 10 ـ نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىدىكى يولداشلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى، جۇڭگو ئىشچى ـ دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ 90 يىللىقى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو ئىشچى ـ دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، جەسۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇش يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا تىرىشىپ ياخشى مېڭىشىمىز كېرەك.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈش، سادىقلىق بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىش كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بەلگىلەپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن ـ ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، پارتىيە قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئاڭلىق ھالدا شىنجاڭ خىزمىتىنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئومۇملۇقىغا قويۇپ كۆزىتىپ ۋە پىلانلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارى ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش، ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەك. دۆلەتنىڭ شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوللاش سىياسەت ـ تەدبىرلىرىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جەمئىيەت مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلە، خەلق ئاممىسى ئىنكاس قىلغان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىسىگە چىڭ قادىلىپ، ئىسلاھات تەپەككۇرى ۋە چارىسى ئارقىلىق قىيىن مەسىلىنى يېشىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىش، زىددىيەتنى تۈگىتىش، مەسىلىنى ھەل قىلىش داۋامىدا مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىياتنى كۈچەيتىش، ئەمەلىي نەتىجە يارىتىش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش كېرەك.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇيۇشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىشىدىكى ئىدىيەۋى ـ سىياسىي ئاساسنى مۇستەھكەملەپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى بىر مەقسەتتە ئويلاش، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى، كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشىنى قوللاپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار، سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، پارتىيەسىز ـ گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مېخانىزمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. «تەكلىپ قىلىش، چىقىرىش» خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، مۇقىم، گۈللەنگەن ھەقىقىي شىنجاڭنى نامايان قىلىش كېرەك.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى باش يېتەكچى قىلىش ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى، پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلق ئۈچۈن سىياسىي نەتىجە يارىتىش، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق سىياسىي نەتىجە يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈش، قەلبلەرنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەش، ئىتتىپاقلىقنى تېخىمۇ ياخشى كۈچەيتىش، مۇقىملىقنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىر گەۋدە بويىچە ئالغا سىلجىتىپ، چىرىكلىك پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى ئۈزلۈكسىز تۈگىتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە ۋە ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

چېن شياۋجياڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: ھەممەيلەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، سەمىمىي تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شەرەپلىك بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدە يېڭى ۋەزىيەتنى جاسارەت بىلەن يارىتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا شىنجاڭ تۆھپىسىنى نامايان قىلىپ، تېخىمۇ زور كۈچ قوشايلى.

قۇرۇلتاي سايلىمىدىن كېيىن، مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن پېشقەدەم يولداشلار، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار، ئاپتونوم رايونلۇق سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز ـ گۇرۇھسىز ۋەكىل زاتلار، ئالاقىدار تەرەپلەردىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. قۇرۇلتاي ۋەكىلى بولمىغان ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايون ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار سىرتتىن قاتناشتى.

قۇرۇلتاي ھەيۋەتلىك «ئىنتېرناتسىيونال شېئىرى» ساداسى ئىچىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى.