چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى
قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتىدىكىلەرنىڭ ئىسىملىكى، ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىدىكىلەرنىڭ ئىسىملىكى ۋە قۇرۇلتاي قارالمىلىرى ماقۇللاندى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 18 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - قۇرۇلتىيى تەييارلىق يىغىنى ئۆتكۈزدى. يولداش چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق 11 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 725 كىشى، تەييارلىق يىغىنىغا ئەمەلىي قاتناشقانلار 720 كىشى.
يىغىندا قول كۆتۈرۈپ ئاۋاز بېرىش شەكلى ئارقىلىق، 104 كىشىدىن تەركىب تاپقان قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتىدىكىلەرنىڭ ئىسىملىكى ماقۇللاندى، 13 كىشىدىن تەركىب تاپقان ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىدىكىلەرنىڭ ئىسىملىكى ماقۇللاندى، يولداش جاڭ يىڭچۇننى قۇرۇلتاينىڭ باش كاتىپلىقىغا تەيىنلەش ماقۇللاندى.
يىغىندا يەنە ئاپتونوم رايونلۇق 11 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ قارالمىلىرى ماقۇللاندى. قۇرۇلتاي قارالمىلىرى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتۈش ۋە تەكشۈرۈش؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى تەكشۈرۈش؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنى سايلاش؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنى سايلاش.
چېن شياۋجياڭ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونلۇق 11 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنى ياخشى ئېچىش پۈتۈن شىنجاڭدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنى تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ۋە سەپەۋەر قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچلۈك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇمىز ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇمىز ئارقىلىق، قۇرۇلتاينىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئەتراپلىق تەشكىللەپ ئالغا سىلجىتىپ، قۇرۇلتاي دوكلاتىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، سايلام خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەپ، ھەقىقىي تۈردە يىغىن ئىستىلى، يىغىن ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، قۇرۇلتاينىڭ ئوڭۇشلۇق، تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، قۇرۇلتاينىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىشى كېرەك.