قۇرۇلتايدا بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك

2026-10-22 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايونلۇق 11 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى خوتەن ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

قۇرۇلتايدا بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك

10 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، يولداش چېن شياۋجياڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق ئاپتونوم رايونلۇق 11 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى خوتەن ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، يولداش چېن شياۋجياڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق ئاپتونوم رايونلۇق 11 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى خوتەن ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى پارتىيە قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، جاسارەت بىلەن تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى مۇساپىدە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك.

خوتەن ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرە كەيپىياتى قىزغىن بولدى، مەخمۇت ئۆمەرجان، ۋاڭ لۇجۈن، ۋېن خۇا، جاۋ شىفېڭ، ۋاڭ سۇڭجاۋ، لى جىفېڭ، لى شۆباۋ، شىرزات زاكىرجان، رەيھانگۈل ئابلىز قاتارلىق ۋەكىللەر ئىلگىرى - كېيىن سۆز قىلىپ، خىزمەت تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: ئۆتكەن بەش يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا تىنچ - ئىناق بولغان، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان يېڭى كەيپىيات نامايان بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق 11 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى دوكلاتى مەركەزنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلغان، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇنلاشقان، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ماسلاشقان دوكلات بولۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى. بىز مەۋقەنى ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتىگە قويۇپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، قۇرۇلتايدا بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەرنى كونكرېت تەدبىر ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك.

توققۇز نەپەر ۋەكىلنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، چېن شياۋجياڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى نېگىزىدىن ئېيتقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن بولدى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى. «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، سادىقلىق بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ھەر ۋاقىت سېلىشتۇرۇپ، ئېغىشنى ۋاقتىدا تۈزەپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، جاسارەت بىلەن باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ئۈچۈن تۈزۈپ بەرگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، كەلگۈسى بەش يىلدا شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئومۇمىي تەلەپ، ئاساسلىق نىشان ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ۋەزىپەنامە، ۋاقىت جەدۋىلى، يول خەرىتىسى ئىلمىي تۈزۈلدى. بىز سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك پىلانىنى، نىشان - ۋەزىپە، ئەمەلىيەت يولى، تاكتىكا - ئۇسۇللارنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش ئويلىشىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئورۇنلاشتۇرما بىر ئۈلۈش بولسا، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توققۇز ئۈلۈش بولىدۇ. ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئەمەلىي بولۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بەلگىلەپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، مەۋقەنى ئۆز شارائىتىغا قويۇپ، ئۆزگىچە ئەۋزەللىكنى نامايان قىلىش داۋامىدا ئۇسۇل ۋە يولنى دەل جايىدا تېپىپ چىقىپ، ھەم بىر رايونغا شەرەپ كەلتۈرۈش، ھەم ئومۇملۇققا شەرەپ كەلتۈرۈشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتى، ئاساسىي قاتلامدىكى توسۇق نۇقتا، ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىنى ئېچىش كېرەك. قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىقتىدارنى تاۋلاپ، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كادىرلارنى تەربىيەلەيدىغان ۋە چېنىقتۇرىدىغان چوڭ دەرسخانا قىلىپ، ئامما بىلەن ئىتتىپاقلىشىش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش، مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى تىزگىنلەش قابىلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئىسلاھات تەپەككۇرى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشقا ماھىر بولۇش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەش، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تولۇق ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، تاش - تۆمۈردە ئىز قالدۇرىدىغان جاسارەت بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلات سىستېمىسىنى زىچ بەرپا قىلىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تېخىمۇ سەگەكلىك بىلەن قەتئىي ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا ئومۇميۈزلۈك قاتتىق بولۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتۈپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى داۋاملىق بەرپا قىلىش كېرەك.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىلدىن بۇيان، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتى مۇقىم بولۇشنى ساقلاپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى ئېشىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. خوتەندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 11 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قۇرۇلتايدا ئايدىڭلاشتۇرۇلغان نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى تۈرمۇتۈر جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈش، قەلبلەرنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەش، ئىتتىپاقلىقنى تېخىمۇ ياخشى كۈچەيتىش، مۇقىملىقنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋاڭ مىڭشەن، ھەسەنجان ئەخمەت مۇزاكىرىگە قاتناشتى.