سىياسىي مەسئۇلىيەتنى پۇختا زىممىگە ئېلىپ، بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلاش كېرەك

2026-09-30 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ھەم ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى

سىياسىي مەسئۇلىيەتنى پۇختا زىممىگە ئېلىپ، بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلاش كېرەك


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ھەم ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەملىكەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش سىنلىق يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ ھازىرقى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى تەھلىل قىلىندى ۋە ھۆكۈم قىلىندى، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلى ۋە 4 - پەسىللىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يىڭچۇن مەملىكەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش سىنلىق يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى پۇختا زىممىگە ئېلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرىدىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەڭ قەتئىي پوزىتسىيە، ئەڭ كۈچلۈك تەدبىر، ئەڭ پۇختا ئىستىل، ئەڭ قاتتىق بولغان جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق، ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىپ بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرىنى باشقۇرۇپ - تىزگىنلەپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى توسۇپ، ئاممىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ھەقىقىي قوغدىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مەركەز بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باھالاش - تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قايتما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى قەتئىي، ياخشى تۇتۇپ، تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى بىخ ھالىتىدە تۈگىتىش كېرەك. «قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا زەربە بېرىش ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى تۈزەش» خىزمىتىنى ھەقىقىي ئەمەلىي تۇتۇپ، يۇقىرى خەتەرلىك نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەرنى چىڭ كۆزلەپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش سالاھىيىتى ياكى شارائىتى تەلەپكە ئۇيغۇن بولماسلىق، ساختىپەزلىك قىلىش، يامان غەرەزدە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش، قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ، خەتەرلىك مەشغۇلات قىلىشقا زورلاش، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشتا «مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلماسلىق» قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى قانۇن بويىچە تۈزەش كېرەك. كان ساھەسىدىكى ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، توسۇشقا دائىر قاتتىق تەدبىرلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىش دائىرىسىنى يوشۇرۇش، نازارەت قىلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىدا ساختىلىق قىلىش قاتارلىق قانۇن - بەلگىلىمىگە خىلاپ ئېغىر قىلمىشلارنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ ۋە بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. ئوت ئۆچۈرۈش، يول قاتنىشى، ساياھەت، گېئولوگىيەلىك چارلاش، قۇرۇلۇش قىلىش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردە بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇش كېرەك. كۈز، قىش پەسلىدىكى ناچار ھاۋارايى، يەر تەۋرەش ئەھۋالى ۋەزىيىتى ۋە تەبىئىي ئاپەت قاتارلىقلارغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، كېڭىشىپ ھۆكۈم قىلىش ۋە كۆزىتىش - ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، جىددىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى مەھكەم ساقلاش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلاردىكى پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي تۈردە تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى پۇختا زىممىگە ئېلىشى، رەھبەرلەرنىڭ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىشى كېرەك. ھەرقايسى ساھە مەسئۇل تارماقلىرى «ئۈچنى باشقۇرۇشتا ئۈچ جەزمەن بولۇش» تەلىپى بويىچە، ئۆز كەسپى، ئۆز ساھەسىدىكى يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، تۈزەش سالمىقىنى زورايتىپ، «ئۆتۈشمە شەكىل»دىكى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتلىرى ھەم ئىشخانىلىرى بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاش فۇنكسىيەسىنى ياخشى ئادا قىلىپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

يۈسۈپجان مەمەت پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، قىسمەن ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار سۆز قىلدى.

قەيسەر ئابدۇكېرىم، مۇقىيات جارمۇقامەت، جۇ لىفەن، پەن شى، قەيسەر قېيۇم، مەخمۇت ئۆمەرجان يىغىنغا قاتناشتى.