11 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 1 - قېتىملىق يىغىن ئاچتى
ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇش يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىش كېرەك
چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
يىغىندىن كېيىن، چېن شياۋجياڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى بەنزىسىدىكىلەرنى باشلاپ شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم قىزىل ئارمىيە شىسىنىڭ شى تارىخى سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى ئەسلەپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تاۋلىنىشنى قوبۇل قىلدى

10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى بەنزىسىدىكىلەر ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلارنى باشلاپ شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم قىزىل ئارمىيە شىسىنىڭ شى تارىخى سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى ئەسلەپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تاۋلىنىشنى قوبۇل قىلدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، 11 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 1 - قېتىملىق يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، پارتىيە نىزامنامىسى ۋە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى ئەسلەپ ئۆتتى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى بەنزىسى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە پارتىيەمىزنىڭ قىزىل ئارمىيەگە رەھبەرلىك قىلىپ ئۇزۇن سەپەر قىلغان ئۇلۇغ مۇساپىسى ئەسلەپ ئۆتۈلدى، ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ ئۇلۇغ ئەھمىيىتى خۇلاسىلەندى، ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىگە مۇجەسسەملەنگەن پارتىيە ۋە خەلق ئارمىيەسىنىڭ مەزمۇت قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان غەلىبە قىلىش يولى كۆرسىتىپ بېرىلدى، ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنىڭ تارىخىي قىممىتى بايان قىلىندى، ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىش توغرىسىدا «بەش جەزمەن» ئېنىق تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، ئىنتايىن كۈچلۈك سىياسىيلىققا، ئىدىيەۋىلىككە ۋە يېتەكچىلىككە ئىگە. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىنقىلابىي تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۇلۇغ روھنى داۋاملاشتۇرۇپ، جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇشىمىز كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بىر دەۋر كىشىلىرىنىڭ شۇ دەۋر كىشىلىرىگە خاس بۇرچى بولىدۇ، ھەربىر دەۋر كىشىلىرى ئۆزىنىڭ ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىشى كېرەك. شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ كۈچ ئۇلاش كالتىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىغا تاپشۇرۇلدى، بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىشەنگەنلىكى ۋە مۇھىم تاپشۇرۇقى بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سەمىمىي ئۈمىدى مۇجەسسەملەنگەن. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ئۈچۈن تۈزۈپ بەرگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى بەنزىسى باشلامچىلىق بىلەن پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشى كېرەك. بايراق روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدا يادروغا سادىق بولۇپ، يادرونى ھىمايە قىلىپ، يادرونى قوغداپ، يادرونى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى باشلامچىلىق بىلەن كۈچەيتىپ، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىش، يۈكسەك ئىنتىلىشنى چىڭ ساقلاشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشى كېرەك. قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، تېخىمۇ چوڭقۇر، سىستېمىلىق «ئۆگىنىش» ئارقىلىق ھەقىقىي تۈردە ئېتىقادنى چىڭىتىش، مۇتلەق سادىق بولۇش، بۇرچ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى؛ تېخىمۇ قەتئىي تەۋرەنمەس «ئېتىقاد» ئارقىلىق سىياسىي جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ئىدىيە جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، نەزەرىيە جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ھېسسىيات جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى؛ تېخىمۇ قەتئىي، ئاڭلىق «قوللىنىش» ئارقىلىق ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچىنى قەلبكە سىڭدۈرۈپ، ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنىڭ قەتئىي ئېتىقاد قىلغۇچىلىرى، سادىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىلىرى، نەمۇنىلىك تۈرتكە بولغۇچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك. باشلامچىلىق بىلەن يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاش، كەم - كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشى كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ «تۇتقىسى» ۋە «جېنى» قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەربىر تۈرلۈك خىزمەتنى پىلانلاش، ھەربىر تۈرلۈك تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇش، ھەربىر تۈرلۈك ۋەزىپىنى ئالغا سىلجىتىشتا يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئۆلچەم قىلىپ، دىققەتنى جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇشى كېرەك. باشلامچىلىق بىلەن ئىتتىپاقلىققا ئەھمىيەت بېرىپ، ئومۇمىيەتنى كۆزلەپ، بىر مەقسەتتە بولۇش، ئورتاق كۈرەش قىلىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشى كېرەك. پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپىنى بەنزە ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ ئۇل تېشى قىلىپ، ئىتتىپاقلىقنى كۆڭۈل قويۇپ قوغداپ، ئىتتىپاقلىقنى ئاڭلىق كۈچەيتىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئورتاق ئىشلار ئارقىلىق ئورتاق تونۇشنى كۈچەيتىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەيدىغان كۈچلۈك رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇشى كېرەك. دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئىجرا قىلىپ، پارتىيە كومىتېتى ئومۇملۇقنى ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي كېڭەشنىڭ قانۇن بويىچە، نىزامنامە بويىچە مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشىنى قوللاپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر مەقسەتتە مۇقىملىقنى قوغدايدىغان، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. باشلامچىلىق بىلەن توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشى كېرەك. خەلق ئۈچۈن سىياسىي نەتىجە يارىتىش، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق سىياسىي نەتىجە يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇش خىزمەت ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ رايون ئەھۋالى، ئاساسىي قاتلام ئەمەلىيىتى، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا قويۇپ خىزمەتلەرنى پىلانلاپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھات تەپەككۇرى ۋە چارىسى ئارقىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى يېشىش، زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش، ھاياتىي كۈچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئۇرغۇتۇشقا ماھىر بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، خەلق قەلبىنى ئىللىتىدىغان، خەلق رايىغا مايىللاشقان ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىشلارنى پائال ياخشى قىلىپ، ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ ۋە تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى تىرىشىپ يارىتىشى كېرەك. باشلامچىلىق بىلەن ئىنتىزامغا، قانۇنغا رىئايە قىلىپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ھوقۇقنى ئادىل ئىشلىتىش، پاك - دۇرۇس بولۇشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشى كېرەك. قەتئىي تۈردە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى پۇختا زىممىگە ئېلىپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش، مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئادا قىلىش، باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى قاتتىق باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھوقۇقنى قانۇن بويىچە ئىشلىتىپ، ھوقۇقنى توغرا ئىشلىتىپ، ھوقۇقنى پاك ئىشلىتىپ، ئىمتىياز ئىدىيەسى ۋە ئىمتىياز قىلمىشلىرىنى ئاڭلىق توسۇپ، ئائىلە، ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى، پەرزەنتلىرى ۋە ئەتراپىدىكى خىزمەتچى خادىملارنى قاتتىق، ياخشى باشقۇرۇپ، نازارەتچىلىكنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، ئۆزى دۇرۇس بولۇش، ئۆزى پاك بولۇش، بېلى چىڭ بولۇش ئارقىلىق پۈتۈن شىنجاڭدا ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە شەكىللەندۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىشى، تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
يىغىندا يەنە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئىش تەقسىماتى قاتارلىق ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.
يىغىندىن كېيىن، چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىدىكى يولداشلار ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلارنى باشلاپ شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم قىزىل ئارمىيە شىسىنىڭ شى تارىخى سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.
ئېكسكۇرسىيە جەريانىدا، چېن شياۋجياڭ قاتارلىقلار تونۇشتۇرۇشنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، ھەربىر دانە ئىنقىلابىي ئەمەلىي بۇيۇم، ھەربىر ئۇرۇش كۆرۈنۈشى، ھەربىر بۆلەك قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىياللار ئالدىدا قەدىمىنى توختىتىپ، جاپالىق، شانلىق يىللارنى ئەسلەپ، جەسۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەش ئىرادىسىنى چىڭىتتى. ئارقىدىن، چېن شياۋجياڭ كۆپچىلىكنى باشلاپ پارتىيە بايرىقىغا يۈزلىنىپ ھۆرمەت بىلدۈرۈپ تىك تۇرۇپ، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى ئەسلىدى.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق دېدى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى بەنزىسىنىڭ قىزىل ئارمىيە شىسىنىڭ شى تارىخى سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشى، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى ئەسلىشى ئىنقىلابىي ئېسىل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان مەنىۋى كۈچنى قوبۇل قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇش يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىش ئۈچۈندۇر. بىز «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ ئاكتىپ، تەشەببۇسكار تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىدىغان روھىي ھالەت ئارقىلىق، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان يېڭى نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشىمىز كېرەك.