شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ۋۇخەن داشۆ پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ كۇڭجۈن، مەكتەپ مۇدىرى جاڭ پىڭۋېن ۋە ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن ۋۇخەن داشۆنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى قوللىغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تەرەققىيات ئەڭ ياخشى، ئۆزگىرىش ئەڭ زور، ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆپ نەپكە ئېرىشكەن تارىخىي مەزگىلگە قەدەم قويدى. ئۇزاقتىن بۇيان، ۋۇخەن داشۆ قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى بىر تۈركۈم ئالىي مەكتەپلەر شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئالىي مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى. ۋۇخەن داشۆنىڭ شىنجاڭ بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقنى سىجىل كۈچەيتىپ، پەن ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، زامانىۋى دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق قاتارلىق ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىلمىي تەتقىقات، تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى بىرلىكتە قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش موتورىنى بەرپا قىلىشىغا كۈچ قوشۇشىنى؛ شىنجاڭ داشۆگە ياردەم بېرىش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ ئالىي مائارىپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، سىغىمىنى كېڭەيتىش، ئوقۇتقۇچىلار كۈچىنى كۈچەيتىش، پەن قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، مەكتەپ باشقۇرۇش قاتلىمى ۋە پەن تەتقىقات ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىنى قوللىشىنى؛ شىنجاڭغا داۋالاش ئارقىلىق ياردەم بېرىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يەرلىك داۋالاش تايانچلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈپ ۋە يېتىشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
جۇ كۇڭجۈن شىنجاڭنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ۋۇخەن داشۆنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئېكولوگىيەنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، مەكتەپ بىلەن يەرلىكنىڭ ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى كەڭ پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. ۋۇخەن داشۆنىڭ پەن ئەۋزەللىكى شىنجاڭنىڭ كەسىپ ئېھتىياجى، ئەمەلىي قوللىنىش ھالىتى بىلەن يۈكسەك دەرىجىدە ماس كېلىدۇ، مەكتىپىمىز ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تەرەققىيات ئىقتىدار دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش، دۆلەتكە مۇلازىمەت قىلىش بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشتىكى مۇھىم پۇرسەت بىلىپ، ئۆلچەپ سىزىش - يىراقتىن سېزىش، سۇچىلىق - سۇ ئېلېكتىر، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، ئېنېرگىيە - قېزىلما بايلىق، يېزا ئىگىلىك ئېكولوگىيەسى، ھاياتلىق - ساغلاملىق، چېگرا رايون قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەۋزەل ساھەلەرنى چۆرىدەپ، پەن تەتقىقات سۇپىسىنى يۇقىرى سەۋىيەدە قۇرۇپ ۋە يۈرۈشتۈرۈپ، تەتقىقات نەتىجىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىدۇ.
ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ۋاڭ جيەنشىن، قادېن كەبىن، قەيسەر ئابدۇكېرىم، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار ئورۇنلار، ئالىي مەكتەپلەر ۋە دوختۇرخانىلاردىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.