3 - قېتىملىق شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال ئىلمىي تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى

2026-10-12 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

​يىن خېجۈن، چېن شياۋجياڭ، خې خۇڭپىڭ سۆز قىلدى، ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

10 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، 3 - قېتىملىق شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال ئىلمىي تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. سۈرەتتە: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي چېن شياۋجياڭ نەتىجىلەرنى ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 10 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: 3 - قېتىملىق شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال ئىلمىي تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلىش يىغىنى 10 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مىنىستىر يىن خېجۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي چېن شياۋجياڭ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خې خۇڭپىڭ نەتىجىلەرنى ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ يىغىنغا قاتناشتى.

چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن ئۇنىۋېرسال ئىلمىي تەكشۈرۈشتە قولغا كەلتۈرۈلگەن مول نەتىجىلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە مەدەت بەرگەن پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى قاتارلىق دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق - كومىتېتلىرى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى، قېرىنداش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: 3 - قېتىملىق شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال ئىلمىي تەكشۈرۈشىدە دىققەت سۇ بايلىقى، ئېكولوگىيە - مۇھىت، يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان يەر، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە جانلىقلار بايلىقى، ئېنېرگىيە - قېزىلما بايلىق قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، بايلىق ئېكولوگىيە ئاساسى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىپ، بىر قاتار دەسلەپكى ئىجادىي خاراكتېرلىك، بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىش، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. بەش يىلدىن بۇيان، بارلىق ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتى ئەزالىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنى كېزىپ، قاتمۇقات قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ۋەزنى ئېغىر ئىلمىي تەكشۈرۈش جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇپ، «ئىلىم - پەنگە ئۆزىنى بېغىشلاش، چېگرا رايونغا تۆھپە قوشۇش»تىن ئىبارەت بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى ئەمەلدە كۆرسەتتى. بىز شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى، كەسىپ ئاساسى ۋە بايلىق مۇھىتىنىڭ كۆتۈرۈش كۈچىگە قويۇپ، ئىلمىي تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنى ئۇنىۋېرسال ئايلاندۇرۇش، قوللىنىشنى تېزلىتىپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىپ، چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، سۇ مۇھىتى، سۇ ئېكولوگىيەسى، سۇ بايلىقى، سۇ بىخەتەرلىكى بويىچە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، يەر بايلىقىنى ياخشى قوغداپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، مۇھىم ئېنېرگىيە ۋە قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئىلمىي تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ھالدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچ قوشۇش، ئۆزگىچە ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا مۇلازىمەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىشىمىز كېرەك.

يىن خېجۈن مۇنداق كۆرسەتتى: 3 - قېتىملىق شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال ئىلمىي تەكشۈرۈشىدە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچى قىلىنىپ، چوڭ - چوڭ بەلگە خاراكتېرلىك ئىلمىي قۇرۇلۇشلار كۈچەپ بەرپا قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ يېشىل تەرەققىياتى ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىندى. بەش يىلدىن بۇيان، ئىلمىي تەكشۈرۈش خىزمىتىدە يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت كۈچىنى ئىشقا سېلىش تۈزۈلمىسى ئەمەلدە كۆرسىتىلىپ، مەركەز بىلەن يەرلىك ھەمتۈرتكە بولۇپ، مىنىستىرلىقلار ئارا ماسلىشىپ پۈتۈن رايوندا ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش ئالغا سىلجىتىلىپ، بىر تۈركۈم مۇھىم نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى؛ ئىلىم - پەننىڭ ئالدىنقى سېپىگە يۈزلىنىش بىلەن دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، شىنجاڭدىكى بايلىق، مۇھىت ۋە يېشىل تەرەققىياتقا دائىر گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىلمىي لايىھە ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، پەن - تېخنىكا ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىندى. بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان مۇھىم ئىلمىي تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى بارلىق ئىلمىي تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ جاپا - مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىنىڭ ئەقىل - پاراسەت جەۋھىرى، يېڭى مۇساپىدىكى تەشكىللىك پەن تەتقىقاتنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى. ھازىر، 3 - قېتىملىق شىنجاڭ ئىلمىي تەكشۈرۈشى نەتىجىلەرنى ئۇنىۋېرسال توپلاشتۇرۇش ۋە ئايلاندۇرۇپ قوللىنىشنىڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچىغا كىردى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ئىلمىي تەكشۈرۈشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك بۇرچىنى ئىگىلەپ، ئىلمىي تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە قوللىنىشنى تېزلىتىش كېرەك. ئىلمىي تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتىنى قوغداش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنىڭ غەربىي شىمال ئېكولوگىيەسى، ئېنېرگىيە بايلىقى بىخەتەرلىكىنى ئىلمىي تىرەك بىلەن تەمىنلەش؛ ئىلمىي تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنىڭ شىنجاڭدا كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پىشقان تېخنىكا بويىچە كۆلەملەشتۈرۈپ ئۈلگە كۆرسىتىپ كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى قۇۋۋەتنى يېتىلدۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش؛ ئىلمىي تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىگە نەپ يەتكۈزۈشتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ساغلام ئىچىدىغان سۇ، چۆللىشىشنى تۈزەش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كۈچ قوشۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، 3 - قېتىملىق شىنجاڭ ئىلمىي تەكشۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشى، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى، زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇھىم كۈچ قوشۇش كېرەك.

خې خۇڭپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈچ نۆۋەت ئىستراتېگىيەلىك، سىستېمىلىق بولغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال ئىلمىي تەكشۈرۈشىنى باشلامچىلىق بىلەن تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۇختا پەن - تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى. 3 - قېتىملىق شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال ئىلمىي تەكشۈرۈشىدە شىنجاڭنىڭ بايلىق، مۇھىت ئاساسى سىستېمىلىق ئېنىقلىنىپ، قوللىنىشچان ئەمەلىيەت ئارقىلىق يىرىك پىلان لايىھەسى، تۈزەش تېخنىكىسى ۋە تەدبىر، تەكلىپلەرنى شەكىللەندۈرۈش كۆزدە تۇتۇلۇپ، شۇ جايدىكى پەن تەتقىقات ئىختىساسلىقلىرى پائال يېتىشتۈرۈلدى. بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان مۇھىم نەتىجىلەر نەچچە ئون يىل ئۇدا داۋاملىشىپ كەلگەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ مول جۇغلانمىسى، يېڭى دەۋردە شىنجاڭنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، شىنجاڭنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق قوغداشنىڭ جانلىق جاۋاب قەغىزى. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەسىنى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىشنى چىڭ كۆزلەپ، ئىلمىي تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىلغار تېخنىكىنى ئۈلگە كۆرسىتىپ كېڭەيتىش ۋە قوللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرىدۇ؛ ئىختىساسلىقلار سۇپىسىنى كۈچلۈك قۇرۇپ، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتقان، تۆھپە قوشىدىغان، باتۇرلۇق بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىدىغان بىر پەن تەتقىقات قوشۇنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، چېگرا رايوننىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئۇل تېشىنى مۇستەھكەملەيدۇ؛ ئېچىۋېتىش، ماسلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى، شىنجاڭدىكى ئالاقىدار ئالىي مەكتەپ ۋە پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن بولغان ماس ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان بىرلەشمە تەتقىقات مېخانىزمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كۈچ قوشىدۇ.

يىغىندا، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىدىكى مەسئۇل يولداش 3 - قېتىملىق شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال ئىلمىي تەكشۈرۈشىنىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. بۇ قېتىمقى ئىلمىي تەكشۈرۈشتە شىنجاڭ بايلىق، مۇھىت ۋە يېشىل تەرەققىيات جەھەتتە دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەر كۈچەپ ھەل قىلىنىپ، بىر تۈركۈم مۇھىم نەتىجىلەر ھاسىل قىلىنىپ، قۇم - بوران مۇھىتىنىڭ كۆپ ئۆلچەملىك تەسىرى ئېچىپ بېرىلىپ، شىنجاڭنىڭ مۇزلۇق بايلىقىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە كەلگۈسىدىكى ئۆزگىرىش يۈزلىنىشى ئىزاھلىنىپ، ناچار شارائىتقا تاقابىل تۇرالايدىغان بىر تۈركۈم ئالاھىدە يېڭى گېنغا ئېرىشىپ، شىنجاڭنىڭ يەر بايلىقى جەھەتتىكى تېرىلغۇ يەرنى ئېچىش يوشۇرۇن كۈچى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىپ، قۇملۇق گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنىڭ ئىلمىي لايىھەسى قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

نەتىجىلەرنى ئېلان قىلىش يىغىنىدىن بۇرۇن، يىن خېجۈن، چېن شياۋجياڭ قاتارلىقلار شىنجاڭ ئىلمىي تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى بىرلىكتە ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لىن شىن، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن قادېن كەبىن، قەيسەر ئابدۇكېرىم، شۆ بىن، ياڭ خۇڭبىن، پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىدىكى يولداشلار، ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلىرى ۋە ئىلمىي تەكشۈرۈش مۇتەخەسسىسلىرى، تۈر ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ھەم پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ۋەكىللىرى، بىر قىسىم ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى پەن - تېخنىكا تارماقلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرى، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە ئالىي مەكتەپ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار نەتىجىلەرنى ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.