چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، ۋاڭ لىن قاتناشتى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلارغا گۈل تەقدىم قىلدى، قەيسەر روھ ۋەتىنىمىزنىڭ تاغ - دەريالىرىغا تېخىمۇ ھەيۋەتلىك ۋە كۆركەم تۈس قوشتى. 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش كۈنىدە خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى ئۈرۈمچى خەلق مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، ۋاڭ لىن قاتارلىق ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى چوڭقۇر ياد ئېتىپ، قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلار روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەر مىللەت تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرىنى ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، باتۇرانە ئالغا بېسىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى.
ئۈرۈمچى خەلق مەيدانىدا كەيپىيات ھەيۋەتلىك ۋە سۈرلۈك تۈسكە كىرگەن بولۇپ، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرگەنلىك خاتىرە مۇنارى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. خاتىرە مۇنارىنىڭ دەل ئالدى تەرىپىگە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئامما، پىيونېرلار نامىدا تەقدىم قىلىنغان توققۇز گۈل سېۋىتى تىزىلغانىدى. مۇراسىمغا قاتناشقان بارلىق خادىملار رەتلىك سەپ تۈزۈپ، خەلق قەھرىمانلىرىغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى.
سائەت 11دە، مۇراسىم باشلاندى. جاراڭلىق «پىدائىيلار مارشى» ياڭراپ، پۈتۈن مەيداندىكىلەر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئېيتتى.
دۆلەت شېئىرى ئېيتىلىپ بولغاندىن كېيىن، پۈتۈن مەيداندىكىلەر سۈكۈتتە تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا باتۇرلۇق بىلەن ئۆزىنى بېغىشلىغان ئىنقىلابىي قۇربانلارغا، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە باتۇرلۇق بىلەن ئۆزىنى بېغىشلىغان ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.
ھەر مىللەت ئۆسمۈر - بالىلار بىرلىكتە «بىز كوممۇنىزم ئىزباسارلىرى» دېگەن ناخشىنى ئۈنلۈك ئېيتىپ، خاتىرە مۇنارىغا يۈزلىنىپ پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ ئەترەت سالىمىنى بەردى.
يېقىملىق، چوڭقۇر مۇھەببەتكە تولغان «گۈل تەقدىم قىلىش مۇزىكىسى» ياڭرىدى، 18 ھۆرمەت قاراۋۇلى گۈل سېۋەتلىرىنى كۆتۈرۈپ، پەلەمپەيدىن چىقىپ، گۈل سېۋەتلىرىنى خاتىرە مۇنارىنىڭ ئۇل تەكچىسىگە قويدى.
چېن شياۋجياڭ قاتارلىقلار خاتىرە مۇنارى ئۇل تەكچىسىگە چىقىپ، گۈل سېۋىتىدىكى لېنتىلارنى كۆڭۈل قويۇپ رەتلىدى. ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرى ھەم ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرى تەرتىپ بويىچە ئاستا قەدەم بىلەن ئايلىنىپ خاتىرە مۇنارىغا ئېھتىرام بىلدۈردى، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، خالىس تۆھپە قوشقانلىقىدىن ئىبارەت شانلىق ئىش ئىزلىرىنى چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن ئەسلەپ ئۆتتى، خەلق قەھرىمانلىرىنىڭ پارتىيەگە سادىق بولۇش، خەلققە سەمىمىي - ساداقەتمەن بولۇشتىن ئىبارەت ئالىيجاناب پەزىلىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.
مۇراسىمغا قاتناشقان ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى، شۇنداقلا جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسىنىڭ ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ 90 يىللىقى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، كۈرەش قىلىش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.
ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، لى گاڭ، ۋاڭ گاڭ، قەيسەر ئابدۇكېرىم، ليۇ چۇنلېي، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار مۇراسىمغا قاتناشتى.