جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك

2026-10-22 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق 11 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق كۆرسەتتى

جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، يولداش ئەركىن تۇنىياز ئۆزى تۇرۇشلۇق ئاپتونوم رايونلۇق 11 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق كۆرسەتتى: دوكلاتتا نەتىجىلەر ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا خۇلاسىلەنگەن، تەجرىبىلەر سىستېمىلىق، چوڭقۇر يىغىنچاقلانغان، ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك، ئەتراپلىق تەھلىل قىلىنغان، خىزمەتلەر ئىلمىي، دەل جايىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان بولۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكى يۇقىرى، ئومۇمىيەت ئېڭى كۈچلۈك بولغان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى قەتئىي، كەسكىن، نىشاندىن ئېغىشماي كەم - كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇلغان ياخشى دوكلات؛ ئىدىيەۋى تونۇش بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش نامايان قىلىنغان، كەلگۈسى بەش يىللىق ئۇلۇغۋار پىلان پىلانلانغان، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇشقا يېتەكلەيدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ، تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بەش يىل شىنجاڭ تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈچ، ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بەش يىل؛ شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتى سىجىل مۇقىم بولغان، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشقان بەش يىل؛ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ى ئۈزلۈكسىز كۈچەيگەن بەش يىل؛ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى ھالقىما ئاشقان، بىر رايوننىڭ يارقىن نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئومۇملۇققا شەرەپ كەلتۈرگەن بەش يىل؛ خەلق تۇرمۇشىنىڭ بەخت - سائادىتى سىجىل ياخشىلانغان، بەخت ئاساسى تېخىمۇ پۇختىلانغان بەش يىل؛ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىلگەن، ئومۇمىي قىياپىتىدە خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەر بولغان بەش يىل؛ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلىپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۇلى تېخىمۇ مۇستەھكەملەنگەن بەش يىل. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تەڭداشسىز دانا، توغرا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى قوللانغان بىر قاتار تەدبىرلەر قالتىس ئۈنۈملۈك بولدى. بۇ قېتىمقى پارتىيە قۇرۇلتىيىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان كەلگۈسى بەش يىللىق خىزمەتلەرنىڭ پىكىر يولى ئېنىق، مۇھىم نۇقتىسى گەۋدىلىك بولۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى دوكلاتتا بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەرگە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىشەنچى، مۇھىم تاپشۇرۇقى ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى ھەرگىز يەردە قويماسلىقىمىز كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: بورتالا ئوبلاستى ئاپتونوم رايونلۇق 11 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئالدىدا مېڭىپ، ئۈلگە بولۇپ، تىرىشىپ تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكى ئىقتىساد بەلبېغىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى باشلامچىلىق بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە ھەر ۋاقىت سېلىشتۇرۇپ، تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا سىجىل كۈچىشى كېرەك. باش نىشاننى مەھكەم ئىگىلەپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، ئېشىش نۇقتىسى، تىرەك نۇقتىسى، يېڭىلىق يارىتىش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ چىقىپ، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى، سۇپا ئەۋزەللىكىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، زامانىۋى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، يېشىل كانچىلىق، پۈتۈن رايون ساياھىتى قاتارلىق ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك. تەرەققىياتنى تېخىمۇ كۆپ سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەشنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. قەتئىي تۈردە سىياسىي مەسئۇلىيەتنى پۇختا زىممىگە ئېلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىشى كېرەك.