ئەركىن تۇنىياز موڭغۇلىيە گوبى ئالتاي ئۆلكىسى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى

2026-11-27 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 25 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە موڭغۇلىيە گوبى ئالتاي ئۆلكىسى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە ئىككى دۆلەت تاغ - دەريالىرى تۇتاش ياخشى قوشنىلار، ياخشى ھەمراھلار. بۇ يىل 8 - ئايدا، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى 2026 - يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان مەزگىلدە ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، بىر قاتار مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ، يەرلىكلەر ئارا ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭ تەرەققىيات ئەڭ ياخشى، ئۆزگىرىش ئەڭ زور بولغان، ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆپ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشكەن تارىخىي مەزگىلگە كىردى. جەمئىيەت ئومۇمىيىتى سىجىل مۇقىم بولۇشنى ساقلىدى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولدى، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈلدى. شىنجاڭ ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھازىرقى ھەمكارلىق مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، موڭغۇلىيە بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا سودا، يېزا ئىگىلىكى، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، دوستانە شەھەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ دوستانە ئالاقىسى ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.

گوبى ئالتاي ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى گاۋ چىڭبات مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى سەپەردە جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، چۆللىشىشنى تىزگىنلەش قاتارلىق ساھەلەردە قولغا كەلتۈرگەن كىشىنى قايىل قىلىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدۇق، رولىمىزنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەيمىز. جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان سودا، سېلىنما، مائارىپ، داۋالاش، يېزا ئىگىلىكى، كانچىلىق، پورت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىككى جاينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.

جۇ لىفەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىرى، تارماقلىرى، ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.