شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە «تۈمەن چاقىرىم يول يۈرۈپ ئەنشىگە بېرىش − كۈسەنشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»غا قاتناشقان جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇتەخەسسىس، ئالىملار بىلەن كۆرۈشتى.
ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ىنى كۈچەيتتى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىدى. كۈسەن مەدەنىيىتىنى ياخشى قېزىش، ياخشى چۈشەندۈرۈش ۋە بايان قىلىش يېڭى دەۋردە ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم دەۋر ئەھمىيىتى ۋە تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەرقايسى مۇتەخەسسىس، ئالىملارنىڭ ئىلىم جەھەتتىكى كەسپىي ئارتۇقچىلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىلغار تېخنىكىغا تايىنىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى سۆزلىتىشنى، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى «جانلاندۇرۇش»ىنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىنى پۇرسەت بىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىلىم ئالماشتۇرۇش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى بىرلىكتە ياخشى سۆزلەش كېرەك.
بېيجىڭ داشۆنىڭ بويا نوپۇزلۇق پىروفېسسورى، جۇڭگو دۇنخۇاڭ ـ تۇرپان ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى رۇڭ شىنجياڭ، لەنجوۋ داشۆ دۇنخۇاڭشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى جېڭ بىڭلىن، جۇڭگو ـ ياپونىيە ئىشلىرىدىكى دوستانە زات شياۋداۋ كاڭيۈ، بېيجىڭ داشۆ ئارخېئولوگىيە ـ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ـ مۇزېي شۆيۈەنىنىڭ تەتقىقاتچىسى چېن لىڭ قاتارلىق مۇتەخەسسىس، ئالىملار سۆز قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو شىنجاڭ جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ كۆپ خىل مەدەنىيىتى توپلانغان جاي بولۇپ، سانسىزلىغان قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسى بار. كۈسەن مەدەنىيىتىنى قوغداش، پايدىلىنىش، بايان قىلىپ چۈشەندۈرۈش ئۈستىدە سىجىل چوڭقۇر ئىزدىنىپ، تەتقىقات دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشقا كۈچ قوشىدۇ.
ۋاڭ جيەنشىن، قەيسەر قېيۇم، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى، دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى، جۇڭگو غەربىي يۇرت تەتقىقات مەركىزىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئالىي مەكتەپلەر ۋە تەتقىقات ئاپپاراتلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.