ئەركىن تۇنىياز ئىلى ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى
پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى «تاماملاش جېڭى»نى ياخشى قىلىش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، غۇلجا، 11 - ئاينىڭ 23 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن 23 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى، غۇلجا شەھىرىگە بېرىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش، كەسىپلەر تەرەققىياتى، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 11 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ ئاتاكىغا ئۆتۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى «تاماملاش جېڭى»نى ياخشى قىلىش كېرەك.
دولاتا پورتىدا، ئەركىن تۇنىياز يىرىك پىلان سارىيى، مەركەزلىك تەكشۈرۈش مەيدانى، ئەشيا ئوبوروتى باغچىسى ھەم ئىلى ئوبلاستلىق گۇڭئەن ئىدارىسى دولاتا پورتى شۆبە ئىدارىسىگە بېرىپ، پورتنىڭ يىرىك پىلان ئورۇنلاشتۇرمىسى، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پورت قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، يىرىك پىلاننى ئالدىن يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يادرولۇق فۇنكسىيەنى كۈچەيتىپ، پەرقلىق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پورتنىڭ ئاقىللىشىش، قېلىپلىشىش، قولايلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك؛ تاشقى سودا يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسىنى يېتىلدۈرۈپ، ئېچىۋېتىش يېڭى قۇۋۋىتىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. چېگرادا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چېگرا خەۋپسىزلىك مۇداپىئە لىنىيەسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ 1000 مولۇق كۈزگى بۇغداي ئۈلگە ئېتىزىغا بېرىپ، كۈزگى بۇغداينىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەپسىلىي كۆردى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى تۇتۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، مۇنبەت ئېتىز، سورتلۇق ئۇرۇقلۇق، ئىلغار ماشىنا، ياخشى ئۇسۇللارنىڭ توپلىنىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ھوسۇلنى ئاشۇرۇش، كىرىمنى كۆپەيتىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. شىنجاڭ شەنخەي چارۋىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە، ئەركىن تۇنىياز كارخانىنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىشنى يولغا قويۇپ، ئېشەك باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، مەھسۇلات قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
شىنجاڭ باۋلۇڭ ئاپتوموبىل ياساش چەكلىك شىركىتىدە، ئەركىن تۇنىياز كارخانىلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىنى زورايتىپ، مەخسۇس ئاپتوموبىل مەھسۇلات سېپىنى بېيىتىپ، خەلقئارا بازارنى پائال ئېچىپ، شۇ جايدىكىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى؛ يىتەي ئىلى كانچىلىق چەكلىك شىركىتىدە كارخانا مەسئۇللىرىغا بىخەتەرلىك ئۆتكىلى، سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ ئىگىلەپ، ئاقىل كان، يېشىل كان قۇرۇشنى تېزلىتىپ، كۆمۈردىن ھىدروگېن ئېلىش تۈرىنى بالدۇر پۈتتۈرۈپ، بالدۇر ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى تاپىلىدى. ئۇ مۇنداق تەلەپ قىلدى: شۇ جاينىڭ ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
ئىلى يىنخېگۇ ساغلاملىق بويىچە كۈتۈنۈش شەھەرچىسىدە، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: داۋالىنىش بويىچە كۈتۈنۈش بىلەن ساغلاملىق بويىچە كۈتۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈشكە پائال تۈرتكە بولۇپ، ياشانغانلارغا ماس كېلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش ۋە ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. غۇلجا شەھىرى يۈنجىڭ . پۇيۈن تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، ئەركىن تۇنىياز كارخانىلارنى تۇرالغۇ ئېھتىياجىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، بىخەتەر، ئازادە، يېشىل، ئاقىل «ياخشى ئۆي» سېلىشنى تېزلىتىپ، ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان يېڭى ئارزۇسىنى قاندۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ئەركىن تۇنىياز ئەرز ئېيتىپ كەلگەن ئاممىنى نەق مەيداندا كۈتۈۋالدى، ئاممىنىڭ يەر ئېلىش تولۇقلىما پۇلىنىڭ ئاجرىتىلىش مەسىلىسىنى چۆرىدەپ ھەل قىلىش لايىھەسىنى تەتقىق قىلدى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، بېسىلىپ قالغان ئەرزىيەت دېلولىرىنى ماھىيەتلىك ھەل قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەقىقىي تۈردە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ياخشى قوغداش كېرەك.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: ئىلى ئوبلاستى مۇقىملىقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېشىش نۇقتىسى، بۆسۈش نۇقتىسى، تىرەك نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ چىقىپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ تاماملىشى كېرەك. رايون ئورنى ئەۋزەللىكى، سىياسەت ئەۋزەللىكىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، پىششىقلاش كەسپىنى ماكانلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، «يول ئىقتىسادى»نىڭ «كەسىپ ئىقتىسادى»غا ۋە پىششىقلاش سودىسىغا ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەر بويىچە زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. مەركەزنىڭ كۆزىتىش، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش نازارەتچىلىكى بويىچە قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ «ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش» تۆۋەن چېكىنى پۇختىلاپ، پۇختا ئىستىل ئارقىلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
ياڭ شيۇلى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.