ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىن ئاچتى
مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىن ئاچتى، يىغىندا پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ساياھەت خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق 11 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپى بويىچە، مەدەنىيەت - ساياھەت خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، كېيىنكى باسقۇچلۇق مەدەنىيەت - ساياھەت خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا «ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيەت تىزىملىكى» «ئاپتونوم رايوننىڭ ئىلى ئوبلاستىنىڭ خەلقئارا تەسىر كۈچكە ئىگە قار - مۇز كەسپى توپلاشقان رايون قۇرۇشىنى قوللاش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى» «شىنجاڭ يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەت كۆرسەتمىسى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، يىغىن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2027 - يىللىق شىنجاڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تەرەققىيات يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئېلىشىغا پىرىنسىپ جەھەتتىن قوشۇلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ ساياھەت بازىرى ياخشى ۋەزىيەتنى ساقلىدى، بازارنىڭ كۆلەم سىغىمى سىجىل كېڭەيدى، ساياھەت مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىنىڭ دەرىجىسى ئۆستى، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، ساياھەت مۇھىتى سىجىل ئەلالاشتى. ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەدەنىيەت ۋە ساياھەتنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى ئومۇمىيىتىدىكى مۇھىم ئورنىنى دەل جايىدا تېپىپ، ئىلمىي پىلانلاش، تەتقىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھازىر يېڭى قار پەسلىگە كىردى، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىش، پۈتۈن رايون ھەمتۈرتكە بولۇش، كەسىپ ھالىتىنى يۇغۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ قار - مۇز بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، قار - مۇزدا ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش، قار تاماشا قىلىش - قار تېيىلىش، قارلىق دالىدا مۇھاكىمىلىق ئۆگىنىش قىلىش، چېگرادا قار - مۇزنى ھېس قىلىش قاتارلىق باش تېمىلىق لىنىيەلەرنى يولغا قويۇپ، قىش پەسىللىك ساياھەت مۇلازىمەت سۈپىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، ئىللىق قار بايرىمى قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرگە يۇقىرى ئۆلچەمدە تەييارلىق قىلىش كېرەك. ئۈزلۈكسىز تۈردە ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، قىش پەسىللىك ساياھەت كەسپىنى زورايتىپ، قار - مۇزدا ساغلاملىق بويىچە كۈتۈنۈش، مۇسابىقە تىجارىتى، قار - مۇز مەدەنىيەت ئىجادىيىتى، جابدۇق ياسىمىچىلىقى قاتارلىق كۆپ خىل كەسىپ ھالىتىنى يېتىلدۈرۈپ، پۈتۈن زەنجىرلىك، توپلاشقان قار - مۇز كەسىپ سېپى بەرپا قىلىش كېرەك. ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭغا كېلىشكە جەلپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، تور ۋە تور سىرتى يۇغۇرۇلغان، شىنجاڭ ئىچى - سىرتى ماسلاشتۇرۇلغان بىر گەۋدە بويىچە تەشۋىق قىلىش، كېڭەيتىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ساياھەت ۋاسىتىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. قىش پەسىللىك ساياھەت بىخەتەرلىكىنى ياخشى قوغداپ، تاغلىق رايون، شامال ئېغىزى، قار - مۇز يول بۆلەكلىرىگە چىڭ قادىلىپ، يوللارنى چارلاپ تەكشۈرۈش، يول ئەھۋالىنى كۆزىتىپ ئۆلچەشنى قانات يايدۇرۇپ، قار - مۇز، بوران، تېمپېراتۇرا قاتتىق تۆۋەنلەش قاتارلىق تاسادىپىي يۈزبېرىدىغان ھاۋارايىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، كەسپىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇش كېرەك. ساياھەتچىلەرنىڭ ئىنكاس قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: كېلەر يىللىق ساياھەت خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ پىلانلاپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «15 - بەش يىل»لىق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى ياخشى يولغا قويۇپ، زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، بىر تۈركۈم چوڭ تىپتىكى مەدەنىيەت - ساياھەت تىجارىتى سودىگەرلىرى ۋە مەبلەغ سېلىش ئاساسىي گەۋدىلىرىنى دەل جايىدا جەلپ قىلىپ، پۈتۈن رايون ساياھىتىنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرۈش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭدا يىپەك يولى مەدەنىيەت - ساياھەت مەنزىلگاھى بەرپا قىلىپ، شىمالىي شىنجاڭدا ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش نۇقتىلىق لىنىيەلىرىنى ئېچىش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى قوللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەرلەردە ئويۇن قويۇش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مۇزېيىدا مۇھاكىمىلىق ئۆگىنىش قىلىش، شەھەر مىكرو ئىستىراھەت ساياھىتى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ تاشيول، ئاۋىياتسىيە، تۆمۈريول تورىنى بەرپا قىلىپ ۋە راۋانلاشتۇرۇپ، قاتناشنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار ئورتاق قاتنىشىدىغان، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان خىزمەت ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە، يەر، باج، بازار ئىجازىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى يۆلەش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چوڭ - چوڭ قار - مۇز ساياھىتى تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، شۆ بىن، جۇ لىفەن، قەيسەر قېيۇم، ليۇ جيەنمىڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.