ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى
ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ ھۆكۈمەت سىستېمىسىدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى يىغىن ئېچىپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ ھۆكۈمەت سىستېمىسىدا پۇختا، جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىر ئارقىلىق پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشقا تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىدىن ئىبارەت مۇھىم تۈگۈندە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە، «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلىدا ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن بولۇپ، مۇقەررەر ھالدا پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا جاسارەت بىلەن يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشقا كۈچلۈك سەپەرۋەر قىلىدۇ ۋە رىغبەتلەندۈرىدۇ. ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى؛ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇشنىڭ كۈچلۈك كاپالىتى؛ ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوغداش، «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ رېئال ئېھتىياجى.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت پارتىيە گۇرۇپپىسى بايراق روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى بەنزە قۇرۇلۇشى، مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش، ھوقۇق يۈرگۈزۈشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتە تاۋلىنىش، ئىنتىزام چەكلىمىسى ۋە ئىستىل قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت پارتىيە گۇرۇپپىسىنى سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، ئىتتىپاق، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان، نەتىجە يارىتىدىغان رەھبەرلىك كوللېكتىپى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ھۆكۈمەت سىستېمىسىنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئەمەلىي ئىشلەش، بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا يېتەكلىشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشقا دائىر تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە ۋەزىيەت ھۆكۈمىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشتىكى «يەتتىدە چىڭ تۇرۇش» مۇھىم پىرىنسىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى يەتتە جەھەتتىكى سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرمىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش - پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىش ۋە پۇختىلاش قاتتىق تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيەنى باشقۇرۇش - پارتىيەنى ئىدارە قىلىش خىزمىتىنى كونكرېت تۇتۇپ، چوڭقۇر تۇتۇپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ ھۆكۈمەت سىستېمىسىدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشتە ئۈلگە بولۇپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىشنى شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 11 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىندا ئايدىڭلاشتۇرۇلغان پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، مۇھىم پىرىنسىپى، ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسى ۋە مۇھىم تەدبىرلىرىنى قەلبلەرگە سىڭدۈرۈپ، ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ھەقىقىي ئۆگىنىش، ھەقىقىي ئىشىنىش، ھەقىقىي قوللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. تەشۋىق قىلىش - لېكسىيە سۆزلەشتە ئۈلگە بولۇپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ يۈزتۇرا لېكسىيە سۆزلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەدىن مىننەتدار بولۇش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەش كېرەك. ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئۈلگە بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتى بىلەن ئورتاق پىلانلاپ، ئورتاق ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى قىلچە توختىتىپ قويماي، مەمۇرىي ھەرىكەتنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، كادىرلارنى قابىلىيىتىنى كۈچەيتىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىش كېرەك. پۈتۈن يىللىق نىشانغا سېلىشتۇرۇپ، يوچۇقلارنى تەكشۈرۈپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاتاكىغا ئۆتۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، بۇ يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تاماملاش كېرەك.