ئاپتونوم رايونلۇق 11 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 2 ـ ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

2026-11-08 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، چېن شياۋجياڭ سۆز قىلدى

11 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 ـ ئومۇمىي يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن سۆز قىلىپ، پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 ـ ئومۇمىي يىغىنى 11 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىنىپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇش تۈپ كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.

يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن سۆز قىلىپ، پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، <جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىرقانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى>نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇشنى تۈپ كاپالەتكە ئىگە قىلىش توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، چېن شياۋجياڭ «يولغا قويۇش پىكرى (مۇزاكىرە نۇسخىسى)» توغرىسىدا ئومۇمىي يىغىنغا ئىزاھات بەردى؛ مەمۇرىي رايونلارغا ئايرىشقا ئالاقىدار ئىشلار قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز مەمۇرىي رايونلارغا ئايرىش ئىشلىرى توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن. ئومۇمىي يىغىندا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشقا دائىر مەسىلىلەر نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىندى، بۇ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەش، پارتىيەنىڭ بۇرچى ۋە ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، مۇقەررەر پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا زور ھەم چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئومۇمىي يىغىندا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىرقانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى» يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت بولۇپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنى باشقۇرۇش ـ پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش ـ پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ يارىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا زور رېئال ئەھمىيەتكە ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي يىغىندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىملىقى، تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، مۇھىم پىرىنسىپى، ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسى ۋە مۇھىم تەدبىرلىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، سىجىل تۈردە گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ شىنجاڭدا پۇختا، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى باش يېتەكچى قىلىش ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ نامايان قىلىپ، رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار قوشۇنىنى يەنىمۇ كۈچلۈك قۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى يەنىمۇ ساپلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام ـ قائىدىلىرىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، چىرىكلىكنى تۈزەش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە، ئاچقۇچى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا. جەزمەن «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، يەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ ئۆز رايونىدا ئومۇملۇقنى تولۇق ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتىكى رەھبەرلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇشتىكى بۇرچ ـ ۋەزىپىنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى پىلانلاپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش خىزمەت باش نىشانى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈش كېرەك.

يىغىندا 5 ـ ئومۇمىي يىغىن «قارارى»دىكى تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارغا سېلىشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىش خىزمىتى توغرىسىدا سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى. كوممۇنىستلارنىڭ پارتىيەۋىلىكىنى كۈچەيتىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ باشتىن ـ ئاخىر پارتىيەگە بولغان ئېتىقادقا سادىق بولۇش، پارتىيە تەشكىلاتىغا سادىق بولۇش، پارتىيە ئىشلىرىغا سادىق بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيەگە سادىق بولۇش تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەش، روھنى تاۋلاشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئارقىلىق پارتىيەۋىلىكنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاپ، پارتىيەۋىلىكنى ئىنچىكە پەرقلەندۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئىجرا قىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى، تەشكىلىي ئەۋزەللىكى، تۈزۈم ئەۋزەللىكى، خىزمەت ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش، كېڭىشىش قائىدىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، «بىرىنچى باشلىق»نىڭ مەسئۇلىيەت ئادا قىلىشى، ھوقۇق يۈرگۈزۈشىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى زىممىگە ئالالايدىغان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى تاۋلاپ چىقىپ، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق كۈچلەرنى كۈچەيتىش كېرەك. ئادەم ئىشلىتىشنىڭ توغرا يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئادەمنى دەل جايىدا، ئىلمىي تاللاپ ـ ئىشلىتىپ، كادىرلارنىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇشى ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، كادىرلارنىڭ ئىش قىلىش ـ نەتىجە يارىتىش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇپ، مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش، تاللاش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، كادىرلارنى باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. يۇقىرى ـ تۆۋەن تۇتاشتۇرۇلغان، ئىجراسى كۈچلۈك بولغان پۇختا تەشكىلىي سىستېما بەرپا قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە يۇقىرى ـ تۆۋەن ماسلاشقان بولۇش، دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلاردىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى گۈللىنىۋاتقان ساھەلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرىنى تۇتاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. قىلچە بوشاشماي ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، قاتتىق ئىنتىزام ئارقىلىق پارتىيەنى باشقۇرۇپ ـ پارتىيەنى ئىدارە قىلىپ، ياخشى ئوبراز ئارقىلىق قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە ياخشى مېڭىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ دائىملىشىشى، ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزامنىڭ تەربىيەلەش، چەك قويۇش، كاپالەتلەندۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش رولىنى ئۇنىۋېرسال جارى قىلدۇرۇش كېرەك. چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان قىلىشنى قەتئىي ئېغىشماي بىرگەۋدە بويىچە ئالغا سىلجىتىپ، چىرىكلىك پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى كۈچەپ تۈگىتىش كېرەك. چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈشكە چەك قويۇش ۋە ئۇنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، پاكلىقنى قەدىرلەپ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلاپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان قىلىشنى بىر گەۋدە بويىچە ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. پارتىيەنى تۈزۈم بويىچە ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى قائىدە ـ نىزام بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە ـ نىزام، تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈمنىڭ ئىجرا كۈچىنى ئاشۇرۇپ، يوشۇرۇن قائىدىنى زور كۈچ بىلەن بۇزۇپ تاشلاش كېرەك. نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپىسى) ئومۇميۈزلۈك نازارەتچىلىكىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنتىزام نازارەتچىلىكى، رېۋىزىيە نازارەتچىلىكى، ۋاكالەت ئاپپاراتى نازارەتچىلىكى، كۆزىتىش نازارەتچىلىكىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ جىپسىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، كۆزىتىشنىڭ ئۇنىۋېرسال نازارەتچىلىكتىكى ئۆتكۈر شەمشەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىش ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئورتاق سىياسىي مەسئۇلىيىتى. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ ۋە پۇختىلاپ، پارتىيە كومىتېتى(پارتىيە گۇرۇپپىسى)نىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتى، شۇجىنىڭ بىرىنچى جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتى، بەنزە ئەزالىرىنىڭ «بىر ئىش ئورنىدىكى قوش مەسئۇلىيىتى» ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ كونكرېت مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ نازارەتچىلىك مەخسۇس مەسئۇلىيىتى ۋە ھەمكارلىشىش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، ھەركىم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان، بىرتۇتاش ماسلىشىدىغان مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، دەرىجىمۇدەرىجە تۇتىدىغان، قاتلاممۇقاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرما ـ تەلىپى بويىچە، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باشتىن ـ ئاخىر سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنى ئەستايىدىل تەشكىللەپ، لېكسىيە سۆزلەش ـ تەشۋىق قىلىشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى تېزدىن قوزغاپ، 5 ـ ئومۇمىي يىغىننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بۇ يىلنىڭ ئاخىرى، يېڭى يىلنىڭ بېشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باشتىن ـ ئاخىر باش ئورۇنغا قويۇپ، 4 ـ پەسىللىك ئىقتىساد خىزمىتىنى پۇختا تۇتۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە يېمەكلىك ـ دورا بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش ـ تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، پۈتۈن يىللىق نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تاماملاش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئەلا نەتىجىلەر ئارقىلىق پارتىيە 21 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالايلى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، كاندىدات ئەزاسى بولمىغان ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبىرىي يولداشلار، ھازىرقى ۋەزىپىسىدىن چېكىنگەن ۋە پېنسىيەگە، دەم ئېلىشقا چىققان ئۆلكە دەرىجىلىك بىر قىسىم رەھبەرلەر، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەرلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايوندىكى ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ئورۇنلىرى، كارخانىلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى بىر قىسىم ۋەكىللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.