​پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك

2026-11-27 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى

​پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 25 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، ھازىرقى ۋەزىيەت تەھلىل قىلىنىپ، كېيىنكى باسقۇچتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى تېز ئالغا سىلجىتىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى تەستىقلانغان ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، خاس كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى، ھازىر دەل ئۈنۈم ھاسىل قىلىدىغان، نەتىجە يارىتىدىغان، تۆھپە قوشىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل. سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىسىغا سېلىشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، نىشانلىق ھالدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشىنىڭ مۇقىم قايتا يۈكسىلىشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ھەرقايسى بۆلەك رايونلىرىدا سودا بىلەن ئىشلەپچىقىرىشنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، رايون ئورنى، سۇپا، سىياسەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۇنىۋېرسال ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، باجدىن خالىي رېمونت قىلىش، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتىنى يېتىلدۈرۈپ، راۋاجلاندۇرۇپ، چېگرا سودىسىنى مۇستەھكەملەپ، سىرتقا يۈزلەنگەن كەسىپلەر توپىنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، كەسىپلەرنىڭ ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تۈرلۈك ئېچىۋېتىلگەن سۇپىلارنى بىرتۇتاش پىلانلاش سالمىقىنى زورايتىپ، پەرقلىق، دەل جايىدا بولغان سودىگەر چاقىرىش تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، شۇ جاينىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان بىر تۈركۈم باشلامچى كارخانىلار، زەنجىر باشلامچى كارخانىلىرىنى كىرگۈزۈپ ۋە يېتىلدۈرۈپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال قاتتىق ئەمەلىي كۈچى ۋە بازار رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. ھەرقايسى بۆلەك رايونلارنىڭ ئايلىنىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تېخىمۇ قاراتمىلىققا ئىگە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ قىيىنچىلىق، ئىلتىماس - تەلەپلىرىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، چوڭ - چوڭ كەسىپ تۈرلىرى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: «جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى ئومۇمىي لايىھەسى»دە ئايدىڭلاشتۇرۇلغان ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، باھالاشنى كۈچەيتىپ، سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەلالاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈشىگە، شۇ جاي ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى يېتەكچىلىك قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ تەجرىبىلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن قاتارلىق رايونلار بىلەن بولغان ھەمكارلىق نەتىجىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تاشقى مەبلەغ ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكى، سېلىنمىنى قولايلاشتۇرۇش قاتارلىق ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىلىرىنى يولغا قويۇش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغ سېلىش يولىنى راۋانلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەمتۈرتكىلىك يېڭىلىق يارىتىش رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، نۇقتىلىق ساھە، ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردا ماسلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى، سىستېمىلىق ئىسلاھات ئۈنۈمى ۋە ئوچۇق ئىقتىساد سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ماسلىشىش خىزمەت مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ ۋە پۇختىلاپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ئېچىۋېتىش قاتلىمى تېخىمۇ يۇقىرى، تىجارەت - سودا مۇھىتى تېخىمۇ ئەلا، تەسىر كۆرسىتىش رولى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش يېڭى ئېگىزلىكىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك.

شۆ بىن، جۇ لىفەن يىغىنغا قاتناشتى.