ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئاچتى
پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى
چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىرقانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى (مۇزاكىرە نۇسخىسى)» توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم ئىزاھاتى ۋە ئومۇمىي يىغىندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىغا 105 يىل بولغان مۇھىم تۈگۈندە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە، «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلىدا، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىرقانچە زور مەسىلە مۇھاكىمە قىلىندى، بۇ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەش، پارتىيەنىڭ بۇرچى ۋە ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتىكى تارىخىي تەشەببۇسكارلىقىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى، پارتىيەنىڭ ئۇلۇغ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت قەتئىي ئىرادىسى ۋە روشەن پوزىتسىيەسىنى نامايان قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بەرگەن خىزمەت دوكلاتىدا پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4 - ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ خىزمىتىدە ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتۈلدى، بۇ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ يېڭى مۇساپىدە يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى. ئومۇمىي يىغىندا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان «قارار»دا، باشتىن - ئاخىر شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، مەۋقە يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بۇرچى - ۋەزىپىسىگە قويۇلۇپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر سىستېمىلىق خۇلاسىلىنىپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلەر يەكۈنلىنىپ ۋە تەتبىقلىنىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى خىرىس چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيەنى باشقۇرۇش - پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش - پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشتا مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ۋە ئۇزاق يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «قارار (مۇزاكىرە نۇسخىسى)» توغرىسىدا ئومۇمىي يىغىنغا بەرگەن ئىزاھاتى بىزنىڭ «قارار»نىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى ۋە روھىي ماھىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىشىمىز، توغرا ئىگىلىشىمىزنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي يىغىندا قىلغان مۇھىم سۆزى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىملىقى، تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر بايان قىلىپ ۋە چۈشەندۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئىگىلەش ۋە «قارار»دىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشقا قارىتا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىدىيەسىنى بىرلىككە كەلتۈردى، كۈچلۈك سىياسىيلىققا، ئىدىيەۋىلىككە ۋە يېتەكچىلىككە ئىگە.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىلەرنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىملىقى، تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەمىزنىڭ 100 نەچچە يىلدىن بۇيان پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىزچىل كۈچەيتىشتىكى شانلىق مۇساپىسى ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم ھەم چوڭقۇر يېتەكچى ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى خىرىسنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، مۇھىم پىرىنسىپى، ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسى ۋە مۇھىم تەدبىرلىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش - پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىر ئارقىلىق يېڭى دەۋردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى ياخشى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ياخشى تۈزەپ، ياخشى ھەل قىلىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش - پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا شەكىللەنگەن ياخشى سىياسىي ۋەزىيەتنى ياخشى مۇستەھكەملەپ، ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئەتراپلىق تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى تېزدىن قوزغاپ، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باشتىن - ئاخىرغىچە سىڭدۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنى ئەستايىدىل تەشكىللەپ، رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىش، ئۈلگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپىسى) نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىلىرى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى نۇقتىلىق مەزمۇن قىلىپ، روھىي ماھىيىتىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى ئىگىلىشى كېرەك؛ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ ئۆگىنىشنى ياخشى تۇتۇپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى راۋانلاشتۇرۇشى كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) ۋە كادىرلارنى تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈش ئاپپاراتلىرى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ زۆرۈر دەرسلىكى قىلىپ، ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى كېرەك. تەشۋىق قىلىش - لېكسىيە سۆزلەشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك ئاخبارات تاراتقۇ بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ھەر تەرەپلىمە تەشۋىق قىلىپ ۋە خەۋەر قىلىپ، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك، ئامما ياقتۇرىدىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ئوبيېكتلاشقان، قاتلاملىق، ھەمتۈرتكىلىك لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇرۇپ، 5 - ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر سىڭىشىگە، قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش - پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىدىن ئىبارەت تۇتقىنى چىڭ تۇتۇپ، ھەركىم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان، بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇلىدىغان مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا سىجىل كۈچ سەرپ قىلىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش - پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار بۇ يىلنىڭ ئاخىرى، يېڭى يىلنىڭ بېشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى قەتئىي قوغداپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل يېڭىلىنىشقا، ئەلالىشىشقا، ياخشىلىنىشقا قاراپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سالمىقىنى زورايتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشان - ۋەزىپىلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تاماملىشى كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ۋە ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن پارتىيە 21 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.