​ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك

2026-11-09 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 2 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى

​ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 7 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئاچتى، يىغىندا پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 2 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 2 - ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ بىزنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز ئۈچۈن «يول خەرىتىسى»نى سىزىپ بەردى، «ۋەزىپەنامە»نى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت سىستېمىسى ھەقىقىي تۈردە پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشكە تىرىشىپ كۈچ سەرپ قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ھەقىقىي ئۆگىنىش، ھەقىقىي ئىشىنىش، ھەقىقىي قوللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ قەلبلەرگە سىڭدۈرۈشى، ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك. تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە سۆزلەشكە تىرىشىپ كۈچ سەرپ قىلىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەدىن مىننەتدار بولۇش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلىشى كېرەك. ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تىرىشىپ كۈچ سەرپ قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ باشتىن - ئاخىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا توغرىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، باشتىن - ئاخىر ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇسىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. باشتىن - ئاخىر سىياسىي يۆنىلىشنى چىڭ ئىگىلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قاتتىق سېلىشتۇرۇپ، پارتىيە كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش، ھۆكۈمەت ھەرىكەتكە كېلىش، ھەر دەرىجىلىكلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ۋەزىپە ئادا قىلىش، ھوقۇق يۈرگۈزۈش ھەرىكىتىنى قاتتىق، ئەمەلىي قېلىپلاشتۇرۇپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، تۈزۈم جەھەتتە قاتتىق چەك قويۇشنى كۈچەيتىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئاساس سالىدىغان، يىراق كەلگۈسىگە پايدىلىق بولغان، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، ئۇلنى پۇختىلايدىغان ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشنى كۆپرەك قىلىش كېرەك. شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى ئۇزاققىچە بوشاشماي تۈزىتىپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلى، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەت ئارقىلىق ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك. سىجىل تۈردە ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، ئۆتۈشمە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيەنى بەرپا قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: بۇ يىلنىڭ ئاخىرى، يېڭى يىلنىڭ بېشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باشتىن - ئاخىر باش ئورۇنغا قويۇپ، ئەرزىيەت، زىددىيەت - ماجىرالارنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈگىتىش ۋە مەنبەدىن تۈزەشنى كۈچەيتىش كېرەك. ھازىرقى ئىقتىساد خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، چوڭ - چوڭ تۈرلەر، نۇقتىلىق ۋىلايەت، ئوبلاستلار، نۇقتىلىق كارخانىلارنى چىڭ كۆزلەپ، بىخەتەرلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە سۈرئەتنى تېزلىتىش كېرەك. زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى ياخشى يولغا قويۇپ، قىشلىق ساياھەت قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، سانائەت، تاشقى سودىنىڭ ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش كېرەك. ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى مەھكەم ساقلاپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. كېلەر يىللىق خىزمەتلەرنى ئىلمىي، دەل جايىدا پىلانلاپ، بۇ يىلنى ياخشى تاماملاش، كېلەر يىلنى ياخشى باشلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.