باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى

2026-11-07 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى

ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 2 - ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىش قارار قىلىندى

چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى يىغىن ئاچتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 2 - ئومۇمىي يىغىنىنى 11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ئېچىپ، 5 - ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى جايىدا، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش قارار قىلىندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشنىڭ زور ئەھمىيىتى، يېتەكچى ئىدىيەسى، مۇھىم پىرىنسىپى، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى، تۈپ كاپالىتىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىر ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى ياخشى داۋاملاشتۇرۇپ، ياخشى تەتبىقلاپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ياخشى تۈزەپ، ياخشى ھەل قىلىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش - پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا شەكىللەندۈرگەن ياخشى سىياسىي ۋەزىيەتنى ياخشى مۇستەھكەملەپ، ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خۇاڭخې دەرياسىنى قوغداش، ئىدارە قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۇنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىش، ئىدارە قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك تەلەپنى پۇختا ئىگىلەپ، سۇ تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، بوشلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، سىستېمىلىق ئىدارە قىلىش، ئىككى قولدا كۈچەشتىن ئىبارەت سۇنى ئىدارە قىلىش پىكىر يولىدا چىڭ تۇرۇپ، سۇ بايلىقىنى قوغداش، سۇ مۇھىتىنى تۈزەش، سۇ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، سۇ ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، سۇ بىخەتەرلىكىگە ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىش، سۇ بايلىقىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، سۇ ئېكولوگىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاشتىن ئىبارەت تۈجۈپىلىك، تېجەشلىك تەرەققىيات يولىدا ياخشى مېڭىش كېرەك. سۇ بايلىقىغا قاتتىق چەك قويۇشنى كۈچەيتىپ، سۇ مەنبەسىنى ئېچىش، سۇ تېجەش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشتا كۆپ تەرەپ تەڭ تۇتۇش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە چوڭقۇر سۇ تېجەش، سۇ تىزگىنلەشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، سانائەتتە سۇ تېجەپ بۇلغىمىنى ئازايتىش، شەھەر - بازارلاردا سۇ تېجەپ خوراشنى تۆۋەنلىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، زامانىۋىلاشقان يۇقىرى سۈپەتلىك سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھە تورى بەرپا قىلىپ، سۇ بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەش ئىقتىدارى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدە بويىچە قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشكە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ سۇ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، دەريا - كۆل ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ مۇقىملىقى ۋە ساغلاملىق سەۋىيەسىنى پۇختا ئۆستۈرۈپ، سۇ ئېكولوگىيەسىنى تۈزەش بىلەن چۆللىشىش، قۇملىشىشنى تۈزەشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنىڭ غەربىي شىمال ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. كەڭ كۆلەمدە قوغداش، كەڭ كۆلەمدە ماسلىشىش ئەندىزىسىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دەريا - كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋىلايەت، ئوبلاست ھالقىغان، ۋادى ھالقىغان، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر گەۋدىلەشكەن ئېكولوگىيەنى قوغداش ماسلىشىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى گەۋدىلىك سۇ مۇھىتى مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، ياخشى سۇ ئېكولوگىيەسىنى شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ روشەن ئاساسىي رېڭىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مەركەزنىڭ ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنىڭ سىستېمىلىق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش مۇھاكىمە قىلىندى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنىڭ سىستېمىلىق ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن تاراتقۇلۇق تارقىتىش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملەشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. پۈتۈن تاراتقۇلۇق ئىشلەپچىقىرىش، تارقىتىشقا لايىقلاشقان خىزمەت مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، ئەلا سۈپەتلىك مەزمۇن بىلەن تەمىنلەشنى بېيىتىپ، ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنىڭ ئىجابىي تەشۋىقات سۈپىتى ۋە توردا ئەلا سۈپەتلىك مەزمۇن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، تاراتقۇلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئاساسىي ئېقىم ئاممىۋى پىكىر بازىسىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتى مۇقىم، مىللەتلەر ئىتتىپاق - ئىناق بولغان، ئىقتىساد يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلغان، خەلق تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلانغان يېڭى قىياپىتى، يېڭى كەيپىياتىنى جانلىق نامايان قىلىپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا ئىشەنچنى كۈچەيتىش، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەش، قەلبلەرنى ئىللىتىش، بىر مەقسەتتە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.