ئەركىن تۇنىياز «كەلگۈسى يول» جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى لىنىيەسىدىكى دۆلەتلەر دوستلۇق سەپىرى (شىنجاڭ بۆلىكى) پائالىيىتىنىڭ ئەزىز مېھمانلىرى بىلەن كۆرۈشتى

2026-11-03 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

جاڭ يىڭچۇن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە «كەلگۈسى يول» جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى لىنىيەسىدىكى دۆلەتلەر دوستلۇق سەپىرى (شىنجاڭ بۆلىكى) پائالىيىتىنىڭ ئەزىز مېھمانلىرى بىلەن كۆرۈشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يىڭچۇن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو شىنجاڭ ئەڭ ياخشى تەرەققىي قىلغان، ئەڭ زور ئۆزگىرىش بولغان، ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆپ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشكەن تارىخىي مەزگىلگە كىردى. شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى، ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەم جۇڭگو − ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئارقىلىق ئاسىيا بىلەن ياۋروپانى تۇتاشتۇرىدىغان ئاچقۇچلۇق تۈگۈن، ھەم جۇڭگو − ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (ئۈرۈمچى)نىڭ يىغىلىش مەركىزىلىك رولىنى ئۆتەيدىغان جاي. بىز جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد - سودىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمىز. كۆپچىلىكنىڭ كۆپرەك ئايلىنىپ، كۆپرەك كۆرۈپ، كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىنى ھەمبەھرىلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ھەقىقىي جۇڭگو شىنجاڭنى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك، ئوبيېكتىپ چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

گېرمانىيەنىڭ سابىق مۇئاۋىن زۇڭلىسى فىلىپ روسلېر، تيەنلىن ئاقىللار ئامبىرىنىڭ قۇرغۇچىسى، قوشۇمچە رەئىسى جوۋانكا پورشې قاتارلىق ئەزىز مېھمانلار سۆز قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو شىنجاڭ ئەزەلدىن ياۋروپا - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى كۆپ خىل مەدەنىيلىك ئۇچراشقان جاي، بۈگۈنكى كۈندە، يەنە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون بولدى. جۇڭگو − ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئۇزاققىچە مۇقىم داۋاملاشتۇرۇشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى بولۇپ، جۇڭگو شىنجاڭ ئۇنىڭغا سىڭىشتى ھەم مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. بۇ پائالىيەت ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى، ئەشيا ئوبوروتى، مائارىپ، مەدەنىيەت قاتارلىق تەرەققىيات ئەھۋالىنى يەنىمۇ ئىگىلەپ، ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز.

ۋاڭ جيەنشىن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، جۇڭگو خەلق تاشقى دوستلۇق جەمئىيىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.