ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات (2023)

2024-02-11 :ۋاقىت
مەنبە: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئۇچۇر، تەرجىمە-تەھرىرلىك باشقارمىسى

− 2024 - يىل 1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2 - يىغىنىغا بېرىلگەن

ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز


1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن يىغىنغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر:

ھازىر مەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن يىغىنغا خىزمىتىمىزدىن دوكلات بېرىمەن، قاراپ چىقىشىڭلارنى ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ پىكىر بېرىشىنى سورايمەن.

1. 2023 - يىللىق خىزمەتلەرگە نەزەر

ئۆتكەن بىر يىل، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى تولىمۇ ئۆزگىچە، ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل، شۇنداقلا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان تۇنجى يىل بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە رىشتە باغلاپ، بىر يىلدىن كېيىن، يەنە شىنجاڭغا كېلىپ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، مۇھىم سۆز قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشىمىزنى تۈپ مىزانغا ئىگە قىلدى؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى يېقىنلىشىپ، قەلبنى مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى مەخسۇس چىقىرىپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇمىيلىقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى»نى ئېنىق بېكىتىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوللاشقا دائىر بىر قاتار مۇھىم تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇشىمىز ئۈچۈن كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلدى؛ گوۋۇيۈەن جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىنى تەستىقلاپ تەسىس قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىشكە مۇھىم تارىخىي پۇرسەت يارىتىپ بەردى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بۇنىڭدىن ھەسسىلەپ ئىلھاملاندى ۋە غەيرەتكە كەلدى، ھەسسىلەپ روھلاندى ۋە ئىللىقلىق ھېس قىلدى، ھەسسىلەپ ئىشەنچ ۋە كۈچ - قۇۋۋەتكە تولدى!

بىر يىلدىن بۇيان، كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەت ۋە مۈشكۈل، ئېغىر ۋەزىپە ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك قىلىشى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇق قىلىشى ئارقىسىدا، بىز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقى يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇردۇق، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇمىيلىقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى نىشانلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن مۇقىملىقنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىدا بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنداپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتى مۇقىم بولغان، ئىقتىساد پۇختا، ساغلام تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى ساقلىدۇق. ئاپتونوم رايون بويىچە رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %6.8 ئاشتى، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتى %6.4 ئاشتى، ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى %15.3 ئاشتى، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى %12.4 ئاشتى، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى %18.8 ئاشتى، ئىمپورت - ئېكسپورت سودا ئومۇمىي سوممىسى %45.9 ئاشتى، شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم ئايرىم - ئايرىم ھالدا %5.6، %8.4 ئاشتى. مۇتلەق كۆپ قىسىم ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى، بۇ يىل يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سۈپىتى، ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولغان بىر يىل بولدى.

بىر يىلدىن بۇيان بىز ئاساسلىقى تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ئىشلىدۇق:

بىرىنچىدىن، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپىلەرنى قوشتۇق. ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى 42 مىليون 372 مىڭ موغا يېتىپ، يېڭىدىن 5 مىليون 863 مىڭ مو ئاشتى، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 21 مىليون 192 مىڭ توننىغا يېتىپ، 3 مىليون 57 مىڭ توننا ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېشىش مىقدارىنىڭ %34.4ىنى ئىگىلىدى، يېڭىدىن كۆپەيگەن تېرىلغۇ كۆلىمى ۋە مەھسۇلات مىقدارى بىردەك مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتۈپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتۇق. ياغلىق دان تېرىلغۇ كۆلىمى 2 مىليون 72 مىڭ موغا يەتتى. ئەلا سۈپەتلىك پاختا بازىسى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، پاختا سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردۇق، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 5 مىليون 112 مىڭ توننىغا يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %91ىنى ئىگىلىدى، دۆلەت دەرىجىلىك پاختا - پاختا يىپ سودا مەركىزى ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى. باغ - ئورمانچىلىقتا سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدۇق، باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتى 13 مىليون 780 مىڭ توننىغا يەتتى، كۆكتات ئومۇمىي مەھسۇلاتى 16 مىليون توننىدىن ئاشتى. چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويدۇق، گۆش، تۇخۇم، سۈت مەھسۇلاتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %9.4، %4.3، %4.6 ئاشتى. سۇ مەھسۇلاتى 184 مىڭ توننىغا يېتىپ، غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون بويىچە بىرىنچى ئورۇندا مۇقىم تۇردى. 5 مىليون 450 مىڭ مو يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز يىللىق قۇرۇلۇش ۋەزىپىسى ئورۇندىلىپ، جەمئىي 55 مىليون 580 مىڭ مو يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلىنىپ، مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزنىڭ %67.6ىنى ئىگىلىدى. ئۇرۇقچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويدۇق، ئۇرۇقلۇق كۆممىقوناق كۆلىمى 1 مىليون 690 مىڭ موغا يەتتى. زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلەتتۇق، دۆلەت دەرىجىلىك زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ باغچىسىدىن ئۈچى، يېزا ئىگىلىك كەسپىدە كۈچلۈك بازاردىن سەككىزى يېڭىدىن كۆپەيدى.

ئىككىنچىدىن، ئۆزگىچە، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتتۇق. نېفىت مەھسۇلاتى 32 مىليون 701 مىڭ توننىغا يېتىپ، %1.6 ئاشتى، تەبىئىي گاز مەھسۇلاتى 41 مىليارد 730 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىپ، %2.5 ئاشتى، نېفىت - گاز تەڭداش مىقدارى ئۇدا ئۈچ يىل مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا مۇقىم تۇردى. نېفىت ئايرىش، خىمىيەلىك ئايرىشنىڭ ئىنچىكە خىمىيە سانائىتىگە ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولدۇق، مايتاغ نېفىت خىمىيەسى تارىم يىللىق مەھسۇلاتى 1 مىليون 200 مىڭ توننىلىق ئېتاندىن ئېتىلېن ئىشلەش 2 - قارارلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ تۈرلەر ماكانلاشتى، يېڭىدىن كۆپەيگەن كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 62 مىليون 570 مىڭ توننىغا يەتتى، كۆمۈر مەھسۇلاتى 457 مىليون توننىغا يېتىپ، %10.7 ئاشتى، «شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش» مىقدارى 100 مىليون توننىدىن ئېشىپ، %26.7 كۆپەيدى. كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتتۇق، قومۇل يىللىق مەھسۇلاتى 15 مىليون توننىلىق كۆمۈرنى دەرىجە ۋە سۈپەتكە ئايرىش تۈرى قاتارلىق تۈرلەر ماكانلاشتى. يېڭى ئېنېرگىيە كەسىپلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردۇق، پۈتۈن شىنجاڭدا يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى 22 مىليون 610 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىپ، ئېشىش مىقدارى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى، يېڭى ئېنېرگىيە ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 64 مىليون 431 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىپ، ئاپتونوم رايوندىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنىڭ %44.6ىنى ئىگىلىدى. «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» مىقدارى 126 مىليارد 300 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتتى. نۇقتىلىق قېزىلما بايلىقنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولدۇق، خوتەن قىزىلچاپ قوغۇشۇن، سىنك كانى، چوڭ يۇلغۇنساي ئاز ئۇچرايدىغان مېتال كانىنى ئېچىش قۇرۇلۇشىدا مۇھىم ئىلگىرىلەش بولدى، چاقىلىق يىللىق مەھسۇلاتى 60 مىڭ توننىلىق لىتىي كاربونات ئىشلەپچىقىرىش تۈر قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. كىرېمنىي ئاساسى، ھىدروگېن ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتتۇق، سانائەت كىرېمنىي، كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي مەھسۇلاتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %27.3، %26.8 ئاشتى، مەملىكەت بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان كۇچا يېشىل توكتىن ھىدروگېن ئىشلەش تۈرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. تۆمۈر، تېتان، لىتىي بازىسى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى 12 بايلىق بازىسى يېڭىدىن شەكىللەندۈرۈلدى، كان چارلاش ھوقۇقىدىن 227سى سېتىپ بېرىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %40.6ىنى ئىگىلىدى، قېزىلما بايلىقنى چارلاش - ئېچىشتا زور بۆسۈش ھاسىل قىلدۇق!

ئۈچىنچىدىن، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار خىزمىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردۇق. خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسى شىنجاڭ بازىسىنىڭ يوپۇقى ئېچىلدى، يورۇقلۇق ۋولت ماتېرىيالى ۋە باتارېيە مەملىكەتلىك نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىنى قۇرۇش تەستىقلاندى. ئاقسۇ ئارال يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر رايونى بولماسلىق ئەھۋالى تۈگىتىلدى. «ئىككى ئاكادېمىيە» ئاكادېمىكلىرىنىڭ باشچىلىقىدىكى ئەقلىي جابدۇق تەتقىقات يۇرتى، چىلان كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەتقىقات يۇرتى شىنجاڭغا ماكانلاشتى، جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى بىلەن شىنجاڭ ئاسماندىكى بۇلۇت سۈيى بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشتا يېڭىلىق يارىتىش تەتقىقات يۇرتىنى ئورتاق قۇردۇق. دىققەتنى نېفىت - گاز، كۆمۈر، قېزىلما بايلىق قاتارلىق ئۆزگىچە، ئەۋزەل كەسىپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، چوڭ - چوڭ پەن - تېخنىكا تۈرىدىن 126نى يولغا قويدۇق. كارخانىلارنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتۇق، دۆلەت دەرىجىلىك كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە «كىچىك گىگانت» كارخانىدىن توققۇزى، يۇقىرى - يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىدىن 529ى يېڭىدىن كۆپىيىپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا %21.4، %38.7 ئاشتى، ئاپتونوم رايوننىڭ كارخانا تېخنىكا مەركىزىدىن 85ى يېڭىدىن كۆپەيدى. پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش، قوللىنىشقا تۈرتكە بولدۇق، تېخنىكا توختامىنىڭ پۈتۈشۈش سوممىسى 7 مىليارد 373 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %129.8 ئاشتى. «5+2» نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويدۇق، يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلاردىن 5600دىن كۆپرەكنى تەربىيەلەش، كىرگۈزۈشكە مەدەت بېرىلىپ، تۈرلۈك يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلار ۋە جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان قىس ئىختىساسلىقلاردىن 9427سى جانلىق ئۇسۇلدا كىرگۈزۈلدى، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلاردىن 30 مىڭى يېڭىدىن كۆپەيدى.

تۆتىنچىدىن، چوڭ - چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدۇق، سېلىنمىنىڭ تۈرتكىلىك رولى تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە ئۈنۈملۈك بولدى. پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى، نۇقتىلىق تۈرلەر سېلىنمىسى جەمئىي 323 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، 40 مىليارد يۈەن ئاشتى، مىليارد يۈەنلىك تۈردىن 41ى قۇرۇلدى، 583ى قۇرۇلۇۋاتىدۇ، 10 مىليارد يۈەنلىك تۈردىن 12سى، 100 مىليارد يۈەنلىك تۈردىن بىرىدە ئىش باشلاندى. يېڭىدىن كۆپەيگەن يەرلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس زايومى 61 مىليارد 180 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 918 نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىلدى. «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» ئۈچىنچى يولى، لوپنۇر − چاقىلىق تۆمۈريولى، شىڭشىڭشيا − قومۇل − تۇيۇق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش، باركۆل ئايرودۇرۇمى، تارىم ئايلانما 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى، چىرا كوئېنلۇن سۇچىلىق تۈگۈنى قاتارلىق بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ تۈرلەردە قۇرۇلۇش باشلاندى. يۇرۇڭقاش سۇچىلىق تۈگىنى، ئۈرۈمچى − لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، قومۇل تارتما سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قاتارلىق بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرى تېزلىتىلدى. گۇچۇڭ ئايرودۇرۇمى، جياڭجۈنمياۋ − نوم تۆمۈريولى، G580 لىنىيەسىنىڭ ئاقسۇ − ئاۋات تاشيولى، ئۈرۈمچى − سانجى 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرى قۇرۇلۇپ، ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، مومۇق سۇ ئامبىرى، نىيە سۇ ئامبىرىنىڭ تۆۋەنكى چۈشۈرگىسىدىكى سۇ ساقلاش، غەربىي شىمالدىكى تۇنجى تارتما سۇ گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى − فۇكاڭ تارتما سۇ 1 - نومۇرلۇق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ توك تارقىتىلدى.

بەشىنچىدىن، كۆپ خىل تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىستېمالنى كېڭەيتىپ، ساياھەتچىلىكتە يۇقىرى سۈرئەتلىك ئېشىشنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق. شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى تېز يولغا قويدۇق، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 2023 - يىللىق ساياھەت يىلى مۇنبىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق، شىنجاڭ مەدەنىيەت - ساياھىتى ئاساسىي تېما قىلىنغان تەشۋىقات، سودا پائالىيىتىنى ئاكتىپ قانات يايدۇردۇق، قار - مۇز ساياھىتى، ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى، ئالاھىدە ساياھەت مەملىكەت بويىچە «بىرىنچى چاسا سەپ»كە كىردى، ئاپتونوم رايون بويىچە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 265 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ، %117 ئېشىپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى، ساياھەت كىرىمى 296 مىليارد 715 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %227 ئاشتى، ئايرودۇرۇمدىكى يولۇچى مىقدارى تۇنجى قېتىم 40 مىليون ئادەم قېتىملىق ئۆتكەلنى بېسىپ ئۆتۈپ، %143.8 ئاشتى. مېھمانسارايلارنى يېڭىدىن سېلىش، داۋاملاشتۇرۇپ سېلىش تۈرى 146گە يېتىپ، سېلىنمىسى 44 مىليارد يۈەندىن ئاشتى، يېڭىدىن 241 ساياھەت ھاجەتخانىسى سېلىندى، «بىر تېلېفون ئارقىلىق شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» سۇپىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىشقا ئاشتى. جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا سەنئەت قوش يىل كۆرگەزمىسى، تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسى، بۆلجۈرگەن مۇزىكا بايرىمى قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەر كەينى - كەينىدىن ئېسىل ئۆتكۈزۈلدى، تىيانشان ئايدىڭ شەھىرى، خوتەن يوتقان قەدىمىي شەھىرى قاتارلىق بىر تۈركۈم چۆكمە مەدەنىيەت - ساياھەت تۈرلىرى بەرپا قىلىندى، «مەدەنىيەت ۋە ساياھەت + سەنئەت ئويۇنى» يېڭى مودىغا ئايلاندى، ساياھەتچىلىكنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى كېڭەيتىش، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنى بېيىتىش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش رولى يەنىمۇ روشەن بولدى. پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردۇق، پۇل مۇئامىلە «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى قوللاشقا دائىر بىرقانچە تەدبىرنى چىقىرىشقا تۈرتكە بولدۇق، ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنىڭ قالدۇقى %10.5 ئاشتى، تۈرلۈك قەرز قالدۇقى %10.7 ئاشتى. ئىستېمالنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە كېڭەيتىشكە دائىر سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كېچىلىك ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردۇق، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش يىلى پائالىيىتىنى سىجىل قانات يايدۇردۇق، يېمەك - ئىچمەك كىرىمى، تاۋار پارچە سېتىلىش سوممىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %19.3، %18.7 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتوموبىل تۈرىدىكى تاۋارلارنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى %44.3 ئاشتى، تاۋار ئۆينىڭ سېتىلىش سوممىسى %32.1 ئاشتى. ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ توردىكى پارچە سېتىش سوممىسى %23.7 ئاشتى.

ئالتىنچىدىن، نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىشتە تارىخىي بۆسۈش ھاسىل قىلدۇق. يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى باشلاپ، دۆلەت كارخانىلىرىنى ئىستراتېگىيەلىك قايتىدىن تەشكىللەش ۋە كەسىپلەشتۈرۈپ بىرىكتۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتتۇق، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك بەش كەسىپ گۇرۇھى تەشكىللەندى، دۆلەت كاپىتالىنىڭ جايلىشىشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى. پۇقراۋى ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، زورايتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىرقانچە سىياسەت - تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق، پۇقراۋى كارخانىلارنى سەرخىللاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدۇق، يېڭىدىن قۇرۇلغان تىجارەت ئاساسىي گەۋدىسى 409 مىڭغا يېتىپ، %25 ئاشتى. تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ياخشىلاپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانىلارغا چېتىلىدىغان بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھەق يىغىشنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردۇق، يېڭىدىن كۆپەيگەن باجنى كېمەيتىپ ھەقنى تۆۋەنلىتىش سوممىسى 32 مىليارد 330 مىليون يۈەنگە يەتتى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈردۇق، ئۆمەك تەشكىللەپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت ۋە ياۋروپا، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسى، شەرقىي - جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى، ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر ۋە رايونلاردا زىيارەتتە بولدۇق، ئۆمەك تەشكىللەپ، ئەتراپتىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەر، شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونلىرىغا بېرىپ، بىر قاتار ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدۇق. ئاپتونوم رايوننىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 357 مىليارد 330 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتتى، رايون سىرتىدىن كىرگۈزۈلۈپ ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغ %16.5 ئاشتى، ئەمەلىي پايدىلانغان تاشقى مەبلەغ %48.3 ئاشتى. 2023 - يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا - ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسىنىڭ كۆلىمى ۋە ئۈنۈمى جەھەتتە تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. چېگرادىن ئۆتكەن جۇڭگو − ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى 14 مىڭ 397گە يېتىپ، %8.5 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى؛ يولغا چىققان نۆۋەتچى پويىز 1517گە يېتىپ، %5.3 ئاشتى. ئۈرۈمچىدىن 13 دۆلەتتىكى 16 شەھەرگە قاتنايدىغان خەلقئارالىق قەرەللىك يولۇچى تىرانسپورت ئايروپىلانى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، يېڭىدىن قاتناپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنى تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشتى. قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك ئومۇمىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى تەستىقلىنىپ يولغا قويۇلدى، «ئىككى رايون»نىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت سودا سوممىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %67.5، %79.4 ئاشتى، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغ ئايرىم - ئايرىم ھالدا %53.56، %17 ئاشتى. ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي تۆت رايوننىڭ سودا سوممىسى %71.4 ئېشىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە تاشقى سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %40.8ىنى ئىگىلىدى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا سوممىسى %61.8 ئاشتى. پورت قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسىنى تۈزۈپ يولغا قويدۇق. مەملىكەت بويىچە تۇنجى بەرپا قىلىنغان تاشيول پورتى + تەۋەلىك بويىچە بىۋاسىتە قاتناش ئەندىزىسى ئالاتاۋ پورتىدا رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، تاموژنىدىن ئۆتۈش تەننەرخى %60 تۆۋەنلىدى، ۋاقتى %90 قىسقاردى.

يەتتىنچىدىن، كاربوننى تۆۋەنلىتىش، بۇلغىمىنى ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردۇق. «ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە» رايون ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى چوڭقۇر تۈزەش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، رايون ھاۋا سۈپىتى ياخشى بولغان كۈن سانى جەمئىي 109 كۈن ئېشىپ، ئېغىر بۇلغىنىش كۈن سانى جەمئىي 41 كۈن ئازىيىپ، PM2.5نىڭ ئوتتۇرىچە قويۇقلۇقى %10.4 تۆۋەنلەپ، رايون مۇھىتىنى تۈزەش يىللىق نىشان - ۋەزىپىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندالدى. سۇ بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ تەقسىملەش ۋە ئېچىپ پايدىلىنىشنى كۈچەيتتۇق، يەر ئاستى سۈيىنى قېزىشنى 12 مىليارد 700 مىليون كۇب مېتىر ئىچىدە تىزگىنلەپ، «ئومۇمىي مىقدارنى كاپالەتلەندۈرۈش + جانلىق تەقسىملەش»تىن ئىبارەت سۇ بايلىقىنى ياخشىلاش، تەقسىملەش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈستىدە ئىزدەندۇق، ئاساسىي دەرياغا كەلگەن سۇ ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %10 ئازايغان ئەھۋالدا، يېزا ئىگىلىك سۇغىرىشىغا بېرىلگەن سۇ 1 مىليارد 380 مىليون كۇب مېتىر كۆپەيدى، سۇ ئامبىرىدا ساقلانغان سۇ 1 مىليارد 340 مىليون كۇب مېتىر كۆپەيدى، كەلكۈن سۈيىدىن پايدىلىنىش نىسبىتى %86كە يەتتى. ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى ۋە چۆللىشىشنى تۈزەش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتۇق، ئورمان بەرپا قىلىش كۆلىمى 1 مىليون 658 مىڭ موغا يەتتى، ئوت - چۆپ تېرىپ ياخشىلانغان يەر كۆلىمى 4 مىليون 500 مىڭ موغا يەتتى، چۆللىشىشنى تىزگىنلەش كۆلىمى 5 مىليون 507 مىڭ موغا يەتتى، سۇ - تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى تىزگىنلەش كۆلىمى 3 مىليون 44 مىڭ موغا يەتتى. تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى، «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ شىنجاڭ بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى نۇقتىلىق تۈرلىرى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى. ئېنېرگىيە تېجەپ بۇلغىمىنى ئازايتىش ۋە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقا پائال تۈرتكە بولدۇق، قاراماي شەھىرى بىلەن كۇچا شەھىرى دۆلەتنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى كاربون چوققا قىممەتكە يېتىش شەھىرى ۋە باغچە رايونى سىناق نۇقتىسى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.

سەككىزىنچىدىن، خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرىنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت - سائادىتىنى سىجىل ئاشۇردۇق. ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق، ئۇللۇق، تولۇق كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىدۇق، مالىيە چىقىمىنىڭ %77.4ى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە ئىشلىتىلدى. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈردۇق، تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلىشىش تولۇقلىما مەبلىغىدىن 2 مىليارد 355 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇردۇق، شەھەر - بازارلاردا 482 مىڭ كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى، رايون تەۋەسىدىكى شۇ يىلى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بارار جايى ئەمەلىيلىشىش نىسبىتى %93كە يەتتى، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلاردىن 34 مىڭ كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلاردىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 1 مىليون 93 مىڭ كىشىگە يەتتى، ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە 2 مىليون 499 مىڭ ئادەم قېتىم تەربىيەلىدۇق، شەھەر - بازارلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەر ئۇدۇللۇق تۈگىتىلدى. مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتتۇق، يەسلىدىن 31نى يېڭىدىن قۇردۇق ۋە كېڭەيتىپ قۇردۇق، يەسلىلەردە 9090 ئوقۇغۇچى ئورنى يېڭىدىن كۆپەيدى، ناھىيەدىكى 61 ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ياخشىلىشىغا مەدەت بەردۇق، كەسپىي مەكتەپتىن ئۈچنى قۇردۇق، ئارال داشۆ شەھىرى، خوتەن شۆيۈەنىنىڭ قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى. ساغلام شىنجاڭ ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويدۇق، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدۇق، ئاساسىي قاتلام ساقلىقنى ساقلاش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتۇق، دورا بۇيۇملىرى خورىما ماتېرىياللىرىنى بىرتۇتاش، مىقدارلىق سېتىۋېلىشنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، بىمارلارغا جەمئىي 15 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق داۋالىنىش خىراجىتىنى تېجەپ بېرىپ، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى قىيىن بولۇش، قىممەت بولۇش، يىراق بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدۇق. ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتى ۋە شەھەر - يېزا ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمىنى تەڭشەپ ئۆستۈردۇق، ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا داۋالانغاندا، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ئارا باشقا جايدا داۋالانغاندا بىۋاسىتە راسچوت قىلىش دائىرىسىنى سىجىل كېڭەيتتۇق، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى قۇتقۇزۇش ۋە ئۇلارغا تولۇقلىما بېرىش مەبلىغىدىن 9 مىليارد 68 مىليون يۈەن تارقاتتۇق. مەھەللە ياشانغانلارغا كۈندۈزلۈك قاراش مەركىزىدىن 119ى يېڭىدىن سېلىندى، ئۆزگەرتىپ سېلىندى، قىيىنچىلىقى بار ئېغىر مېيىپلەر ئائىلىسىدىن 8870ى توسالغۇسىز قىلىپ ئۆزگەرتىلدى. شەھەر - بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايوندىن 1152نى ئۆزگەرتىشتە ئىش باشلىنىپ، 219 مىڭ 100 ئائىلە نەپكە ئېرىشتى. 279 مىڭ 500 ئائىلىلىك «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» (2 - قارارلىق) قۇرۇلۇشى بويىچە يىللىق ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدۇق. 2023 - يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ 10 تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز قەرەلىدە تاماملاپ، خەلق تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، خەلق تۇرمۇشىغا بولغان ھېسسىياتىمىزنى كۈچەيتتۇق!

توققۇزىنچىدىن، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتۇق. ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتۇق، شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيى، غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى مۇزېيى قاتارلىق بىر تۈركۈم نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلاردا باسقۇچ خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش بولدى. 40 نەچچە نادىر ئەسەر ئىجاد قىلىندى، شىنجاڭنىڭ «بېنبا» ناملىق ئەدەبىي ئەسىرى ماۋدۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. شىنجاڭ مەدەنىيەت - سەنئەت بايرىمى، جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، 7 - نۆۋەتلىك مېيىپلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق. مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدۇق، ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيىتىدىن 93 مىڭ مەيدان - قېتىم ئۆتكۈزدۇق، بۇنىڭدىن 62 مىليون ئادەم - قېتىم نەپكە ئېرىشتى. ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان «ئاساسنى مۇستەھكەملەش» قۇرۇلۇشى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى، تۇنجى نۆۋەتلىك «ۋەتەن مېھرى . جۇڭخۇا سەپىرى» شىنجاڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەر ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېكسكۇرسىيە - ئۆگىنىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى. 1 مىليون 693 مىڭ ياش، قىران دېھقان - چارۋىچى دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى بويىچە ئۆگىنىش - تەربىيەلەشنى تاماملىدى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگە بەرپا قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتۇق، مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئۈلگە رايونى، ئۈلگە ئورنىدىن 90ى، مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەربىيە بازىسىدىن 14ى قۇرۇلدى. 2653 مەكتەپنى، 3 مىليون 998 مىڭ ياش - ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىنى باشقا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەردىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەر بىلەن قوشماقلىشىش، دوستلىشىشقا تەشكىللەپ، مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردۇق. شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتتۇق، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلىدۇق. دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجى ۋە قانۇنلۇق دىنىي پائالىيىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈردۇق. دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشنى قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە كۈچەيتىپ، دىنلارنىڭ ئېجىل - ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈردۇق.

ئونىنچىدىن، كىشىلىك ھوقۇققا تولۇق ھۆرمەت قىلىپ ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتۇق. خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇقتۇر. پارتىيە ۋە دۆلەت باشتىن - ئاخىر شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ۋە مەدەت بېرىپ كەلدى، مەركەز مالىيەسىنىڭ شىنجاڭغا قاراتقان يۆتكىمە چىقىم سالمىقى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ باردى، 2023 - يىلى يۆتكىمە چىقىم 565 مىليارد 730 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %14.4 ئېشىپ، يەرلىك مالىيە خامچوت چىقىمىنىڭ %72.1ىنى ئىگىلىدى. بىز مىللەتلەرنىڭ بابباراۋەرلىكىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇردۇق، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت قاتارلىق تەرەپلەردىكى ھوقۇقىنى تولۇق كاپالەتلەندۈردۇق، مىللىي رايون ئاپتونومىيەسى يولغا قويۇلغان جايلارنىڭ مەمۇرىي باشلىقى بىردەك ئاپتونومىيە يولغا قويۇلغان مىللەتنىڭ پۇقراسىدىن بولۇۋاتىدۇ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا باراۋەر قاتنىشىش ھوقۇقى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈلدى. باشتىن - ئاخىر خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدۇق، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى تارىخىي يوسۇندا ھەل قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتتۇق. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەمگەك قىلىش - ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈردۇق، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىشقا ئورۇنلىشىش، بازار ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى تەڭشەش، ھۆكۈمەت ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھام بېرىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قىلدۇق. شەھەر - يېزىلاردىكى خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ياخشىلىدۇق، بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان مائارىپ سىستېمىسى، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى، داۋالاش - ساقلىق ساقلاش سىستېمىسى ۋە ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش سىستېمىسىنى ئورناتتۇق. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا يەسلىدىن تارتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە بولغان 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپنى يولغا قويدۇق، ئاپتونوم رايون بويىچە ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمۈر 76 ياشقا يەتتى. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئاياللار - بالىلار، ياشلار، ئۆسمۈرلەر، ياشانغانلار، قىزىل كىرېست، خەيرىيەت، مېيىپلەر ئىشلىرى قاتارلىق ئىشلاردا يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردۇق. شىنجاڭدا كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنىڭ ياخشى بولۇش - بولماسلىقى ھەققىدە پىكىر قىلىشقا شىنجاڭ خەلقى ئەڭ ھوقۇقلۇق! بۈگۈنكى شىنجاڭدا، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۈنى بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، تۇرمۇشى ئىستىقبالغا ئىگە بولۇپ، كەلگۈسى ئۈمىدكە تولدى. شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى چوڭ ئېچىلىۋاتىدۇ، تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەردىكى دوستلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت قىلىشىنى، سەيلە - ساياھەت قىلىشىنى، مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈشىنى، گۈزەل، ئىناق، ئاۋات، مۇقىم شىنجاڭنى بىۋاسىتە ھېس قىلىپ بېقىشىنى سەمىمىي قارشى ئالىمىز.

ئون بىرىنچىدىن، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالدۇق ۋە ئۇنى تۈگەتتۇق. جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باشتىن - ئاخىر ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تىنچ شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان قانۇنغا خىلاپ تۈرلۈك جىنايەتلەرگە قاتتىق زەربە بەردۇق، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىدە سىجىل مۇقىم ھالەت ساقلاندى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى مىسلىسىز ئاشتى، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك بويىچە رازى بولۇش نىسبىتى %99.3كە يېتىپ، مەملىكەت بويىچە ئىككىنچى قاتارغا ئۆتتۇق. مالىيە - پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، رايون خاراكتېرلىك، سىستېما خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرى يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلىدۇق. ئۆي - مۈلۈك بازىرىنىڭ پۇختا، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردۇق، «بىنانى تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش» بويىچە ئۆي تاپشۇرۇش نىسبىتىنى %84.2كە يەتكۈزۈپ، %70لىك نىشان - ۋەزىپىنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندىدۇق. دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى تۈزەشتە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇق. يېڭى دەۋر «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتتۇق، سانجى شەھىرى، ئونسۇ ناھىيەسى مەملىكەتنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى سىناق ناھىيە، شەھەرلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. يول قاتنىشى، كان، ئوت مۇداپىئە ساھەسى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئېغىر - زور ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى مەخسۇس تۈر بويىچە بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزەش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، يەر تەۋرەش ئاپىتى قاتارلىق تۈرلۈك تەبىئىي ئاپەتلەرگە پائال تاقابىل تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈردۇق.

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! بىر يىلدىن بۇيان، بىز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى سادىقلىق بىلەن قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىمىز، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىمىز، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردۇق. قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش پىروگراممىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «قانۇنچىللىق دەرسخانىسى . ھەر ئاينىڭ توققۇزلۇق كۈنلىرى جەزمەن سۆزلەش» قانۇنچىللىق تەربىيەسىنى سىجىل قانات يايدۇردۇق، يەرلىك نىزامدىن 13نى قاراپ چىقىشقا سۇندۇق، ھۆكۈمەت قائىدىسىدىن تۆتنى تۈزدۇق، مەمۇرىي قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتتىن 130نى ئەنگە ئېلىپ تەكشۈردۇق. مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش بويىچە مەسئۇلىيەتنى يېنىكلىتىش - كەچۈرۈم قىلىش تىزىملىكىنى ئورنىتىپ، «بىر قېتىم ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش»تىن ئىبارەت جانلىق ئۇسۇلدا قانۇن ئىجرا قىلىشنى ئومۇملاشتۇرۇپ، 112 تۈرلۈك مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنىڭ، 661 تۈرلۈك مەمۇرىي ئىجازەتنىڭ ۋە 301 تۈرلۈك مەمۇرىي ئەنگە ئېلىشنىڭ قانۇنلۇق ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈردۇق. خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن نازارەتچىلىكى، خىزمەت نازارەتچىلىكى ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ دېموكراتىك نازارەتچىلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلدۇق، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ نازارىتىنى كەڭ دائىرىدە قوبۇل قىلدۇق، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ 400 تەۋسىيەسى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ 541 تەكلىپىنىڭ ھەممىسىنى بېجىرىپ ئاياغلاشتۇردۇق. رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش سۇپىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ياخشىلىدۇق، «شىنجاڭ ھۆكۈمەت ئۇنىۋېرسال مۇلازىمى»، «شىنجاڭ كارخانا مۇلازىمى» كۆچمە تېرمىنال APPسىنى ئىشقا كىرىشتۈردۇق، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، ئاممىۋى تۇرالغۇ فوندى، باج بېجىرىپ ھەق تاپشۇرۇش قاتارلىق 115 تۈرلۈك كۆپ بېجىرىلىدىغان ھۆكۈمەت ئىشى مۇلازىمەت تۈرى كۆچمە تېرمىنالدا بېجىرىلدى، ھەر مىللەت ئامما، تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ ئىش بېجىرىشى تېخىمۇ قولاي، تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولدى. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت خاھىش»نى بوشاشماي تۈزەتتۇق، ئىستىلنى سىجىل ئۆزگەرتىپ، «تۆتنى قىلماسلىق، ئىككى ئۇدۇل بېرىش»تا چىڭ تۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى كۈچەپ يېنىكلىتىپ، يىغىن ۋە ھۆججەتلەرنى زور دەرىجىدە ئىخچاملاپ تەكشۈرۈپ باھالاشنى قىسقارتىپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ زېھنىنى ئىش قىلىش، نەتىجە يارىتىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشقا سەرپ قىلىشىغا ئىمكانىيەت ياراتتۇق.

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، بىر يىلدىن بۇيان، بىز ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللىدۇق، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ئىككى تەرەپ بىر تۈركۈم مۇھىم ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىنى ئورتاق ھەمتۈرتكە بولۇپ قۇردۇق، بىر تۈركۈم چوڭ تىپتىكى دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانا گۇرۇھلارنى ئورتاق تەشكىللىدۇق، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، بايلىقنى ئېچىش، كەسىپلەر تەرەققىياتى، شەھەر - بازار قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە - مۇھىت، مائارىپ، داۋالاش، ئاممىۋى مەدەنىيەت، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ساھەسى قاتارلىق كۆپ خىل ساھەلەردە ئۈستۈنلۈكتىن ئۆزئارا پايدىلىنىپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىپ، ئۆزئارا يۇغۇرۇپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردۇق، ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %6.9 ئاشتى، ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى %14.6 ئاشتى، ئاھالىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى %6.4 ئاشتى. ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشى يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىدى، مۇھىم تۆھپە قوشتى!

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ شىنجاڭغا بولغان پەۋقۇلئاددە غەمخورلۇقى ھەم سەمىمىي ئۈمىدى مۇجەسسەملەنگەن. بىر يىلدىن بۇيان، بىز 8 -، 9 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي گەۋدىلىك رولىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر، دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى، مەركەز كارخانىلىرى، ئالىي مەكتەپلەر ۋە پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە پائال ماسلاشتۇق. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېتەكلەش، باشلامچىلىق قىلىش ئۈنۈمى ياخشى نۇقتىلىق تۈرلەرنى پىلانلاپ يولغا قويدۇق. شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى 17 مىليارد يۈەنگە يەتتى، بۇنىڭ %80تىن كۆپرەكى خەلق تۇرمۇشىغا، ئاساسىي قاتلامغا مايىللاشتۇرۇلۇپ، خەلق قەلبىنى ئىللىتىدىغان، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان نۇرغۇنلىغان ئەمەلىي ئىشلار، ياخشى ئىشلار قىلىندى. شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كەڭ كادىرلار شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشۇپ، جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى!

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىم قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاش يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇقەددەس بۇرچى. بىز دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنداپ، دۆلەت مۇداپىئەسى تەربىيەسىنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش - ئائىلە تەۋەلىرىگە ئېتىبار بېرىش، غەمخورلۇق قىلىش - نەپىقە بېرىش ۋە ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مۇكاپاتلاش - رىغبەتلەندۈرۈش، ھوقۇق - مەنپەئەتنى قوغداش، مۇلازىمەت قىلىش - باشقۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلىدۇق، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، راۋاجلاندۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن خەلق مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ قول تۇتۇشۇپ، چېگرا رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى ئىككىنى ھىمايە قىلىش، ئورتاق قۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ياراتتۇق!

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! ئۆتكەن بىر يىلنى ئەسلەيدىغان بولساق، نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشى ئاسانغا چۈشمىدى. بۇ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقىنىڭ نەتىجىسى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىنىڭ نەتىجىسى، مەركىزىي كومىتېت ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ شەخسىيەتسىز ياردەم بەرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، بۇنىڭغا خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، شۇنداقلا جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ جاپالىق تىرىشچانلىقى مۇجەسسەملەنگەن. بۇ يەردە مەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلققە، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىگە، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىغا، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلارغا، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن! شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم كوماندىر - جەڭچىلىرى، گۇڭئەن كادىر - ساقچىلىرى، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەلەر ھەم شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان بارلىق كادىرلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن! شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، مەدەت بېرىۋاتقان بارلىق دوستلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن!

نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا ھېلىھەم دۇچ كېلىۋاتقان كۆپلىگەن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارنىمۇ سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يەتتۇق: جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش ۋەزىپىمىز ھېلىھەم مۈشكۈل؛ زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنىڭ تەرەققىياتى ئارقىدا، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولماسلىق، كەسىپ قۇرۇلمىسى ئەلا بولماسلىق، كەسىپ زەنجىرى قىسقا بولۇش، رىقابەت ئىقتىدارى كۈچلۈك بولماسلىق مەسىلىلىرى ھېلىھەم گەۋدىلىك؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋەزىپىمىز مۈشكۈل، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، ياشانغانلارنى كۈتۈش، بالىلارنى ھاۋالىلىك بېقىش قاتارلىق بىر قىسىم خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدە خېلى كۆپ كەمتۈكلۈكلەر مەۋجۇت؛ ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش - تۈزەشتە ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق؛ رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى نىسبەتەن ئارقىدا، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاشقا توغرا كېلىدۇ؛ قىسمەن كادىرلارنىڭ ئىقتىدار - سەۋىيەسى بىلەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش تەلىپى ئوتتۇرىسىدا يەنىلا پەرق بار، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق ھېلىھەم گەۋدىلىك، بەزى ساھەلەر، كەسىپلەر، جايلاردا چىرىكلىك مەسىلىسى يەنىلا كۆرۈلۈۋاتىدۇ. بىز چوقۇم مەسىلە، خىرىسقا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى ئارقىلىق، خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى ئىشلەپ، خەلقنىڭ كۈتكەن ئۈمىدىنى ھەرگىز يەردە قويمايمىز!

2. 2024 - يىللىق ئاساسلىق خىزمەتلەر

2024 - يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلاندىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئاچقۇچلۇق بىر يىل، بۇ يىلقى ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور.

بۇ يىلقى ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنلىرى، بولۇپمۇ 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدەپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن مۇقىملىقنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇمىيلىقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئۈزلۈكسىز تۈردە تېخىمۇ كۆپ سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ھەقىقىي تۈردە ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ئىجتىمائىي كۆزلىمىنى ياخشىلاپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىش، ياخشىلىنىش ھالىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كۈچەيتىپ، ئىقتىسادتا سۈپەتنىڭ ئۈنۈملۈك يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ۋە مىقدارنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇش.

بۇ يىلقى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتە تۆۋەندىكى بىرقانچە تەرەپنى ياخشى ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك: بىرىنچىدىن، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيە جەھەتتىن كۆزىتىپ ۋە پىلانلاپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇمىيلىقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇساپىسىدە شىنجاڭنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش، شىنجاڭنىڭ نەتىجىسىنى نامايان قىلىش، شىنجاڭنىڭ تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك. ئىككىنچىدىن، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى يېڭى دەۋردىكى چىڭ قائىدە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، دىققەتنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشتىن ئىبارەت بۇ مەركىزىي خىزمەت ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال سىڭىشىپ ۋە مۇلازىمەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىغا قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى تېخىمۇ كۆپ سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىقنىڭ، تەرەققىيات بىلەن خەلق تۇرمۇشىنىڭ، تەرەققىيات بىلەن كىشىلەر قەلبىنىڭ زىچ مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش، قەلبنى مۇجەسسەملەش جەھەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. تۆتىنچىدىن، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولۇش - بولماسلىقنى باشتىن - ئاخىر ئەڭ مۇھىم ئىش قاتارىدا ئويلىشىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى راھەت - جاپادا بىللە بولۇش، شەرەپ - نومۇستا بىللە بولۇش، ھايات - ماماتتا بىللە بولۇش، تەقدىر - قىسمەتتە بىللە بولۇشتىن ئىبارەت ئورتاق گەۋدە ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا پائال يېتەكلەپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك. بەشىنچىدىن، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، مۇقىملىقنى تۇتۇش بىلەن تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى تەرەپتىكى خىزمەتنى بىرتۇتاش بىرىكتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تەستە قولغا كەلگەن جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋەزىيىتىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك راۋاجلىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى پۇختا ئاساسقا ئىگە قىلىش كېرەك.

بۇ يىلقى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانى: رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %6.5 ئۆپچۆرىسىدە ئاشۇرۇش؛ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتىنى %8 ئۆپچۆرىسىدە ئاشۇرۇش؛ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنى %10 ئۆپچۆرىسىدە ئاشۇرۇش؛ ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىنى %8 ئۆپچۆرىسىدە ئاشۇرۇش؛ ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنى %20 ئۆپچۆرىسىدە ئاشۇرۇش؛ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمىنى %10 ئۆپچۆرىسىدە ئاشۇرۇش؛ شەھەر - بازارلاردا 460 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، شەھەر - بازارلاردىكى ئېنىقلانغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %5.5 ئىچىدە تىزگىنلەش؛ شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمنى %6.5 ئۆپچۆرىسىدە ئاشۇرۇش، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمنى %7.5 ئۆپچۆرىسىدە ئاشۇرۇش؛ ئاھالە ئىستېمال باھاسىنىڭ ئېشىش نىسبىتىنى %3 ئۆپچۆرىسىدە ساقلاش؛ ئېنېرگىيە تېجەپ بۇلغىمىنى ئازايتىش كۆرسەتكۈچىنى دۆلەت چۈشۈرگەن نىشان دائىرىسىدە تىزگىنلەپ، ئېكولوگىيە - مۇھىت سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاش.

ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10 - ئومۇمىي يىغىنىدا بۇ يىلقى خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بىز «مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىلگىرىلەش ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاۋۋال ئورنىتىپ ئاندىن بىكار قىلىش» تەلىپىگە ئاساسەن، مەۋقەنى ئومۇمىيلىققا قويۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاچقۇچنى ئىگىلەپ، نۇقتىلىق ھالدا تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتىمىز.

1) يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىمىز

يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك رايونىنى پائال قۇرىمىز. ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويىمىز، 42 مىليون 300 مىڭ مو ئاشلىق ۋە 1 مىليون 900 مىڭ مو ياغلىق دان تېرىش ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ ئاشلىق مەھسۇلاتىنى يېڭىدىن 1 مىليون توننىدىن كۆپرەك ئاشۇرىمىز. ئەلا سۈپەتلىك پاختا بازىسى قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، پاختا ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەۋزەل رايونلارغا مەركەزلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدا بىرلىككە كەلگەن پاختا بازىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، پاختا ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 5 مىليون توننىدىن ئارتۇق بولۇش ھالىتىنى ساقلايمىز. باغۋەنچىلىكتە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئەلا سۈپەتلىك، ئالىي دەرىجىلىك ئۆزگىچە مېۋىلەرنى كۆپەيتىپ، مېۋە مەھسۇلاتىنى 13 مىليون 500 مىڭ توننا ئۆپچۆرىسىدە مۇقىملاشتۇرىمىز. چۆللۈك، قۇملۇق قاتارلىقلاردىن ئىلمىي پايدىلىنىپ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرىمىز. چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، گۆش، سۈت مەھسۇلاتىنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %8.5، %6.5 ئاشۇرىمىز. تېرىلغۇ يەرنى قوغداش ۋە بەرپا قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزنىڭ ھەممىسىنى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قىلىپ قۇرۇشقا پەيدىنپەي تۈرتكە بولۇپ، شورلۇق يەرنى تۈزەپ ياخشىلاشنى رايون ۋە تۈرلەرگە ئايرىپ قانات يايدۇرىمىز. سۇ بايلىقىنى مەركەزلىك، بىرتۇتاش باشقۇرۇشنى سىجىل كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش تېخنىكىسىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، يەر ئۈستى سۈيىدىن ھەر تەرەپلىمە، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز.

«مىڭ، تۈمەن قۇرۇلۇشى» تەجرىبىسىنى ئۆگىنىپ ۋە قوللىنىپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىمىز. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى قىلچە بوشاشماي مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش ۋە يار - يۆلەك بولۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كەتمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلايمىز. كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش ئارقىلىق دېھقان - چارۋىچىلارنى كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسى، كەسىپتە كۈچلۈك بازار، يېزا - كەنت ئۆزگىچە كەسپى ئۈلگە كەنتى، بازىرى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى دەل جايىدا پۇختا يېتىلدۇرۇپ، مەركەزنىڭ جىپسىلاشتۇرۇش مەبلىغىنىڭ كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىشلىتىلىش نىسبىتىنى %65تىن ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. كۆپ خىل شەكىلدىكى يېزا ئىگىلىكىنىڭ مۇۋاپىق كۆلەملىك تىجارىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئۆز يېرىنىڭ شارائىتىغا يارىشا ئىش كۆرۈش ئاساسىدا يېڭىچە يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز. يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۈچنى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرۈشكە، بايلىقنى ئاساسىي قاتلامغا مايىللاشتۇرۇشقا، مۇلازىمەتنى ئاساسىي قاتلامغا كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولىمىز. يېزىلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېزا ھاجەتخانا ئىنقىلابىنى، تۇرمۇش ئەخلىتى ۋە پاسكىنا سۇ بىر تەرەپ قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى تېزلىتىپ، «تۆت ياخشى يېزا يولى» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنى تەرەققىيات مېۋىسىدىن تېخىمۇ كۆپ بەھرىمەن قىلىمىز، يېزا - كەنتلەرنى تېخىمۇ ئاۋاتلاشتۇرىمىز، يېزىلارنى تېخىمۇ زور ئۈمىدكە ۋە ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىمىز!

2) دىققەتنى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»غا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىگە ئىگە زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلىمىز

مەۋقەنى بايلىق شارائىتى، رايون ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە 100 مىليارد يۈەنلىك، 10 مىليارد يۈەنلىك بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ كەسىپ تۈرلىرىنى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى كۆرۈنەرلىك بولغان، يادرولۇق رىقابەت ئىقتىدارىغا ئىگە بىرقانچە كەسىپ بازىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىمىز. نېفىت - گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش كەسىپ توپىنى يېتىلدۈرىمىز، زورايتىمىز، چوڭ تىپتىكى نېفىت - گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش ۋە زاپاس ساقلاش بازىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىمىز، بىر تۈركۈم چوڭ تىپتىكى نېفىتلىك - گازلىق قۇرۇلۇشى ۋە كۆمۈر قاتلىمى گازىنى چارلاش - ئېچىشنى نۇقتىلىق ئالغا سىلجىتىمىز، نېفىت - گاز زاپىسىنى ئاشۇرۇش، مەھسۇلاتىنى كۆپەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز، يېڭىدىن كۆپەيگەن كۆمۈر قاتلىمى گازىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى 500 مىليون كۇب مېتىردىن ئاشۇرىمىز؛ ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيەسى PX قۇرۇلمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى %50 ئاشۇرۇش تۈرى ۋە يىللىق مەھسۇلاتى 2 مىليون توننا بولغان PTA تۈرى، مايتاغ نېفىت خىمىيەسى تارىم يىللىق مەھسۇلاتى 1 مىليون 200 مىڭ توننىلىق ئېتاندىن ئېتىلېن ئىشلەش ئىككىنچى قارارلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز. كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسىپلەر توپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرىمىز، كۆمۈر ئەلا سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ قوزغىتىپ، شەرقىي جۇڭغار، قومۇل، تۇرپان، جەنۇبىي جۇڭغار قاتارلىق جايلارنىڭ كۆمۈر چارلاش - ئېچىش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز، بىر تۈركۈم تىرەكلىك كۆمۈر ئېلېكتىر تۈر قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىمىز، كۆمۈردىن ئولېفىن ئالىدىغان، كۆمۈردىن گاز ئالىدىغان بىر تۈركۈم قۇرۇلۇش تۈرىدە ئىش باشلايمىز، كۆمۈرنى دەرىجە ۋە سۈپەتكە ئايرىپ، پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولىمىز، يىللىق كۆمۈر مەھسۇلات مىقدارىنى تىرىشىپ 500 مىليون توننىغا يەتكۈزۈپ، دۆلەتنىڭ چوڭ تىپتىكى كۆمۈر بىلەن تەمىنلەش كاپالەت بازىسى ۋە كۆمۈردىن ماي - گاز ئېلىش ئىستراتېگىيەلىك بازىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىمىز. يېشىل كانچىلىق كەسىپ توپىنى پائال قۇرىمىز، يېڭى بىر نۆۋەتلىك كان ئىزدەشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىقنى چارلاش - ئېچىشنى تېزلىتىپ، خوتەن قىزىلچاپ 10 مىليون توننىلىق قوغۇشۇن، سىنك كانى، چوڭ يۇلغۇنساي مىليون توننىلىق ئاز ئۇچرايدىغان مېتال كانى قاتارلىق نۇقتىلىق كاننى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ ئۈنۈمىنى كۆرۈشكە تۈرتكە بولىمىز، قارا مېتال، رەڭلىك مېتال، ئېنېرگىيە مېتالى پىششىقلاش - ياساش كەسىپ زەنجىرىنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ۋە ئاچقۇچلۇق قېزىلما بايلىق بىخەتەرلىكىنى پائال كاپالەتلەندۈرىمىز. ئاشلىق - ياغ كەسىپ توپى قۇرۇشقا كۈچەپ تۈرتكە بولىمىز، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت قىلىش، پىششىقلاش، ساقلاش ۋە ئىستېمال قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئاساسىي يېمەكلىكنى كەسىپلەشتۈرۈش ۋە ئاشلىق - ياغنى ئىنچىكە پىششىقلاشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئاشلىق - ياغ مەھسۇلاتىنىڭ قوشۇلما قىممىتى ۋە بازاردىكى رىقابەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرىمىز. پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسىپ توپىنى تېز قۇرۇپ چىقىمىز، دۆلەت ئەلا سۈپەتلىك پاختا يىپ بازىسىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرۇپ، پاختا ۋە پاختا يىپ سودا مەركىزىنى يۇقىرى سۈپەتلىك يۈرۈشتۈرىمىز، پاختا پىششىقلاش كارخانىلىرىنىڭ قوشۇۋېلىشىغا، قايتا تەشكىللىشىگە، زورىيىشىغا، كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولىمىز، خىمىيەلىك تالا، بوياقچىلىق، كىيىم - كېچەك، ئائىلە توقۇلما بۇيۇملىرى، ئىلمە توقۇلما ۋە لايىھەلەش قاتارلىقلارنىڭ كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنات زەنجىرى جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكنى كۈچەپ تولۇقلايمىز، پاختا كەسپى بىلەن خىمىيەۋى تالا كەسپىنىڭ باغلانما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنىڭ تەرەققىيات ماكانىنى كېڭەيتىمىز. يېشىل، ئورگانىك مېۋە، كۆكتات كەسىپ توپىنى بەرپا قىلىمىز، ئۆزگىچە مېۋە، كۆكتات كەسپىنىڭ جايلىشىشىنى ياخشىلايمىز، يېشىل، ئورگانىك باغۋەنچىلىك كەسىپ توپى ئۈلگە باغچىسى ۋە ئۈلگە رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، ئۈزۈم ھارىقى، پەمىدۇر پىششىقلاش، ئۆزگىچە مېۋە پىششىقلاش كەسپى قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىمىز، مېۋە مەھسۇلاتى پىششىقلاشنى ئالىيلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىمىز، جۇڭيى دورا كەسىپلەشتۈرۈش بازىسى، جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكى تېرىقچىلىق بازىسى قۇرۇشنى تېزلىتىمىز. چارۋا مەھسۇلاتلىرى كەسىپ توپىنى قۇرۇپ چىقىمىز، ئەلا سۈپەتلىك يەم - چۆپ بازىسى، ئۆلچەملەشكەن بېقىش - كۆپەيتىش بازىسى، چارۋا - ئۆي قۇشلىرى نەسىل بازىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، بايلىق ئامىلىنىڭ ئەۋزەل كەسىپكە، كەسىپ رايونىغا، كارخانىلارغا توپلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە مۇھىم چارۋا مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى بەرپا قىلىمىز. يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپ توپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرىمىز، قومۇلنىڭ شىمالى، شەرقىي جۇڭغار، قەشقەر، چاقىلىق قاتارلىق جايلاردىكى 10 مىليون كىلوۋاتلىق بىر تۈركۈم يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى ۋە ئۈرۈمچى، ئىلى، قاراماي، قومۇل قاتارلىق تۆت جايدىكى ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى كەسىپ ئۈلگە رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن يىلدا يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلار كۆلىمىنى تىرىشىپ 20 مىليون كىلوۋاتقا يەتكۈزىمىز؛ ئاليۇمىن، مىس، تېتان، لىتىي ئاساسىدىكى ماتېرىيال كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز، يېڭى ئېنېرگىيە جابدۇقلىرى، ئالىي دەرىجىلىك توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش ئۈسكۈنىلىرى، يېڭى تىپتىكى دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق ماشىنىلىرى قاتارلىق ئىلغار ياسىمىچىلىقنى تېز تەرەققىي قىلدۇرىمىز.

3) يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى پەن - تېخنىكا، مائارىپ، ئىختىساسلىقلار تىرىكىگە ئىگە قىلىمىز

شىنجاڭنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويىمىز. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئۇللۇق، ئىستراتېگىيەلىك تىرەك بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، رايون پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىمىز، رەقەملىك ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، بىيوتېببىي دورىگەرلىك، يېشىل ھېسابلاش ئىقتىدارى، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر، ئېنېرگىيە باتارېيەسى، ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىلىرى ياساش، تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى قاتارلىق يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر تەرەققىياتىغا تېز تۈرتكە بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرى، مەبلەغ زەنجىرى، ئىختىساسلىقلار زەنجىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى كۈچەپ يېتىلدۈرىمىز. «تۆت تەرەپ ھەمكارلىشىش» ۋە شىنجاڭغا پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىش مېخانىزمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى ۋە ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە دۆلەت ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە رايونىنى يېتەكچى قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەنگەن رايون پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنى بەرپا قىلىمىز. خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسى شىنجاڭ بازىسى، ئاقسۇ ئارال يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىمىز. مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق تەجرىبىخانا، دۆلەت تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى، «بىر بەلباغ، بىر يول» بىرلەشمە تەجرىبىخانىسى قاتارلىق دۆلەت دەرىجىلىك يېڭىلىق يارىتىش سۇپىلىرىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، شىنجاڭ تەجرىبىخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنى يۇقىرى سۈپەتتە قۇرۇپ چىقىمىز. ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك مالىيەسىدىن 2 مىليارد يۈەنلىك پەن - تېخنىكا پىلانى تۈر مەبلىغىنى غەملەپ، دىققەتنى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»غا مەركەزلەشتۈرگەن ھالدا بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ پەن - تېخنىكا تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، «گالدىن بوغىدىغان» بىر تۈركۈم تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىمىز. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا يېتەكلەش مەبلىغى تەسىس قىلىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنى تەتقىق قىلىپ يارىتىش سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەيمىز. كارخانىلارنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار، كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە «كىچىك گىگانت» كارخانىلارنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈپ، دۆلەت ئىلكىدىكى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىدا تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنىڭ تولۇق قاپلىشىغا تۈرتكە بولىمىز. شىنجاڭ پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرى (تېخنىكا) سودا مەركىزىنى يۇقىرى سۈپەتلىك يۈرۈشتۈرۈپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇش - قوللىنىشقا تۈرتكە بولىمىز. پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى كەڭ، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىلىم - پەن ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز.

مائارىپ كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز. مائارىپ كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشى ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېز ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا بولغان تىرەكلىك كۈچى، تۆھپە دەرىجىسىنى ئاشۇرىمىز. ئاساسىي مائارىپتا ئەلالىرىنى كۆپەيتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، مائارىپ بايلىقى تەقسىماتىنى تۈر بويىچە ئەلالاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچى مەنبەسى كۆرۈنەرلىك ئېشىۋاتقان رايونلاردا ئۆلچەملەشكەن بىر تۈركۈم ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى يېڭىدىن قۇرۇش، ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىپ قۇرۇشنى قوللايمىز. زامانىۋى كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇش يۇغۇرۇلغان ئورتاق گەۋدىنى بەرپا قىلىمىز. شىنجاڭ داشۆ، شىخەنزە داشۆنىڭ «قوش بىرىنچى دەرىجىلىك» قۇرۇلۇشىنى ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك تەتقىقات تىپىدىكى داشۆ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭغا نۇقتىلىق جايلاشتۇرۇلىدىغان تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى تۈرىدىكى، ئەمەلىي تىپتىكى تولۇق كۇرس ئالىي مەكتەپلىرىنى قۇرۇپ، «ھەممە جايدا تولۇق كۇرس مائارىپى بولۇش» نىشانىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرىمىز.

ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويىمىز. ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندىنى ئوبدان ئىشلىتىپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى كۈچەيتىپ، ئىختساسلىقلارنى ھەر تەرەپلىمە تەربىيەلەيمىز، كىرگۈزىمىز، ئوبدان ئىشلىتىمىز، ئېلىپ قالىمىز. ئىستراتېگىيەلىك ئالىملار ۋە پەن - تېخنىكا باشلامچى ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش، كىرگۈزۈشنى تېزلىتىپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەپ يېڭىلىق يارىتىشى، ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ ئىگىلىك تىكلىشى، ئىشلەۋېتىپ كارخانا قۇرۇشىنى قوللاپ، ھەر خىل پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا پائال ئاتلىنىشىغا ئىلھام بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنىڭ كەينى - كەينىدىن مەيدانغا كېلىشىگە، بىلىم بايلىقىنىڭ تولۇق يۈرۈشۈپ تۇرۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىقتىدارى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىمىز!

4) مۇلازىمەتچىلىكنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستېمال يېڭى كەسىپ ھالىتى ۋە ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرىمىز

شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويىمىز. ساياھەت مەنزىرە رايونى، مەنزىرە يولى، ئارامگاھ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بىر تۈركۈم نۇقتىلىق مەنزىرە رايونى، سەرخىل لىنىيە ئۇل ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، قىزىل ساياھەت، سەھرا ساياھىتى، ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيەت ساياھىتى، ساياھەت نەغمە - ناۋاسى قاتارلىق ئۆزگىچە كەسىپ ھالىتىنى بەرپا قىلىپ، چېگرا ساياھىتى سىناق رايونى ۋە چېگرا ھالقىغان ساياھەت ھەمكارلىق رايونىنى پائال قۇرۇپ چىقىمىز. چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلارنى ساياھەت مەنزىرە رايونى ئېچىش، يۈرۈشتۈرۈشكە جەلپ قىلىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت باشلامچى كارخانىلىرىنى تېز يېتىلدۈرىمىز. «ساياھەتچىلىكنى بىر نىيەتتە قوغداش» مەخسۇس ھەرىكىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت - ساياھەت بازىرىنىڭ تەرتىپىنى سىجىل ياخشىلايمىز. مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» ماركىسىنىڭ داڭقىنى چىقىرىپ، تىرىشىپ ساياھەتچىلەردىن 300 مىليون ئادەم قېتىم كۈتۈۋېلىپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقى چوڭ رايونىدىن ساياھەت ئىقتىسادى كۈچلۈك رايونىغا قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولىمىز.

زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرىمىز. ئۈرۈمچى، قەشقەر، ئاقسۇ، تارباغاتاي قاتارلىق جايلاردىكى دۆلەت، رايون ئەشيا ئوبوروت تۈگىنى ۋە تايانچ سوغۇق زەنجىر ئەشيا ئوبوروت بازىسىنى جايلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز، ئۈرۈمچى، غۇلجا، كورلا، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى زامانىۋى ئوبوروت ئىستراتېگىيەلىك تايانچ نۇقتا شەھەر قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىمىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك راۋان ئەشيا ئوبوروت تورىنى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئەشيا ئوبوروت تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىمىز. پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى نۇقتىلىق كەسىپلەر، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، پەن - تېخنىكا پۇل مۇئامىلىسى، يېشىل پۇل مۇئامىلە، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىسى، ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇل مۇئامىلىسى، رەقەملىك پۇل مۇئامىلىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرىمىز. مۇلازىمەتچىلىكتە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشقا تۈرتكە بولىمىز، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، ساياھەتچىلىك، سودا، ئەشيا ئوبوروتى، قونالغۇ، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق ئەنئەنىۋى مۇلازىمەتچىلىكنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، ئىلغار ياسىمىچىلىق بىلەن زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات سىناق خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىمىز. ئىستېمال مۇھىتىنى ئامال قىلىپ ياخشىلايمىز، ئەنئەنىۋى ئىستېمالنى تۇراقلاشتۇرىمىز ۋە كېڭەيتىمىز، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق كۆپ مىقدارلىق ئىستېمالنى قوزغىتىمىز، رەقەملىك ئىستېمال، يېشىل ئىستېمال، ساغلام ئىستېمال قاتارلىق يېڭىچە ئىستېمالنى يېتىلدۈرىمىز، زورايتىمىز، ئەقلىي ئائىلە سەرەمجانلىرى، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ساياھىتى، تەنتەربىيە مۇسابىقىسى، جۇڭگوچە «مودا بۇيۇم» قاتارلىق يېڭى ئىستېمال ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرىمىز. ياشانغانلار ئىقتىسادىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرىمىز، ياشانغانلارنىڭ ئائىلىدە كۈتۈنۈش، داۋالىنىش، دورا ئىشلىتىش، ساغلاملىق كۈتۈنۈشى، قاراش - بېقىش قاتارلىق ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىپ، ياشانغانلارنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىنى بەختلىك ئۆتكۈزۈشىگە ئىمكانىيەت يارىتىمىز.

5) ئۈنۈملۈك سېلىنما دائىرىسىنى پائال كېڭەيتىپ، زامانىۋى ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىمىز

ئۈنۈملۈك سېلىنمىنىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرىمىز. «ئالتە مۇھىم تىزىملىك»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەبلەغ سېلىش، يەر ئىشلىتىش، ئېنېرگىيە ئىشلىتىش قاتارلىق مۇھىم ئامىللار كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، كارخانىغا چېتىشلىق مۇلازىمەتنىڭ دەل جايىدا بولۇش، قولايلىق بولۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئۇل ئەسلىھە ۋە كەسىپ تۈرىنى ماكانلاشتۇرۇپ قۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز. سېلىنما تۈرلىرىنى توردا تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سۇپىسىنىڭ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۈرنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز، مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنما، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس زايومى، دۆلەت زايومى قاتارلىق ھۆكۈمەتنىڭ ھەر خىل سېلىنمىسىنى ياخشى باشقۇرۇپ، ياخشى ئىشلىتىپ، يېتەكلەش، زورايتىش ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرىمىز. ئەلئارا كاپىتالىنىڭ قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىدىغان تۈر تىزىملىكىنى شەكىللەندۈرۈپ ھەم تونۇشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت بىلەن ئىجتىمائىي كاپىتال ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى مېخانىزمىدىن ئوبدان پايدىلىنىپ، ئىجتىمائىي كاپىتالنى چوڭ - چوڭ تۈر قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا پائال يېتەكلەيمىز. ھۆكۈمەت، بانكا، كارخانا ئۇدۇللىشىپ ھەمكارلىشىش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش جەھەتتىن قوللىشىغا ئىلھام بېرىپ، «يېتەكلەش فوندى + بازارلاشقان فوند + سېلىنما - قەرز ھەمتۈرتكىسى» ئاساسىدىكى كۆپ مەنبەلىك مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش نىسبىتىنى ئاشۇرىمىز.

زامانىۋى ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىمىز. ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ پىلانلاپ، «ئون تور» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىمىز، شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربتىن چىقىرىدىغان تۆمۈريول تورى، قاتنىشى قولاي تاشيول تورى، غول ۋە تارماق لىنىيە تۇتاشتۇرۇلغان ئاۋىياتسىيە تورى، تەڭشەش - تىزگىنلىشى كۈچلۈك سۇچىلىق تورى، ئىچكى جەھەتتىن تەمىنلەيدىغان سىرتقا تۇتاشقان ئېلېكتىر تورى، كەڭ دائىرىدە قاپلانغان تەبىئىي گاز تۇرۇبا تورى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، راۋان سودا ئەشيا ئوبوروتى تورى، يېشىل - تۆۋەن كاربونلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھېسابلاش ئىقتىدارى تورى، تۈجۈپىلىك، قولاي يەر ئاستى تۇرۇبا تورى، ياۋروپا - ئاسىياغا تۇتاشقان چېگرا ھالقىغان تورنى پائال بەرپا قىلىمىز. قاتناش ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز، گولمۇد - كورلا تۆمۈريولىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ ئۆزگەرتىش، باركۆل ئايرودۇرۇمى، ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك ئايلانما يولىنىڭ غەربىي لىنىيەسى قاتارلىق تۈرلەرنى پۈتتۈرىمىز، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش - كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنى تاماملايمىز، لوپنۇر - چاقىلىق تۆمۈريولى، جياڭجۈنمياۋ - نوم تۆمۈريولى 2 - لىنىيەسىنى كۆپەيتىپ ياساش، موڭغۇلكۈرە - ئونسۇ تاشيولى قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلىتىمىز، چىنارغول - نوم تۆمۈريولى، ئىدىقۇت − توقسۇن − بالغۇنتاي يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، غۇلجا ئايرودۇرۇمىنى كۆچۈرۈپ قۇرۇش قاتارلىق تۈرلەردە ئىش باشلاشقا تۈرتكە بولىمىز، غۇلجا - ئاقسۇ تۆمۈريولى، جىڭ − غۇلجا − قورغاس تۆمۈريولى 2 - لىنىيەسىنى كۆپەيتىپ ياساش، پىچان - دۇنخۇاڭ تۆمۈريولى، كۇچا − شايار − ئارال تۆمۈريولى، كۆكتوقاي - تايكېشكىن تۆمۈريولى، مايتاغ - كۇچا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، گۇما ئايرودۇرۇمى قاتارلىق تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى ئالغا سىلجىتىمىز. سۇچىلىق ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز، شىنجاڭ سۇ تورى قۇرۇلۇش يىرىك پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چوڭ جىلغا، يۇرۇڭقاش، قورغان سۇچىلىق تۈگىنى قاتارلىق بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى سىجىل ئىلگىرى سۈرىمىز، باغراش سۇغىرىش رايونى قاتارلىق چوڭ، ئوتتۇراھال سۇغىرىش رايونىنىڭ داۋاملاشما يانداش قۇرۇلۇشى ۋە زامانىۋى قىلىپ ئۆزگەرتىش تۈر قۇرۇلۇشىنى تاماملايمىز، قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ تەس سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشى، كېرىيە ناھىيەسى تۇمۇيا سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشى قاتارلىق قۇرۇلۇشلاردا ئىش باشلايمىز، ئاسماندىكى بۇلۇت سۈيى بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىمىز. ئېنېرگىيە ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 3 - يولى، «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» 4 - لىنىيەسى (تۇرپان - جۇڭۋېي بۆلىكى)، تارىم ئايلانما 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ۋە فۇكاڭ، قومۇل، بۇرچىن، خېجىڭ، چاقىلىق تارتما سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈرى قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىمىز، 750 كىلوۋولتلۇق بىر تۈركۈم توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى پۈتتۈرۈپ ئىشقا كىرىشتۈرىمىز، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 4 - يولى قاتارلىق چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇشلارنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىگە تېز تۈرتكە بولىمىز. يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز، «رەقەملىك يىپەك يولى» ۋە ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، يېشىل ھېسابلاش ئىقتىدارى باشلامچى رايونىنى جايلاشتۇرۇپ، پىلانلاپ، شەرقىي رايونلار بىلەن ھېسابلاش ئىقتىدارى ھەمتۈرتكە مېخانىزمىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى سىناق تەرىقىسىدە ئالغا سىلجىتىپ، ھېسابلاش ئىقتىدارىنى توردا يەتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە بىر گەۋدىلەشكەن ھېسابلاش ئىقتىدارى تورى سىستېمىسىغا پائال سىڭىشىمىز. نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى رەقەملەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىشنى كۈچەيتىپ، 5G، مىڭ مېگابايىتلىق ئوپتىك تور قاتارلىقلارنى كۆلەملىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز، توكلىغۇ قۇرۇلۇش سېلىنمىسىنى ئاشۇرىمىز.

6) «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىمىز

ئەركىن سودا سىناق رايونىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرىمىز. ھوقۇق - مەسئۇلىيەت ئېنىق، بىرتۇتاش پىلانلانغان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان ئەركىن سودا سىناق رايونىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى ئورنىتىمىز ۋە تاكامۇللاشتۇرىمىز. ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىغا دائىر يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈرۈمچى، قەشقەر، قورغاس بۆلەك رايونى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىمىز، ئومۇمىي لايىھەدە بېكىتىلگەن 129 تۈرلۈك ئىسلاھات نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، بۇ يىل ئەمەلىيلىشىش، يولغا قويۇلۇش نىسبىتىنى %50تىن ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. «جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى نىزامى»نى چىقىرىش خىزمىتىنى تېزلىتىمىز، «يېپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قانۇن ئىشلىرى رايونى» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، بىر تۈركۈم بەلگە خاراكتېرلىك، بۆسۈش خاراكتېرلىك تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى شەكىللەندۈرىمىز. ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۇنىۋېرسال سىناق سۇپىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سېلىنما سودىسىنى قولايلاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپنى ئېچىۋېتىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ تۈرلەر، مۇھىم سۇپىلار، باشلامچى كارخانىلار ۋە كەسپىي ئاپپاراتلارنى كىرگۈزۈپ، تىرىشىپ ئەركىن سودا سىناق رايونىنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ئېگىزلىكى قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.

«بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىمىز. جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتناش سۈپەت - ئۈنۈمىنى پائال ئاشۇرۇپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يىغىلىش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىنىڭ بايلىق بىرىكتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، سودا ئەشيا ئوبوروتى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرىمىز. قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئومۇمىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئەۋزەل كەسىپ توپىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ، يادرولۇق رايوننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم تىرەك نۇقتىسىنى ياخشى قۇرىمىز. تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش، ئېچىۋېتىش سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز. چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، چەت ئەلدىكى ئامبارلارنى يېتىلدۈرىمىز. پورت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، «ئاقىل پورت» بەرپا قىلىمىز، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەرتىپىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، تاموژنىدىن مال ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىمىز. بەدەل پورتىنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز، قونجىراپ پورتىنى يىل بويى ئېچىۋېتىشنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز.

ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىشنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىمىز. 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى، جۇڭگو - ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىمىز، ئەلا سۈپەتلىك كارخانىلارنىڭ چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى راسچوتىنى قولايلاشتۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئالغا سىلجىتىمىز، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقى مېخانىزمىنى ئورنىتىمىز ۋە مۇكەممەللەشتۈرىمىز، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرى جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىمىز، كارخانىلارنىڭ ئۆزگىچە دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق، ئېنېرگىيە بايلىقى، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، قاتناش - تىرانسپورت قاتارلىق ساھەلەردە «سىرتقا چىقىش»نى قوللايمىز. ئىچكى - تاشقى سودىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋە بازاردىن سېتىۋېلىش سودا ئۇسۇلىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنىڭ تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت تاشقى سودا تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تۈرلۈك ئېچىۋېتىش سۇپىلىرىنىڭ ئىقتىدارى، رولىنى كۈچەپ جارى قىلدۇرىمىز ۋە ماسلىشىش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرىمىز، ئارا بۇيۇم سودىسى، مۇلازىمەت سودىسى، رەقەملىك سودا ئېكسپورت دائىرىسىنى كېڭەيتىمىز. چېگرا ئاز سوممىلىق سودا ئاساسىي گەۋدىسىنى تېز يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، چېگرا ئاھالىسى بازىرى سودىسىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىمىز. مەركەز كارخانىلىرى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە ئەتراپتىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. 8 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئۆتكۈزىمىز.

7) نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى زور كۈچ بىلەن بەرپا قىلىمىز

نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىمىز. دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى تېزلىتىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە قىممەت يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، دۆلەت كاپىتالى ۋە دۆلەت كارخانىلىرىنى كۈچەيتىمىز، ئەلالاشتۇرىمىز، زورايتىمىز. پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىرقانچە سىياسەت - تەدبىرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى، كارخانىچىلار كارخانىغا چېتىلىدىغان سىياسەتلەرنى چىقىرىشقا قاتنىشىش مېخانىزمى، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئەرز - شىكايەت قىلىش، ھوقۇق قوغداش ئىشلىرىنى بېجىرىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېقىنلىق بىلەن پاكلىق بىرلىككە كەلگەن يېڭىچە ھۆكۈمەت - سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىپ، تۈرلۈك تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى تولۇق قوزغايمىز. يېزا كوللېكتىپنىڭ تىجارەتلىك قۇرۇلۇش يېرىنى بازارغا سېلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋە يېزىلاردىكى ئۆيلۈك يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن پۇختا ئالغا سىلجىتىمىز، يېزا ئىگىلىك سۇ باھاسى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. ئاپتونوم رايون دەرىجىلىكتىن تۆۋەن مالىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى خامچوت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭ يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپىنى ئىسلاھ قىلىش، تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىشنى پائال، پۇختا ئالغا سىلجىتىمىز.

تىجارەت - سودا مۇھىتى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ياخشىلاپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئادىل، ئاشكارا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان بازارلاشقان مۇھىتنى، سالمىقى بولغان، تېخىمۇ ئىللىق بولغان قانۇنچىللاشقان مۇھىتنى، بىرلىككە كەلگەن، ئېچىۋېتىلگەن، باراۋەر، خەلقئارالاشقان مۇھىتنى كۈچەپ يارىتىمىز، «شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش» ماركىسىنى يارىتىمىز. مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازارغا تېز سىڭىشىپ، بىرلىككە كەلگەن بازارغا ۋە ئادىل رىقابەتلىشىشكە كاشىلا بولغان بەلگىلىمە ھەم ئۇسۇللارنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ بىكار قىلىمىز، بازار مۆلچەرىنى تۇراقلاشتۇرۇپ، بازار ئىشەنچىنى ئاشۇرىمىز. نۇقتىلىق ساھەلەردىكى سەمىمىيەت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىناۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا لەۋزىدە تۇرماسلىق خاتىرىسى ۋە جازالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىمىز ھەم تاكامۇللاشتۇرىمىز. ئىناۋەتنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ۋە «ئالاقە تورى + نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش» ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، لەۋزىدە تۇرغان كارخانىلارغا «مەسىلە كۆرۈلمىسە ئارىلاشماسلىق»، «ئېھتىياجى بولسا جەزمەن جاۋاب قايتۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرىمىز. كەڭ قورساقلىق، ئېھتىياتچانلىق بىلەن نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى پائال يولغا قويۇپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجراسى بويىچە مەسئۇلىيەتنى يېنىكلىتىش - كەچۈرۈم قىلىش تىزىملىكى ۋە «تۇنجى قېتىم خىلاپلىق قىلسا جازا بەرمەسلىك» تىزىملىكىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇنغا يېنىك دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىغا قارىتا خاتالىقنى كەچۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىمىز. كارخانىلارنىڭ پۇلىنى نېسى قالدۇرۇشنى ئېنىقلاش سالمىقىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، كارخانا پۇلىنى نېسى قالدۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن قونداق ھېساباتتىكى نېسى پۇلنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۇپ بولىمىز!

8) جەنۇبىي شىنجاڭنى مۇھىم نۇقتا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر - يېزا يۇغۇرۇلما تەرەققىياتى ۋە رايونلار ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز

جەنۇبىي شىنجاڭ تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئېشىش قۇتۇپىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرىمىز. مەركەزنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشتىكى ئالاھىدە ئېتىبار سىياسەتلىرىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسەت - تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تارىمنى چۆرىدىگەن ئىقتىساد بەلبېغى تەرەققىيات يىرىك پىلانى تۈزۈشنى تېزلىتىپ، 10 مىليارد يۈەنلىك جەنۇبىي شىنجاڭ تەرەققىيات مەخسۇس مەبلىغىنى ياخشى ئىشلىتىمىز، كونا قائىدىنى بۇزۇپ تاشلاش، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىشتە چىڭ تۇرۇپ، بىر تۈركۈم 10 مىليارد يۈەنلىك چوڭ - چوڭ كەسىپ تۈرلىرىنى پىلانلاپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كەسىپ سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىم قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. «پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بويىچە چېگرا سەپىرى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ، بولۇپمۇ ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىك ئىدىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى يېتىلدۈرىمىز. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ساپا ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئارال داشۆ شەھىرى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، خوتەن شۆيۈەنى، شىنجاڭ سانائەت شۆيۈەنى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەر قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئەقلىي كۈچ مەدىتىگە ۋە ئىختىساسلىقلار تىرىكىگە ئىگە قىلىمىز. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى تېپىلغۇسىز پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق جەزمەن تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل ئەتىنى كۈتۈۋالىدۇ!

ئادەم يادرو قىلىنغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتىمىز. ئۈرۈمچى، غۇلجا، قەشقەر قاتارلىق مەركىزىي شەھەرلەرنى يۇقىرى سۈپەتلىك پىلانلاپ قۇرىمىز، كورلا، ئاقسۇ، خوتەن، ئارال، تۇمشۇق قاتارلىق رايون نۇقتىلىق شەھەرلىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز. ناھىيە بازىرى مۇھىم ۋاسىتە قىلىنغان شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ناھىيە ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زورايتىپ، چېگرا بويىدىكى نۇقتىلىق شەھەر - بازارلار، چېگرانى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش مەركىزىي شەھەر - بازارلىرى ۋە چېگرادىكى يېڭى كەنت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ئاممىسىنىڭ شەھەرگە سىڭىپ كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا يۆتكەلمە ئاھالىسىنىڭ شەھەرلىشىشىنى تېزلىتىمىز. شەھەرنى يېڭىلاش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، شەھەر - بازارلاردىكى كونىراپ كەتكەن گاز بىلەن تەمىنلەش، سۇ بىلەن تەمىنلەش، پاسكىنا سۇ چىقىرىش، پار بېرىش تۇرۇبىسى قاتارلىق يەر ئاستى تۇرۇبا تورىنى يېڭىلاش، ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى ۋە شەھەر سۈپىتىنى ئۆستۈرىمىز.

9) يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىمىز

ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچ سىزىق، بىر تىزىملىك» بويىچە رايونلارغا ئايرىپ باشقۇرۇش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى رايونلار بويىچە باشقۇرۇش - تىزگىنلەش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز، ئورمان باشلىقى تۈزۈمى، دەريا - كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. تارىم دەرياسى غول ئېقىنى، خوتەن دەرياسى ۋادىسى قاتارلىق بەش نۇقتىلىق رايوننىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈرىنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز، ئىبنۇر كۆلى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىمىز. «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئوبدان قىلىمىز، 1 مىليون 200 مىڭ مو ئورمان بىنا قىلىش، 4 مىليون 700 مىڭ مو يەرنى ئوت - چۆپ تېرىپ ياخشىلاش، چۆللەشكەن يەردىن 4 مىليون 500 مىڭ مونى تۈزەش ۋەزىپىسىنى تاماملايمىز. سۇ - تۇپراق ئېقىپ كېتىشنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى ئىلمىي ئالغا سىلجىتىپ، سۇ - تۇپراقنى ساقلاش نىسبىتىنى %49.38كە يەتكۈزىمىز. تەكلىماكان، قۇربانتوڭغۇت قۇملۇقى گىرۋىكى رايونىدا يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش تۈرىنى جايلاشتۇرۇپ يولغا قويىمىز. قارامايلى، كوئېنلۇن تېغى دۆلەت باغچىسى بەرپا قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەيمىز.

بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەشنى سىجىل كۈچەيتىمىز. مەنبەدىن تۈزەش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، ماسلىشىپ تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھاۋا مۇھىتى سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلايمىز. سۇ بايلىقى، سۇ مۇھىتى، سۇ ئېكولوگىيەسىنى بىر تۇتاش تۈزەپ، نۇقتىلىق ۋادىلارنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، شەھەر - بازار پاسكىنا سۇ يىغىش، بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىمىز. يېزا ئىگىلىكىدە تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ۋە ئۇنىڭدىن بىخەتەر پايدىلىنىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىمىز، ئېتىزنىڭ سولياۋ يوپۇقتىن بۇلغىنىشنى تۈزەشنى كۈچەيتىمىز. قاتتىق تاشلاندۇق مۇھىتىنى باشقۇرۇش ۋە يېڭى بۇلغىمىنى تۈزەشنى كۈچەيتىمىز، شاۋقۇندىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئېكولوگىيە - مۇھىت قوغداش نازارەتچىلىكىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مەركەزنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش نازارەتچىلىكىدە قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز.

يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىمىز. ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى «قوش تىزگىنلەش» بويىچە باشقۇرۇشنى ياخشىلاپ، سانائەتتە ئېنېرگىيە تېجەش، كاربون تۆۋەنلىتىش تېخنىكىسى بويىچە ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، كۆمۈر، نېفىت - گاز، قېزىلما بايلىق قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ ئالىيلاشقان، يېشىللاشقان، تۆۋەن كاربونلاشقان تەرەققىياتىنى قوللايمىز. شەھەر پاسكىنا سۈيى ۋە سانائەت پاسكىنا سۈيىدىن تەكرار پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، تۇرمۇش ئەخلىتىنى تۈرگە ئايرىش ۋە بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىمىز. يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېشىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ مىقدارىنى ئازايتىمىز، ئۈنۈمىنى ئاشۇرىمىز، تېرىقچىلىق - باقمىچىلىق ئايلانما ئەندىزىسىنى كېڭەيتىمىز.

10) شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى شەكىللىك، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەيمىز

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىمىز. مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىدا قەتئىي ئېغىشماي ماڭىمىز، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش بويىچە ئۈلگە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى ياخشى ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەيمىز ۋە راۋاجلاندۇرىمىز. بەش ئاپتونوم ئوبلاست، ئالتە ئاپتونوم ناھىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى ياخشى ئۆتكۈزىمىز. شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى ھەر مىللەت ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتۇرىمىز.

دىنلارنىڭ ئېجىل - ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، قانۇنلۇقلىرىنى قوغداپ، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەپ، ئەسەبىيلىكنى توسۇپ، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇپ، جىنايەتكە زەربە بېرىپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەيمىز. «ئۈچ قوشۇن» قۇرۇلۇشىنى، بولۇپمۇ دىنىي خادىملارنى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىمىز. پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجى ۋە قانۇنلۇق دىنىي پائالىيىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرىمىز. ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى قانۇن بويىچە ئالغا سىلجىتىپ، دىنلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.

شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىمىز. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان «ئاساسنى مۇستەھكەملەش» قۇرۇلۇشىنى پۇختا قەدەمدە ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى توغرا بولغان «بەش قاراش»نى تۇرغۇزۇش، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىمىز. دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى تەربىيەسىنى ۋە ئۇنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئىشلىتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى ئوقۇش باسقۇچىدىكى دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى تەربىيەسى - ئوقۇتۇشى نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، ياش، قىران ئەمگەك كۈچلىرى قاتارلىق كىشىلەر توپىغا يۈزلەنگەن دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى بويىچە تەربىيەلەشنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرىمىز. زامانىۋى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز. «ناخشا - ئۇسسۇل ماكانى» ماركىسى يارىتىش پىلانىنى يولغا قويۇپ، بىر تۈركۈم نادىر ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرىمىز. بىر تۈركۈم نۇقتىلىق ئىز - خارابىلەرنى قوغداش، پايدىلىنىش تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت جەھەتتە سىرت بىلەن ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى جانلاندۇرۇپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى تەسىرلىك، ياخشى سۆزلەيمىز.

11) خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش مۇھىم نۇقتا قىلىنغان جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش يۆنىلىشىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرىمىز، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر، دېھقان ئىشلەمچىلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، بازارلاشقان، ئىجتىمائىيلاشقان ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى پائال كېڭەيتىپ، ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى گەۋدىلىك كۈچەيتىپ، كۆپ مەنبەلىك، قاراتمىلىقى بولغان كەسپىي ماھارەت تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، شەھەر - يېزىلاردىكى ئەمگەك ئىقتىدارى بارلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرىمىز. ساغلام شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز، ئۈچ «دۆلەت رايون داۋالاش مەركىزى» ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تۆت رايون داۋالاش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى پائال تۈردە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىمىز، جىپسىلاشقان ناھىيە داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىمىز، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنىڭ كۆپىيىشىگە، تۆۋەنگە يۈزلىنىشىگە، تەڭپۇڭ جايلىشىشىغا تۈرتكە بولىمىز، ياشانغانلار، ئاياللار، بالىلار قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا قارىتىلغان ساغلاملىق مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرىمىز. ئىجتىمائىي كاپالەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش غەملەش خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەپ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنى ئۆلكە بىرتۇتاش غەملەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئۆلكە بىرتۇتاش غەملەشنى ئالغا سىلجىتىمىز. ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرىمىز، تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىنى ئۇدۇللۇق كۆزىتىش، سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، شەھەر - يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىغا قانۇن ياردىمى بېرىشنى قانات يايدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى ھەقىقىي تۈردە تولۇق، دەل جايىدا، پۇختا كاپالەتلەندۈرىمىز. ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلايمىز، شەھەر - بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلار، كەپە رايونلىرى ۋە شەھەردىكى كەنتلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى ۋە تەمىناتى سالمىقىنى ئاشۇرىمىز، ياشانغانلارنى كۈتۈش، ھاۋالىلىك بېقىش، مەھەللە مۇلازىمىتى، خەلققە قولاي ئائىلە ئىشلىرى مۇلازىمىتى، ساغلاملىق مۇلازىمىتى، تەنتەربىيە - بەدەن چېنىقتۇرۇش قاتارلىق شەھەر ئاممىۋى مۇلازىمىتىنىڭ مەھەللە بىلەن ئورگانىك گىرەلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئامما رازى بولغۇدەك بەختلىك ماكاننى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىمىز!

2024 - يىلى 10 تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن چىڭ تۇتىمىز. بىرىنچىدىن، «ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە» رايون ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى سىجىل تۈزەيمىز، كەسىپ، ئېنېرگىيە، قاتناشنى يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق قىلىپ ئۆزگەرتىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، سانائەت مەنبەسى ۋە دائىرىلىك مەنبەدىن بۇلغىنىشنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. ئىككىنچىدىن، جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭ تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تۇرۇبا يولىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىمىز، ئالتاي، تارباغاتاي، ئىلى، بورتالا، ئاقسۇ قاتارلىق بەش جاينىڭ تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تۇرۇبا يولى تۈرىنى پۈتتۈرىمىز، «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» (2 - قارارلىق) قۇرۇلۇشىنىڭ يىللىق ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى تاماملايمىز. ئۈچىنچىدىن، شەھەر - يېزىلارنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىمىز، شەھەر - يېزا ئاھالە تۇرالغۇسى ۋە قىشلىق چارۋا بېقىش نۇقتىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى ئومۇميۈزلۈك بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، نۇقتىلىق ھالدا يەر تەۋرەش قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەر ئاسان، كۆپ يۈز بېرىدىغان رايونلاردىكى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، مۇداپىئە كۆرۈش ئۆلچىمىگە يەتمىگەن ئۆيلەرنى چىداملىق قىلىپ ئۆزگەرتىمىز. تۆتىنچىدىن، قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا پائال ياردەم بېرىمىز ۋە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز، «ئىش ئورنى، مۇلازىمەت، سىياسەت، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش» پائالىيىتىنى سىجىل قانات يايدۇرىمىز، دېھقان ئىشلەمچىلەرنى «ئىش ھەققى»دىن خاتىرجەم قىلىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىمىز. بەشىنچىدىن، رەقەم ئارقىلىق ئاممىغا قولايلىق يارىتىش، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىمىز، «شىنجاڭ ئىچىدە راۋان بېجىرىش»، «ئۆلكە ھالقىپ راۋان بېجىرىش» دائىرىسىنى كېڭەيتىمىز، تەكرار بېجىرىلىدىغان تېخىمۇ كۆپ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىدە ۋاقىتنى ئۇزارتىپ مۇلازىمەت قىلىشقا تۈرتكە بولىمىز، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاشتا «رەنىلىك نام ئۆزگەرتىش»نى ئالغا سىلجىتىمىز. ئالتىنچىدىن، يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى تۈزەش ھەرىكىتىنى يولغا قويىمىز، يول ماھىيەتلىك بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قاتناش ئاگاھ بەلگىلىرىنى ئۆلچەملىك ئورنىتىپ، شەھەر يوللىرىنىڭ ئۆتۈشمە ئېغىزىنى تۈجۈپىلىك تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىپ، يول بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ۋە قانۇن ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىمىز. يەتتىنچىدىن، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۆز، چىش ساغلاملىقى ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىمىز، ئاپتونوم رايوندىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ سىنىپلىرىنى ساغلاملىق بويىچە يورۇتۇش - ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى باشلايمىز، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى قەرەللىك تەكشۈرۈش ۋە ئارخىپ تۇرغۇزۇش خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەيمىز، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ چىش ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلىمىز. سەككىزىنچىدىن، ياشانغانلارنى ئائىلىدە، مەھەللىدە كۈتۈش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرىمىز، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ياشانغانلار غىزالىنىش مۇلازىمەت نۇقتىسىدىن 10 مىڭنى قۇرىمىز، ئېغىر قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلار ئائىلىسىدىن 10 مىڭنى ياشانغانلارغا لايىقلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىمىز، 100 يېزا - بازار (كوچا ئىش باشقارمىسى)دا رايون ياشانغانلارنى كۈتۈش مۇلازىمەت مەركىزى ۋە مەھەللە ياشانغانلارنى كۈندۈزلۈك كۈتۈش مەركىزى قۇرىمىز. توققۇزىنچىدىن، مېيىپ بالىلارنىڭ ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشنى يولغا قويىمىز، مېيىپ بالىلار ۋە تەنھالىق كېسىلى بار بالىلارغا ساغلاملىقنى ئاساسىي جەھەتتىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە مەشىقلەندۈرۈش، ئوپېراتسىيە قىلىش، قوشۇمچە ياردەم ئەسۋابلىرىنى سەپلەش جەھەتلەردىن ياردەم بېرىمىز، مۇلازىمەت قىلىمىز. ئونىنچىدىن، خەلققە مەدەنىيەت، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق نەپ يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىمىز، «مەدەنىيەتنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈش» «تۆت پەسىلدە كەنت كېچىلىكى» «سەييارە مۇزېي كۆرگەزمىسى» قاتارلىق خەلققە مەدەنىيەت ئارقىلىق نەپ يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرىمىز، «پەن - تېخنىكىنى دېھقان ئائىلىلىرىگە يەتكۈزۈش» «پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلىملىرىنى يېزا - كەنتلەرگە يەتكۈزۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىمىز.

12) تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تىرىشىپ تىنچ، ئىناق جەمئىيەت مۇھىتى يارىتىمىز

جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باشتىن - ئاخىر ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويىمىز، قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاشتا تەۋرەنمەي، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ قېلىپلىشىشىغا، ئىنچىكىلىشىشىگە، دائىملىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىمىز ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىمىز، يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنىڭ دەۋا - تەلىپىگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ ۋە ئۇنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، تىنچ شىنجاڭ قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىمىز. ئىقتىساد ساھەسىدىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىمىز ۋە ئۇنى تۈگىتىمىز، ئۆي - مۈلۈك، يەرلىك قەرز، ئوتتۇراھال، كىچىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ ھەل قىلىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، سىستېمىلىق خەۋپ - خەتەر كۆرۈلمەسلىك تۆۋەن چېكىنى مەھكەم ساقلايمىز. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش خىزمىتىنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتىمىز، تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى، تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى، كارخانىلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي چىڭىتىپ، نۇقتىلىق كەسىپ، نۇقتىلىق ساھەدىكى يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزەشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىلىرى يۈزبېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئالىمىز. تەبىئىي ئاپەتنى ھەر تەرەپلىمە كۆزىتىش ۋە ئۇنىڭدىن سىگنال بېرىش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەر تەرەپلىمە مۇداپىئەلىنىش ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرىمىز. يېمەكلىك - دورا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تائام بىخەتەرلىكىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوغدايمىز.

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش داۋامىدا تەڭداشسىز مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. بىز «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى، تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوللاپ، بىڭتۇەننىڭ ئالاھىدە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىمىز. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ھەر تەرەپلىمە چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى ئورتاق يېتىشتۈرۈپ، زورايتىپ، كەسىپ باغچە رايونى قۇرۇپ چىقىمىز؛ بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ قوش يۆنىلىشلىك كىرىشى، ئۆزئارا پاي قوشۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئېنېرگىيە، خىمىيە سانائىتى، كانچىلىق، ئەشيا ئوبوروتى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، مەدەنىيەت - ساياھەت ساھەسى قاتارلىق ساھەلەردە بىر تۈركۈم نۇقتىلىق ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ماكانلاشتۇرىمىز؛ بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ قاتناش، سۇچىلىق، ئېنېرگىيە، خەۋەرلىشىش ساھەسى قاتارلىق ساھەلەردە بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ ئۇل ئەسلىھەلەرنى ماس قەدەمدە قۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن زامانىۋى ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىمىز؛ ئورتاق مۇداپىئەلىنىپ، ئورتاق تىزگىنلەپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىپ، بىرلىشىپ تىزگىنلەپ، نۇقتىلىق رايونلاردىكى ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىمىز؛ بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ مائارىپ، داۋالاش، مەدەنىيەت ساھەسى قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ئەسلىھەلەرنى ئورتاق قۇرىدىغان، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان، چوڭقۇر سىڭىشىدىغان، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلايدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز!

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر. بىز 9 - قېتىملىق مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي گەۋدىلىك رولىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتلىك قانات يايدۇرىمىز. شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بايلىق كۈچىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلىتىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ - چوڭ ئىشلارنى بېجىرىمىز. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يېتەكچى قىلىنغان شىنجاڭغا كەسىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، شەرقىي ۋە ئوتتۇرا قىسىم رايونلاردىن يۆتكەلگەن كەسىپلەرنى پائال قوبۇل قىلىمىز، «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ مائارىپ، داۋالاشتىن كەسىپلەر تەرەققىياتى، باغچە رايونىنى باشقۇرۇش ۋە پەن - تېخنىكا، يېزا ئىگىلىكى، مەدەنىيەت، ئارخېئولوگىيە ساھەسى قاتارلىق ساھەلەرگە كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولىمىز، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ شەخسىيەتسىز ياردىمىنى ھەقىقىي تۈردە شىنجاڭنىڭ ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى، گۈللىنىشى - راۋاجلىنىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرىمىز!

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! شىنجاڭ دۆلىتىمىزنىڭ جۇغراپىيەلىك خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتىكى ئىستراتېگىيەلىك توسۇق، چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە تىنچ - ئامانلىقى پولات سېپىلنىڭ قوغدىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. بىز شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، قىسىمدىكى كوماندىر - جەڭچىلەر ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئوقۇش، داۋالىنىش جەھەتتىكى غەم - ئەندىشىسىنى پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۈگىتىپ، ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، «ئىككىنى ھىمايە قىلىش» بويىچە ئورتاق بەرپا قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىدا يېڭى ۋەزىيەتنى ئورتاق يارىتىمىز!

3. ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىمىز

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇشنى باشتىن - ئاخىر يېڭى دەۋردىكى چىڭ قائىدە، خەلققە بەخت - سائادەت يارىتىشنى ئەڭ مۇھىم سىياسىي نەتىجە قىلىپ، ھۆكۈمەت مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك، قانۇن بويىچە ياخشى ئادا قىلىمىز.

1) پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرىمىز. «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمىز. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ پۈتۈن جەريانىدا، ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىگە قەتئىي ئەمەل قىلىپ، كەم - كوتسىز ھالدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، تېز ھەرىكەتكە كېلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، دادىل ئىش قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، «پارتىيە كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرما قىلسا، ھۆكۈمەت ھەرىكەتكە كېلىش»نى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.

2) قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىمىز. شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى بويىچە ئۈلگە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىل نازارەت قىلىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىمىز ۋە ئۇنى ياخشىلايمىز. مۇھىم مەمۇرىي تەدبىر تەرتىپ قائىدىسىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى ۋە ھۆكۈمەت ئادۋوكاتى تۈزۈمىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. قانۇننى قاتتىق، قائىدىلىك، ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىمىز، قانۇننى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىجرا قىلىش تىپىك دېلولىرىنى ئاشكارىلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قانۇننى تەكرار ئىجرا قىلىش، كۆپ تەرەپ ئىجرا قىلىش، مەنپەئەت قوغلىشىپ ئىجرا قىلىش، تاللاپ ئىجرا قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى قەتئىي تۈزىتىمىز. كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىپ ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈپ، كىشىلىك ھوقۇقنى قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىش سەۋىيەمىزنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي ھوقۇقى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى قاتارلىق ھوقۇقلىرىنى قانۇن بويىچە ياخشى قوغدايمىز. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ، ئاياللار، بالىلار، ياشانغانلار، مېيىپلەر ۋە قىزىل كىرېست ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرىمىز. 8 - بەش يىللىق قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ قانۇنچىللىق قارىشىنى كۈچەيتىمىز. خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نازارەتچىلىكىنى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىمىز، سىياسىي كېڭەشنىڭ دېموكراتىك نازارەتچىلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىمىز، رېۋىزىيە نازارەتچىلىكى، جەمئىيەت ۋە ئاممىۋى پىكىر نازارەتچىلىكىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىمىز، دېموكراتىك پارتىيە گۇرۇھلار، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋە خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ پىكرىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەۋسىيەسى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ تەكلىپىنى بېجىرىش سەۋىيەمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىمىز.

3) مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىمىز. خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى باشتىن - ئاخىر ھۆكۈمەتنىڭ بۇرچى قىلىپ، خەلق ئاممىسى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ھەل قىلىمىز. ھۆكۈمەت ئاپپاراتىنى ئىسلاھ قىلىش، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، مۇلازىمەت سۈپىتى - ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، بىر گەۋدىلەشكەن ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سۇپىسىنىڭ قوللىنىلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرتىپنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، «بىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىپ پۈتتۈرۈش»كە تۈرتكە بولىمىز. زور كۈچ بىلەن ئىدىيەنى ئازاد قىلىپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئادەتلەنگەن تەپەككۇر ئۇسۇلىنى بۇزۇپ تاشلاپ، كونا يولدىن قۇتۇلۇپ، ئىسلاھات تەپەككۇرى، ئېچىۋېتىش تەدبىرى، يېڭىلىق يارىتىش چارىسى ئارقىلىق، «بىرىگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان» گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى توغرا تېپىشقا ماھىر بولۇپ، دەل جايىدا كۈچ سەرپ قىلىپ، مەمۇرىي ئۈنۈمنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش ماھارىتىمىز ۋە ئىقتىدارىمىزنى يەنىمۇ ئۆستۈرىمىز.

4) پاك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى قاتتىق ئالغا سىلجىتىمىز. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ يولغا قويۇش چارىسىنى قەتئىي بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرىمىز، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سالىدىغان ناتوغرا ئىستىل ۋە تۈرلۈك چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى قاتتىق جازالاپ، كۆزىتىش، كۆزىتىپ تەكشۈرۈش، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش، نازارەت قىلىش داۋامىدا بايقالغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتىمىز. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئېسىل ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، «تۆتنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش»نى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ سىجىل ئالدىنى ئالىمىز ۋە ئۇنى تۈزىتىمىز، ئەمەلىي ئەھمىيىتى بولمىغان يىغىنلارنى قەتئىي ئاچمايمىز، ماھىيەتلىك مەزمۇن بولمىغان ھۆججەتلەرنى قەتئىي تارقاتمايمىز، مەسىلىنى ھەل قىلمايدىغان تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قەتئىي ئېلىپ بارمايمىز، ئەمەلىيەتتىن چەتنىگەن تۈرلەرنى قەتئىي ئىشلىمەيمىز. ئاممىۋى بايلىق سودىسى ۋە خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىشنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرىمىز، ئىقتىسادىي تەپتىش، مالىيە - بوغالتىرلىق، ئىستاتىستىكا نازارەتچىلىك سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىمىز. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر «ئىقتىسادچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈش»نى ئادەتكە، دائىملىققا ئايلاندۇرۇپ، بارلىق ئىشلارنى ئىقتىسادچىللىق بىلەن قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ مەبلەغنى خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىگە ئىشلىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى «ياخشى كۈن»گە ئېرىشتۈرۈشى كېرەك.

ھۆرمەتلىك ۋەكىللەر! كۈچ ئىتتىپاقلىقتىن كېلىدۇ، ئەمەلىي ئىشلىگەندىلا شان - شەرەپ قازانغىلى بولىدۇ. ھەممەيلەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ جاسارەت بىلەن ئالغا بېسىپ، غەيرەت ۋە شىجائەتكە تولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تۈرتكە بولۇپ، يېڭى مۇساپىدە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى تىرىشىپ ياخشى پۈتەيلى!

(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئۇچۇر، تەرجىمە-تەھرىرلىك باشقارمىسى بېكىتتى)