مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئېكولوگىيە - مۇھىتنى رايونلارغا ئايرىپ باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىرنى ئېلان قىلدى

2024-03-19 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئېكولوگىيە - مۇھىتنى رايونلارغا ئايرىپ باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلدى.

«پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئېكولوگىيە - مۇھىتنى رايونلارغا ئايرىپ باشقۇرۇش - تىزگىنلەش ئېكولوگىيە ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاش نىشان قىلىنغان، رايونلارغا ئايرىپ پەرقلىق، دەل جايىدا باشقۇرۇش - تىزگىنلەش يولغا قويۇلىدىغان مۇھىت باشقۇرۇش تۈزۈمى بولۇپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى ئىدارە قىلىشنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدىغان مۇھىم تەدبىر. ئېكولوگىيە - مۇھىتنى رايونلارغا ئايرىپ باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى، مۇھىت سۈپىتى تۆۋەن چېكى، بايلىقتىن پايدىلىنىش يۇقىرى چېكىنى قاتتىق ساقلاپ، تۈرلۈك ئېچىش، قوغداش، قۇرۇش پائالىيەتلىرىگە ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلىش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇشنى بەرپا قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

«پىكىر»نىڭ ئومۇمىي تەلىپى مۇنداق: ئېكولوگىيە - مۇھىتنى رايونلارغا ئايرىپ باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىشتە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، كاربوننى تۆۋەنلىتىش، بۇلغىمىنى ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئېشىشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، تەبىئەت قانۇنىيەت ۋە رايون پەرقىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى پىلانلاش بىلەن ئىشلىتىشنى باشقۇرۇشنى تولۇق جىپسىلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش يارىتىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان گۈزەل جۇڭگونى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

− ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېشىل تەرەققىي قىلىش. تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىش، تەبىئەتكە ماسلىشىش، تەبىئەتنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، تەبىئىي ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك چېگراسى ۋە مۇھىت سۈپىتى تۆۋەن چېكىنى ساقلاپ، تەبىئىي ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

− مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىپ، سىستېمىلىق قوغداش. ئېكولوگىيە - مۇھىت جەھەتتە مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، كۆپ خىل بۇلغىمىلارنى ھەمكارلىشىپ تىزگىنلەش ۋە رايونلار ھەمكارلىشىپ تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك.

− دەل جايىدا، ئىلمىي بولۇپ، قانۇن بويىچە باشقۇرۇش - تىزگىنلەش. دىققەتنى رايون خاراكتېرلىك، ۋادى خاراكتېرلىك گەۋدىلىك ئېكولوگىيە - مۇھىت مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا، ئىلمىي تەدبىر قوللىنىپ، قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە مەسىلىنى پەرقلەندۈرۈشتىن ھەل قىلىش لايىھەسىگىچە رايونغا ئايرىپ، تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش - تىزگىنلەش تاكتىكىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

− مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇش. دۆلەت قاتلىمىدىن يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يەرلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتلەر ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالاقىدار تارماقلار ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىش تەقسىماتى بويىچە ھەمكارلىشىش خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىپ، سىياسەتنىڭ بىردەكلىكى، قائىدىنىڭ بىردەكلىكى، ئىجرانىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

2025 - يىلىغا بارغاندا، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى رايونلارغا ئايرىپ باشقۇرۇش - تىزگىنلەش تۈزۈمى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلىپ، ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان، دەل جايىدا، ئىلمىي بولغان ئېكولوگىيە - مۇھىتنى رايونلارغا ئايرىپ باشقۇرۇش - تىزگىنلەش سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرۈلىدۇ. 2035 - يىلىغا بارغاندا، سىستېمىسى تاكامۇللاشقان، مېخانىزمى راۋان، يۈرۈشۈشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان ئېكولوگىيە - مۇھىتنى رايونلارغا ئايرىپ باشقۇرۇش - تىزگىنلەش تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىلىپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى تۈپتىن ياخشىلاش، گۈزەل جۇڭگو نىشانىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىنىدۇ.

«پىكىر»دە يەنە ئېكولوگىيە - مۇھىتنى رايونلارغا ئايرىپ باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى يۇقىرى سەۋىيەدە قوغداشنى يولغا قويۇش، نازارەت قىلىش - باھالاشنى كۈچەيتىش، تەشكىلىي كاپالەت قاتارلىقلار توغرىسىدا تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.