جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

2024-07-21 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى ھەققىدە پىكىر ئېلىندى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

شى جىنپىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ قاتناشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى جۇڭنەنخەيدە پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، يىغىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى ھەققىدە ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرىنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىش قارار قىلىنىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسىلىسى نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى ھەم قارار چىقىرىلدى، بۇنىڭدا يېڭى مۇساپىدە پارتىيە ۋە دۆلەت دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەر چىقىش قىلىنىپ ئويلىشىلغان بولۇپ، مەقسەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى سىستېمىلىق پىلانلاپ ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

سۆھبەت يىغىنىدا، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى جېڭ جيەنباڭ، جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى دىڭ جۇڭلى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خاۋ مىڭجىن، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سەي دافېڭ، جۇڭگو دېھقان - ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خې ۋېي، جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى جياڭ زوجۈن، «3 - سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋۇ ۋېيخۇا، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سۇ خۇي، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گاۋ يۈنلۇڭ، پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىلى پۇ شىلۇڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى. ئۇلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارارىنىڭ ئارگىنالىغا تامامەن قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇلار بىردەك مۇنداق قارىدى: بۇنىڭدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىرلەر ئىلمىي پىلانلانغان، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسى، يېڭى تارىخىي ئورۇندا ئىسلاھاتنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، نىشان - پىرىنسىپى ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىسى قاتارلىقلار ئايدىڭلاشتۇرۇلغان بولۇپ، مۇھىم نەزەرىيەۋى ئەھمىيەتكە، ئەمەلىيەت ئەھمىيىتىگە ۋە دەۋر ئەھمىيىتىگە ئىگە، ھەم ئىقتىسادىي ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇش، رايون ماس تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسىسىنى بەرپا قىلىش، نوپۇسنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، تېببىي دورا، ساقلىقنى ساقلاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش جەھەتتىكى مېخانىزم خاراكتېرلىك توسالغۇلارنى تۈگىتىش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئۇيغۇنلاشقان پەن - تېخنىكا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش، دۆلەت كارخانىلىرى ۋە پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىش، ئىككى قىرغاقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلار توغرىسىدا پىكىر ۋە تەكلىپ بەردى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھاكىمە قىلىنىدىغان يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئويلىنىشى ۋە ھۆججەت تەييارلاشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: دېموكراتىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇش، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇش، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىش، مۇھىم يىغىن ھۆججەتلىرىنى تۈزۈپ چىقىشتا ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئۇسۇلى ۋە ئېسىل ئەنئەنىسى. بۇلتۇر 12 - ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىگە ھاۋالە قىلىپ پارتىيە سىرتىدىكى زاتلاردىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئالاقىدار قارالمىلىرى توغرىسىدا مەخسۇس پىكىر ۋە تەكلىپ ئالدى، كۆپچىلىك يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ئەمەلىيەت تەجرىبىسى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ئومۇمىي گەۋدە نىشانى، ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم پىرىنسىپ، ھەرقايسى ساھەلەردە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى نىشان - ۋەزىپىلەر، مۇھىم تەدبىرلەر، پارتىيە سىرتىدىكى زاتلارنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، نۇرغۇن قىممەتلىك پىكىر ۋە تەكلىپ بەردى. كۆپچىلىك بايا سۆزىدە ناھايىتى ياخشى پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بىز ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىمىز ۋە قوبۇل قىلىمىز. ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن كۆپچىلىككە رەھمەت ئېيتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىش كېرەك. مەسىلە ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تەرەققىيات ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان توسۇق نۇقتا مەسىلىلىرى، جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى، خەلق تۇرمۇشى جەھەتتىكى قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرى، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەر، ھەرقايسى ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەر مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئىسلاھاتنىڭ قاراتمىلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۈچەيتىش كېرەك. ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، ماھىيەتتىن تۈزەشكە ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەم ئومۇميۈزلۈك بولۇش جەھەتتە داۋاملىق كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ ھەم چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە سىجىل كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، چوڭقۇر قاتلاملىق تۈزۈلمە - مېخانىزم توسالغۇلىرى ۋە قۇرۇلمىلىق زىددىيەتلەرنى كۈچەپ تۈگىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا جەزمەن ئورتاق تونۇشنى كۈچەيتىش شەرت. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغىتىپ، بىر مەقسەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاممىۋى لۇشيەندە ياخشى مېڭىپ، خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى ئىگىلەپ، خەلقتىن ئەقىل سوراپ، ئاساسىي قاتلام بىلەن ئاممىنىڭ تۇنجى ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، پۇقرالار ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەر ئىچىدىن ئىسلاھاتنىڭ كۈچەش نۇقتىسى ۋە بۆسۈش ئېغىزىنى دەل جايىدا تېپىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش كېرەك. دېموكراتىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇش، كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئىلمىيلىكى ۋە ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىسلاھاتنى پىلانلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشتە جەزمەن سىستېمىلىق قاراش، پۈتۈن ۋەزىيەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر، دىيالېكتىك تەپەككۇرنى كۈچەيتىپ، ئىشنىڭ ئېغىر - يېنىكلىكى، جىددىي ياكى جىددىي ئەمەسلىرىنى ئايرىپ، سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ماسلاشتۇرۇش، يۈرۈشلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئالاقىدار جايلار، ئالاقىدار تارماقلار، ئالاقىدار ساھەلەر ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، قەتئىي تۈردە ھەر كىم ئۆزى بىلگەنچە ئىش قىلىش، بىر - بىرىگە پۇتلىكاشاڭ بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى تۈگىتىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىسلاھاتتا پىلانلاشقا ئەھمىيەت بېرىش، تېخىمۇ مۇھىمى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. مىخ قېقىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، شەكىلۋازلىقنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، قۇرۇق نامىلا بار ئوبراز قۇرۇلۇشى، خەلققە جاپا سېلىپ، مال - مۈلۈككە زىيان يەتكۈزىدىغان سىياسىي نەتىجە قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك. يولغا قويۇش لايىھەسىنى ياخشى تۈزۈپ چىقىپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش، دەل ۋاقتىدا بولۇش، مۇۋاپىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، چامىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەپ، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاۋۋال ئورنىتىپ، ئاندىن بىكار قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، ئورناتماي تۇرۇپ، ئاۋۋال بىكار قىلىشقا بولمايدۇ. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھات توغرىسىدىكى تەبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

لى گەنجيې، لى شۇلېي، لى خۇڭجۇڭ، خې لىفېڭ، جاڭ گوچىڭ، چېن ۋېنچىڭ، ۋاڭ شياۋخۇڭ، مۇ خۇڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان پارتىيە سىرتىدىكى زاتلاردىن يەنە شاۋ خۇڭ، خې باۋشياڭ، ۋاڭ گۇاڭچيەن، چىن بويۇڭ، جۇ يۇڭشىن، ياڭ جېن ۋە جاڭ ئېندى، جياڭ لىپىڭ، فاڭ گۇاڭخۇا، ياڭ خۇايۇڭ قاتارلىقلار بار.