شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر يېشىل تەرەققىيات مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2024-07-10 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 7 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر يېشىل تەرەققىيات مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداش، يېشىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تونۇشى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىي قىلغان، تۇرمۇش باياشات بولغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان مەدەنىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو تەرەپ بۇ قېتىمقى مۇنبەر ئارقىلىق، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بولغان يېشىل تەرەققىيات ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە رايون ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسى. يېقىندا، جۇڭگو شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالدى. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، «شاڭخەي روھى»نى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يېشىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق تەرەققىيات يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ زىچ بولغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر يېشىل تەرەققىيات مۇنبىرى شۇ كۈنى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ چىڭداۋ شەھىرىدە باشلاندى، باش تېمىسى «قول تۇتۇشۇپ يېشىل تەرەققىي قىلىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولايلى» بولۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق، ھەمكارلىق كومىتېتى، ئېكولوگىيە ـ مۇھىت مىنىستىرلىقى، شەندۇڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كاتىبات باشقارمىسى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى.