جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭنىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2024-07-21 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى 7 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى يولداش رۇەن فۇجۇڭغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى. تەزىيە تېلېگراممىسىنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى يولداش رۇەن فۇجۇڭ بەختكە قارشى ئالەمدىن ئۆتتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى بىر ياخشى يولداش، ياخشى قېرىنداش، ياخشى دوستتىن ئايرىلىپ قالدى. بىز چەكسىز قايغۇلۇق ھېسسىياتتا ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، ۋىيېتنام ھۆكۈمىتى ۋە ۋىيېتنام خەلقىگە ئەڭ چوڭقۇر تەزىيەرىمىزنى بىلدۈرىمىز ۋە ئۇلاردىن ئەڭ سەمىمىي ھال سورايمىز.

يولداش رۇەن فۇجۇڭ قەتئىي ماركسىزمچى، ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە ۋىيېتنام خەلقىنىڭ ئۇلۇغ رەھبىرى، ئۇ بىر ئۆمۈر زېھنىنى ۋىيېتنام پارتىيەسى ۋە دۆلىتىنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىغا بېغىشلاپ، ۋىيېتنامنىڭ ئىسلاھ قىلىش، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرى ئۈچۈن، دۇنيا سوتسىيالىزم ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى.

يولداش رۇەن فۇجۇڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ يېقىن يولدىشى ۋە سەمىمىي دوستى، ئۇ جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ «يولداش ھەم قېرىنداش»لارچە ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو رەھبەرلىرى بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتقان. يولداش رۇەن فۇجۇڭ باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچلۈك تۈرتكە بولغان. جۇڭگو پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقى يولداش رۇەن فۇجۇڭنى مەڭگۈ ياد ئېتىدۇ.

بىز ۋىيېتنام پارتىيەسى ۋە ۋىيېتنام خەلقىنىڭ قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، يولداش رۇەن فۇجۇڭنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئىسلاھ قىلىش، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا يېڭى، تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام تاغ - دەريالىرى تۇتاش سوتسىيالىستىك قوشنا دۆلەت، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى. جۇڭگو باشتىن - ئاخىر ۋىيېتنامنى ئەتراپ دىپلوماتىيەسىدىكى ئالدىنقى يۆنىلىش دەپ قاراپ، ۋىيېتنام بىلەن بىرلىكتە سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىپ، رايون ۋە دۇنيا تىنچلىقى ھەم تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

يولداش رۇەن فۇجۇڭ مەڭگۈ ھايات!