«شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق»نىڭ 1 ـ تومى، 2 ـ تومى ۋە «شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» ناملىق كىتابنىڭ فەنتى نۇسخىسى 2024 ـ يىللىق شياڭگاڭ كىتاب كۆرگەزمىسىدە تۇنجى قېتىم تارقىتىلدى

2024-07-19 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شياڭگاڭ، 7 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى تېلېگراممىسى «شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق»نىڭ 1 ـ تومى، 2 ـ تومىنىڭ فەنتى نۇسخىسى ۋە «شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» ناملىق كىتابنىڭ فەنتى نۇسخىسى يېقىندا بىرلەشمە نەشرىيات گۇرۇھى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى. 7 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، شياڭگاڭ كىتاب كۆرگەزمىسى ئېچىلغان تۇنجى كۈندە يېڭى كىتابلارنى ئېلان قىلىش يىغىنى ھەم نەشر قىلىش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

«شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق»تا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچقانلىقى ھەم ئۈزلۈكسىز يېڭى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ تارىخىي مۇساپە جانلىق خاتىرىلەنگەن، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتا قولغا كەلتۈرگەن نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشتىكى مۇھىم نەتىجىلىرى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىشتىكى ھەقىقەت كۈچى ۋە ئەمەلىيەت ئۇلۇغ كۈچى تولۇق نامايان قىلىنغان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەت، مىللەتنىڭ تەرەققىياتى، ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە بولغان بۇرچى، مەسئۇلىيىتى نامايان قىلىنغان بولۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئەكس ئەتتۈرىدىغان نوپۇزلۇق ئەسەر. «شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» ناملىق كىتابتا يولداش شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكى، ماھىيەتلىك تەلىپى ۋە مۇھىم پىرىنسىپى قاتارلىق مول ئىچكى خاس مەزمۇنلارغا ئائىت چوڭقۇر ئىزاھاتلىرى سىستېمىلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت جەھەتتە يېڭىلىق ياراتقانلىقى، بۆسۈش ھاسىل قىلغانلىقى مەركەزلىك ئىپادىلەنگەن، پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تېپىپ چىققان جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى يولى، ياراتقان ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى يېڭى ھالىتى، بارلىققا كەلتۈرگەن زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مەنزىرىسى نامايان قىلىنغان.

ئۈچ كىتابنىڭ فەنتى نۇسخىسىنىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى شياڭگاڭدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى سىستېمىلىق چۈشىنىشى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ نەزەرىيە سىستېمىسى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىشىگە پايدىلىق بولۇپ، شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارنى دۆلەت، مىللەت ۋە مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لى جياچاۋ، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ شياڭگاڭدىكى ئالاقە ئىشخانىسىدىكى مەسئۇل يولداش، شياڭگاڭدىكى ۋەتەننى سۆيىدىغان، شياڭگاڭنى سۆيىدىغان ئاپپاراتلار، سىياسىي تەشكىلات، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە نەشرىيات ساھەسىدىكى ۋەكىللەر يېڭى كىتابنى ئېلان قىلىش يىغىنى ۋە نەشر قىلىش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. شياڭگاڭ دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى، شياڭگاڭ جۇڭگو كارخانىلىرى جەمئىيىتى، شياڭگاڭ مائارىپ خىزمەتچىلىرى بىرلەشمىسى قاتارلىقلارنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يېڭى كىتابنى ئېلان قىلىش يىغىنىدا ھەدىيە كىتابلارنى قوبۇل قىلدى. ئۈچ كىتابنىڭ فەنتى نۇسخىسى بۈگۈندىن باشلاپ شياڭگاڭ، ئاۋمېندىكى ھەرقايسى چوڭ كىتابخانىلارغا ئومۇميۈزلۈك سېلىنىدۇ ھەم نۇقتىلىق تونۇشتۇرۇلۇپ سېتىلىدۇ.