شى جىنپىڭ بېنگال زۇڭلىسى خاسىنا بىلەن كۆرۈشتى

2024-07-12 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

7 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن بېنگال زۇڭلىسى خاسىنا بىلەن كۆرۈشتى.□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لىن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر جېڭ مىڭدا) 7 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن بېنگال زۇڭلىسى خاسىنا بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگو ـ بېنگال مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن بېنگال ئۆزئارا چۈشىنىدىغان، ئۆزئارا ئالاقە قىلىدىغان، دوستانە ئۆتىدىغان يېقىن قوشنىلار، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە بېرىش ـ كېلىشى ئۇزاق يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلدى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت باشتىن ـ ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا قوللاپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىپ، دۆلەتلەر ئارىسىدا، بولۇپمۇ «يەرشارىنىڭ جەنۇبى»دىكى دۆلەتلەر ئارىسىدا دوستانە بېرىش ـ كېلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو ـ بېنگال ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم رەھبەرلىرى بەرپا قىلغان چوڭقۇر دوستلۇقنى قەدىرلەيدۇ، كېلەر يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، جۇڭگو ـ بېنگال ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ ئۆزئارا قوللايدىغان ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ بېنگال تەرەپنىڭ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان دىپلوماتىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى، ھەرقانداق سىرتنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ بېنگال تەرەپ بىلەن پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ۋە تەرەققىيات ساھەسىدىكى سىياسەت جەھەتتىن ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد ـ سودا، مەبلەغ سېلىش ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ بېنگال تەرەپ بىلەن كەسىپلەرگە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىنى قوللاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ يۇغۇرۇلۇپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، بېنگالنىڭ دۆلەت تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ كېلەر يىلى «جۇڭگو ـ بېنگال ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش يىلى»نى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت، ساياھەت، تاراتقۇ، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ بېنگال تەرەپ بىلەن خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدە ماسلاشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان قىممەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

خاسىنا مۇنداق بىلدۈردى: بېنگال تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان چوڭقۇر دوستلۇقىنى چەكسىز شەرەپ دەپ بىلىدۇ، جۇڭگونىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە تۈرلۈك قىيىنچىلىق، خىرىسلارنى يېڭىپ، كۈندىن ـ كۈنگە يېڭى ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرگەنلىكىگە چوڭقۇر قايىل. بېنگال مىللەتنىڭ ئازادلىقى ۋە نامراتلارنى ئازايتىش تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشقا قەتئىي كۈچ چىقىرىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ بۇ جەرياندا بېنگال تەرەپكە بەرگەن قىممەتلىك مەدىتىگە رەھمەت ئېيتىدۇ. بېنگال تەرەپ جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئۇنىڭدىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد ـ سودا، ئۇل ئەسلىھە، نامراتلارنى ئازايتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ياشلار، مەدەنىيەت قاتارلىق ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى بۇ رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى، بېنگال تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول» نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىغا داۋاملىق پائال قاتنىشىدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ بېنگالنىڭ جەنۇبىي قىسمىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئېچىش پىلانىغا پائال قاتنىشىپ، بېنگالنىڭ «2041 ئارزۇسى»نى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشۇشىنى قارشى ئالىدۇ. بېنگال تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى قوللايدۇ، تاشقى كۈچلەرنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ. بېنگال ـ جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ جەزمەن تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.