شى جىنپىڭ گىۋىنېيە بىسسائۇ زۇڭتۇڭى ئېمبالو بىلەن سۆھبەتلەشتى

2024-07-12 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

7 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن گىۋىنېيە بىسسائۇ زۇڭتۇڭى ئېمبالو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئېمبالو ۋە رەپىقىسى دېنىسىيە بىلەن بىللە خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر جېڭ مىڭدا) 7 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن گىۋىنېيە بىسسائۇ زۇڭتۇڭى ئېمبالو بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگونىڭ گىۋىنېيە بىسسائۇ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈشكە بىردەك قوشۇلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن گىۋىنېيە بىسسائۇنىڭ ئالاھىدە دوستلۇق تارىخى بار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، ئەمەلىي ھەمكارلىقى تېخىمۇ كېڭەيدى، خەلقئارادىكى ماسلىشىشى تېخىمۇ قويۇقلاشتى. جۇڭگو تەرەپ گىۋىنېيە بىسسائۇنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئۆز ئالدىغا ئىزدىنىشىنى قوللايدۇ، گىۋىنېيە بىسسائۇ بىلەن ئەنئەنىۋى دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، گىۋىنېيە بىسسائۇنىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ گىۋىنېيە بىسسائۇ بىلەن ھەرقايسى قاتلام ـ دەرىجىلىكلەرنىڭ دوستانە ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنى يېتەكچى قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى، كانچىلىق، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، كۆك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ گىۋىنېيە بىسسائۇنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىشنى قارشى ئالىدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنى گىۋىنېيە بىسسائۇغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ ھەمكارلىشىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ، گىۋىنېيە بىسسائۇنىڭ بايلىق يوشۇرۇن كۈچىنى تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق تۈردە گىۋىنېيە بىسسائۇنىڭ دۆلەت ئىچى قۇرۇلۇشىنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە قوللاپ، شال تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسلىرى ۋە داۋالاش ئەترەتلىرىنى داۋاملىق ئەۋەتىپ، گىۋىنېيە بىسسائۇنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى ۋە ئاممىۋى سەھىيە ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ مائارىپ، ياشلار قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق تۈردە ھۆكۈمەت ئوقۇش مۇكاپاتى سانى ۋە تەربىيەلەش سانى بىلەن تەمىنلەپ، گىۋىنېيە بىسسائۇنىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئېھتىياجلىق تېخىمۇ كۆپ تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئافرىقا پارلاق مەدەنىيلىككە ئىگە، مۇستەملىكە قىلىنغان، تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىغان ئېچىنىشلىق تارىخى بار، مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئازادلىقىنى قەدىرلەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىنتىلىدۇ. جۇڭگو بىلەن ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ بىر ـ بىرىنى قوللىشى ۋە ياردەم بېرىشى سەمىمىي بولغان، چىن، سەمىمىي دوستانە قېرىنداش ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشىنىڭ ئۈلگىسى، يېڭى ۋەزىيەتتە بىز بىرلىشىپ يېڭى دەۋر يارىتىشىمىز كېرەك. جۇڭگو ـ ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى جۇڭگو ـ ئافرىقا خەلقلىرىنىڭ تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپىنى پائال ئەمەلدە كۆرسىتىش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم سۇپا. ئىككى ھەپتە ئىلگىرى، بىز بېيجىڭدا تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزدۇق. بۇ يىل كۈزدە بېيجىڭدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك جۇڭگو ـ ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ گىۋىنېيە بىسسائۇ قاتارلىق ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ـ ئافرىقا ھەمكارلىق مۇھىم ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭىشىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداپ، قول تۇتۇشۇپ يۇقىرى سەۋىيەلىك جۇڭگو ـ ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق قۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

ئېمبالو مۇنداق بىلدۈردى: مەن ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن يېتىپ كەلگەن ئاشۇ دەقىقىدىن باشلاپلا جۇڭگو خەلقىنىڭ ئافرىقىلىق قېرىنداشلارغا بولغان سەمىمىي دوستلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. گىۋىنېيە بىسسائۇ بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى، مۇستەھكەم، ئىككى تەرەپ باشتىن ـ ئاخىر بىر ـ بىرىنى قەتئىي قوللاپ كەلدى. گىۋىنېيە بىسسائۇ قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، جۇڭگو ھەمىشە قىلچە ئىككىلەنمەي قىممەتلىك مەدەت بەردى، گىۋىنېيە بىسسائۇ خەلقى بۇنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ. بىزمۇ جۇڭگو بىلەن ئىلگىرىكىدەكلا قەتئىي بىر سەپتە تۇرۇپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ تەيۋەن قاتارلىق يادرولۇق مەنپەئەت مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى قەتئىي قوللايمىز. گىۋىنېيە بىسسائۇ جۇڭگونىڭ قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە قايىل، جۇڭگونى دىپلوماتىيەدىكى ئەڭ ئالدىنقى يۆنىلىش ۋە ئەڭ مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى دەپ قارايدۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ، ئۆرنەك قىلىپ، ئىقتىساد ـ سودا، سېلىنما، ئۇل ئەسلىھە، قېزىلما بايلىق، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو ئەزەلدىن مۇستەملىكە قىلمايدۇ، ئەزەلدىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشمايدۇ، ئەزەلدىن باشقا دۆلەتلەرگە ھاكاۋۇرلۇق قىلمايدۇ، ئەزەلدىن كىچىك دۆلەتلەرگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ كەلدى ۋە ئۇلارنى ھۆرمەتلىدى، ئەزەلدىن دېگىنىنى قىلىپ، سۆز ـ ھەرىكەتتە بىردەك بولدى. جۇڭگو ئافرىقا دۆلەتلىرىگە مەكتەپ، دوختۇرخانا، تاشيول قاتارلىق ئافرىقا خەلقىگە بەخت يارىتىدىغان ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ئېلىپ كەلدى. گىۋىنېيە بىسسائۇ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىشتە ئوينىغان مۇھىم رولى ۋە قوشقان ئىجابىي تۆھپىسىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك جۇڭگو ـ ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى باشلىقلار يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشىنى پائال قوللايدۇ. گىۋىنېيە بىسسائۇ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى ۋە يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ئىشلاردا ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، تاموژنا تەكشۈرۈش ـ كارانتىن قىلىش، گېئولوگىيە ۋە كانچىلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن گىۋىنېيە بىسسائۇ جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلدى.

سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدىكى مەيداندا ئېمبالو ۋە رەپىقىسى دېنىسىيەنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

ئېمبالو يېتىپ كەلگەندە، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپ تۈزۈپ ھۆرمەت بىلدۈردى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى پارات مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو ۋە گىۋىنېيە بىسسائۇ ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى، تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى. ئېمبالو شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.

شۇ كۈنى كەچتە، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا ئېمبالو ئەر ـ خوتۇن ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.