شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ۋېن شىن) 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن فىجى زۇڭلىسى لامبكا بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ فىجى ئەرلەر يەتتە كىشىلىك زەيتۇن توپ كوماندىسىنىڭ پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: فىجى يېڭى جۇڭگو بىلەن ئەڭ بالدۇر دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان تىنچ ئوكيان ئارال دۆلىتى، كېلەر يىلى جۇڭگو بىلەن فىجى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى كۈتۈۋالىمىز. يېرىم ئەسىرگە يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، ئىككى دۆلەت باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا قوللاپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، چوڭ - كىچىك دۆلەتلەر ئۆزئارا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، دوستانە ھەمكارلىشىشنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - فىجى مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، فىجىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى داۋاملىق تۈردە كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بىلەن تەمىنلەپ، فىجى تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭ يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، جۇڭگو - فىجى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ لامبكانىڭ يۈننەن، فۇجيەن، جېجياڭدىن ئىبارەت ئۈچ جاينى زىيارەت قىلىش ئەھۋالى ۋە تەسىراتىغا بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگونىڭ نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلارنى ئازايتىش جەھەتتىكى ئۇسۇلى ۋە تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق خەلق ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە ئورتاق قەدەم قويدى. بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەت، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئىنسانىيەتنىڭ نامراتلارنى ئازايتىش ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن قوشقان تارىخىي تۆھپىسى. بۇ جەرياندا، بىز ھەربىر مىللەت، ھەربىر رايون، ھەربىر ئادەمنى چۈشۈرۈپ قويماي، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىدىغان سىياسىي ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلىپ، پۈتۈن جۇڭگودىكى 56 مىللەت خەلقىنىڭ چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتۇق. ھازىر، جۇڭگو جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش − تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش. جۇڭگو بىلەن فىجى «يەرشارىنىڭ جەنۇبى»غا تەۋە، جۇڭگو تەرەپ فىجى قاتارلىق تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشىنى ياردەم بىلەن تەمىنلەپ، تەرەققىيات ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، تىنچ ئوكياننى تىنچ بولغان ئوكيان، دوستلۇق ئوكيانى، ھەمكارلىق ئوكيانىغا ئايلاندۇرۇشنى خالايدۇ.
لامبكا جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئەلا نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلىدى. لامبكا مۇنداق بىلدۈردى: مەن 30 يىل ئىلگىرى زۇڭلى سۈپىتىدە جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان، بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە يۈننەن، فۇجيەن، جېجياڭ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ زىيارەت قىلىپ، جۇڭگونىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە نامراتلىقنى تۈگىتىش ۋە تەرەققىيات جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ مۆجىزىلىرى ۋە غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ئۆز كۆزۈم بىلەن گۇۋاھ بولدۇم، چوڭقۇر قايىل بولدۇم. مەن جۇڭگو تەرەپنىڭ ئىلغار ئىدىيەسى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىشنى ئۆگىنىش، ئۆرنەك قىلىشنى، جۇڭگو تەرەپ بىلەن نامراتلىقنى ئازايتىش، ئۇل ئەسلىھە، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىمەن. فىجى تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار يەرشارىۋى تەشەببۇسلارنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى داۋاملىق ئورتاق بەرپا قىلىپ، تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىنچ ئوكياننى تىنچ بولغان ئوكيانغا ئايلاندۇرۇشنى خالايدۇ. فىجى تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى تولۇق چۈشىنىدۇ، داۋاملىق تۈردە بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ.
ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن فىجى جۇمھۇرىيىتىنىڭ قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلدى.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.