جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

2024-08-25 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

«غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشتا يېڭى ئەندىزە شەكىللەندۈرۈشكە يەنىمۇ تۈرتكە بولۇشقا دائىر بىرقانچە سىياسەت - تەدبىر» قاراپ چىقىلدى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 8 - ئاينىڭ 23 - كۈنى يىغىن ئېچىپ، «غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشتا يېڭى ئەندىزە شەكىللەندۈرۈشكە يەنىمۇ تۈرتكە بولۇشقا دائىر بىرقانچە سىياسەت - تەدبىر»نى قاراپ چىقتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەقسىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئورنى ۋە بۇرچىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىزچىل ياخشى تۇتۇپ، دىققەتنى كەڭ كۆلەمدە قوغداش، كەڭ ئېچىۋېتىش، يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، رايوننىڭ ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ ۋە ئاشۇرۇپ، رايون ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىنى ئېچىش كېرەك. مەۋقەنى فۇنكسىيەلىك ئورۇن ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى كۈچەيتىپ ۋە زورايتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەدە قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، گۈزەل غەربىي قىسىم قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، ئوچۇق ئىقتىساد سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيە بايلىقى كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، پاكىز ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا نوپۇسى كۆلەملىك نامراتلىشىپ كېتىش، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ يۈزبەرمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك. مەركەز رايونلار ماس تەرەققىياتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ۋەزىپىلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك؛ ئالاقىدار تارماقلار قاراتمىلىققا ئىگە سىياسەت - تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك؛ غەربىي قىسىمدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. ئېھتىياتچان بولۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرما، ۋەزىپىلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.