شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەرقايسى دۆلەت پارلامېنتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا بولغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ھەم تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر پارلامېنت ئەزالىرى مۇھاكىمە كۇرسىغا قاتناشقان چەت ئەل تەرەپ پارلامېنت رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

2024-08-22 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرما جويەن) 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەرقايسى دۆلەت پارلامېنتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا بولغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ھەم 6 - قېتىملىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر پارلامېنت ئەزالىرى مۇھاكىمە كۇرسىغا قاتناشقان چەت ئەل تەرەپ پارلامېنت رەھبەرلىرى بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ ھەرقايسى دۆلەت پارلامېنت باشلىقلىرىنىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئېلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: ھەرقايسى پارلامېنت باشلىقلىرى ئوخشاش بولمىغان قىتئەلەردىن كەلگەن، بىز ھەممىمىز «يەرشارىنىڭ جەنۇبى»نىڭ ئەزالىرى. گەرچە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ئوخشاش بولمىسىمۇ، شارائىتى ھەر خىل بولسىمۇ، لېكىن بىز ھەممىمىز مەقسەت - نىشانى بىردەك بولغان ياخشى قېرىنداش، ياخشى ھەمراھ. ھازىر، دۇنيا ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، بىز ئورتاق ياشاۋاتقان يەرشارىنى ئىناق چوڭ ئائىلە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالاقە قىلىشى دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ باراۋەر، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئالىدىغان تەرەققىيات ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولغان ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئادىل، مۇۋاپىق بولغان يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا پائال رول ئويناپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئالاھىدە تۆھپە قوشۇش مەسئۇلىيىتى بار، شۇنداقلا ئىقتىدارى بار. جۇڭگو باشتىن - ئاخىر «يەرشارىنىڭ جەنۇبى»نىڭ بىر ئەزاسى، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىش جۇڭگو تاشقى مۇناسىۋىتىنىڭ تەۋرەنمەس ئۇلى. جۇڭگو ئۆزىنىلا ئويلاپ، باشقىلار بىلەن كارى بولمايدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ئىنتىلمەيدۇ، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە تىنچ تەرەققىي قىلىدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ھەمكارلىشىدىغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان دۇنيانىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، بىرلىكتە تىنچلىقنى قوغدايدىغان مۇقىملىق كۈچى، ئوچۇق تەرەققىي قىلىشتىكى تايانچ كۈچ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشتىكى ئىجابىي كۈچ، مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئالىدىغان ئىلگىرى سۈرۈش كۈچى بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى، ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشىدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى مەنزىل ئاچىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ئىدارە قىلىشتا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ناھايىتى مۇھىم بىر تەجرىبىسى شۇكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش. بار مەسلىھەت ئىش قىلىش، كۆپچىلىكنىڭ ئىشىنى كۆپچىلىك مەسلىھەتلىشىش، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئارزۇسى ۋە تەلىپىنىڭ ئەڭ چوڭ ئورتاقلىقىنى تېپىپ چىقىش خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ چىن مەنىسى. پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ مۇكەممەل تۈزۈم تەرتىپى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە مۇكەممەل قاتنىشىش ئەمەلىيىتى بار، ئۇ كەڭ دائىرىلىك، ھەقىقىي، ئۈنۈملۈك. جۇڭگو تەرەپ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەرقايسى دۆلەت پارلامېنتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر - بىرىنىڭ تاللىغان تەرەققىيات يولى ۋە تۈزۈم ئەندىزىسىگە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا، قانۇن چىقىرىش ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئورتاق ئۆستۈرۈپ، «يەرشارىنىڭ جەنۇبى»دىكى دۆلەتلەرنىڭ دوستانە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ئۈچۈن ياخشى قانۇنچىللىق مۇھىتى يارىتىشى، خەلق رايى ئاساسىنى پۇختىلىشىنى ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا قوللايدۇ.

ھەرقايسى دۆلەت پارلامېنتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى، تانزانىيە خەلق پارلامېنتىنىڭ پارلامېنت باشلىقى ئاكسون، نامىبىيە خەلق پارلامېنتىنىڭ پارلامېنت باشلىقى كاتجاۋىۋى، سۇرىنام خەلق پارلامېنتىنىڭ پارلامېنت باشلىقى بېي چەت ئەل تەرەپكە ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: ھەرقايسى دۆلەت پارلامېنتلىرى ئىتتىپاقى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك، دوستانە، قويۇق ھەمكارلىققا ئىگە، جۇڭگو تەرەپنىڭ ھەرقايسى دۆلەت پارلامېنتلىرى ئارىسىدىكى ئىتتىپاقلىق، ئۆزئارا ئىشىنىش، دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە باشتىن - ئاخىر كۈچ چىقىرىپ، ھەرقايسى دۆلەت پارلامېنتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشقانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمىز. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا نەچچە يۈز مىليون كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ ھەم دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ئۇلۇغ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان باشقا دۆلەتلەرگە ئۈلگە تىكلەپ بەردى، ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى، يەنە ئۇلارنى مۇھىم پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. ھەرقايسى دۆلەت پارلامېنتلىرى ئىتتىپاقى جۇڭگو تەرەپنىڭ خەلقئارا ئىشلاردا ئادىل، ھەققانىي مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، چوڭ - كىچىك دۆلەتلەرنىڭ بىردەك باراۋەر بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقانلىقىنى ئالقىشلايدۇ. ھەرقايسى تەرەپلەر بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى ۋە يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئالقىشلايمىز، جۇڭگو بىلەن بولغان دوستانە ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىمىز، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىمىز، جۇڭگو تەرەپ بىلەن قويۇق ھەمكارلىشىپ، كۆپ تەرەپچىلىكنى ئورتاق قوغداپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان قىممەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار ۋە سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىمىز.

سەي چى، ۋاڭ يى، لى خۇڭجۇڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.